Get Adobe Flash player

بىزنى تەقىپلەڭ

Find رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى on TwitterFind رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى on FacebookFind رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى on YouTubeرەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى RSS feed

شىرىن بولاقنى ئاڭلىغانمۇ؟

تاللانغان سۈرەت

برنامج نبي الرحمة للأطفال في قناة المجد 5 من 7

Get Mercy toolbar!

مەككىنى بىۋاستە كۆرۈڭ

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەلىماتلىرى

Loading...
ئاللاھقا، پەيغەمبىرىمىزگە، ساھابىلارغا مەدھىيە(قۇتادغۇبىلىك)

You are missing some Flash content that should appear here! Perhaps your browser cannot display it, or maybe it did not initialize correctly.

You are missing some Flash content that should appear here! Perhaps your browser cannot display it, or maybe it did not initialize correctly.

You are missing some Flash content that should appear here! Perhaps your browser cannot display it, or maybe it did not initialize correctly.

001TABRIK SOZI.mp3
شىرىن بۇلاق(Xirin Bulaq)
ئاپتۇرى: سەفۇيۇرراخمان مۇبارەك فورى [ھىندىستان]
نەشىر قىلىنغان ۋاقىت:ھىجىريە 1400-يىلى
مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخنى يېزىش مۇسابىقىسىدە 1-بولغان كىتاپ

1.

You are missing some Flash content that should appear here! Perhaps your browser cannot display it, or maybe it did not initialize correctly.

2.

You are missing some Flash content that should appear here! Perhaps your browser cannot display it, or maybe it did not initialize correctly.

ئىلاھى چاقىرىق ۋە ئۇنىڭ ماددىلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تەئالادىن «ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر)! تۇر! ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا. كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازابتىن (يەنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول. كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى كىشىگە بىرەر نەرسە سوۋغا قىلساڭ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئېلىشنى تەمە قىلما). پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىل» (7 — 74:1) دېگەن مەزمۇندا بىر نەچچە ئىلاھىي چاقىرىقلارنى تاپشۇرۇۋالدى.

ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىش

بىز ھازىر غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى توقۇنۇشۇۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز, ئۆز ۋاقتىدا ياۋرۇپا ئەللىرىگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىن يىراقلىشىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيا كاپىرلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى بىرلىشىپ، مۇسۇلمانلار گەۋدىسىنى پارچىلاپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قايتىدىن ئىسلام بايرىقى ئەتراپىغا ئۇيۇششتىن توسۇپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن يىراقلاشتۇرۋەتكەنلىكىدۇر.

مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى (1)

ھىجرەت قىلىش دېگەنلىك - ھەر خىل پىتنە - پاسات ۋە مەسخىرە مازاقلاردىن قۇتۇلۇش دېگەن مەنىنىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، بەلكى يەنە تىنچ - ئامان شەھەردە يېڭى بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىش دېگەنلىك بولاتتى. شۇڭا، بۇ يېڭى ۋەتەننى قۇرۇشقا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرالايدىغان ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە شانۇ - شەۋكىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشالايدىغان ھەرقانداق بىر مۇئمىن - مۇسۇلمانغا ھىجرەت قىلىش پەرز قىلىپ بېكىتىلدى.

مەدىنىنىڭ ھىجرەت مەزگىلىدىكى ۋەزىيىتى (2)

2. مەدىنىدىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدىكى تېخىغىچە مۇسۇلمان بولماي تۇرۇۋاتقان مۇشرىكلار مەسىلىسى - ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ھۆكۈمرانلىق تالاشقۇدەك كۈچ- مادارى يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىملار بۇ يېڭى دىنغا نىسبەتەن دەرگۇمان بولۇپ، ئەجدادلىرىنىڭ تۇتقان يولىنى تاشلىغۇسى كەلمەي ئىككىلىنىپ يۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتا دىللىرىدا ئاداۋەت ۋە سۇيىقەست پىلانلاپ يۈرمەيتتى. ئۇنداقلار ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىخلاسمەن مۇئمىن بەندىلەردىن بولۇپ كەتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەل بولۇپ كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمەكلىرى (2)

6. بەنى ئۇزرە ئەلچىلىرى — بۇلار ھىجرىيىنىڭ 9- يىلى سەپەر ئېيىدا كەلگەن. ئۇلار 12 ئادەم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەمزە ئىبنى نۇئمان ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئەلچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: «بىز بەنى ئۇزرە خەلقى قۇسەي (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالتىنچى بوۋىسى) نىڭ ئانا تەرەپ تاغىلىرىمىز. قۇسەيگە ياردەم بېرىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، خۇزائە ۋە بەنى بەكرى قەبىلىلىرىنى مەككىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا تايانچ بولغانمىز. بىزنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقا ئۇرۇق-تۇغقانلچىىقىمىز ۋە كونا قىرابىتىمىز بار» دېدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەل بولۇپ كەلگەن ئەلچىلەر ئۆمەكلىرى (1)

تارىخچىلار يېزىپ قالدۇرغان ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ قېتىم سانى 70 تىن ئاشىدۇ. بىزگە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ ھەم ئۇنىڭ تەپسىلاتىغا چوڭقۇرلاپ كىرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. بىز بۇ يەردە پەقەت تارىخى ئەھمىيىتى زور ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئەلچىلەرنىڭ ئەھۋالىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز. كۆپ قىسىم قەبىلە ۋە ئايماقلارنىڭ ئەلچىلىرى گەرچە مەككە پەتھىسىدىن كېيىن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم قەبىلە خەلقلىرىنىڭ ئەلچىلىرى مەككە پەتھىسىدىن ئىلگىرى كەلگەن. 1.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشى جەريانىدا يول ئۈستىدە يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەر

1. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: بىز پۈتۈن بىر كېچە - كۈندۈز ۋە ئەتىسى ئەتىگەندىن تاكى چۈش بولغانغا قەدەر يول يۈردۇق، ھەتتا بىر چاغدا يوللار تىنچلىنىپ تولا - تېرىم ئادەم ئۇچرىمايدىغان بولۇۋىدى، بىزگە يىراقتىن چوڭ بىر تاش كۆرۈندى. بىز ئۇنىڭ سايە تاشلىغان تەرىپىگە ئۆتۈپ چۈشتۇق. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۆز قولۇم بىلەن ئارام ئالىدىغان جاي راسلىدىم - دە، ئۇزۇن بىر چاپاننى سېلىپ: «ئۇخلىسىلا ئى رەسۇلۇللاھ، مەن ئەتراپنى كۆزىتەي» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇخلاپ قالدى.

بۈگۈنكى ھەدىس

5/307 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »بىر ئادەم ئۆزىنىڭ تېمىغا قوشنىسىنىڭ ياغاچ ئارتىۋېلىشىنى چەكلىمىسۇن« ئاندىن ئەبۇھۇرەيرە يەنە مۇنداق دەيدۇ: سىلەرگە نېمە بولدى؟ مەن سىلەرنىڭ بۇ سۈننەتتىن يۈز ئۆرىگىنىڭلارنى كۆرىۋاتىمەنغۇ، ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ سۈننەتنى سىلەرنىڭ زىممىڭلارغا يۈكلەيمەن (بۇ ئامانەتنى ئاراڭلارغا تاشلايمەن). [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

داۋامىنى: كۆرۇش

يانۋاردىن كىيىنكى زىيارەتچىلەر

كۆپ تىللىق تور بېكەت