Get Adobe Flash player

بىزنى تەقىپلەڭ

Find رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى on TwitterFind رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى on FacebookFind رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى on YouTubeرەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى RSS feed

تاللانغان ماقالە

شىرىن بولاقنى ئاڭلىغانمۇ؟

Latest image

Salaam Aleikum querid@s herman@s,

تاللانغان سۈرەت

m031.jpg

Attached images

m006.jpg

Get Mercy toolbar!

مەككىنى بىۋاستە كۆرۈڭ

باشبەت
m006.jpg

ئاللاھتائالا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىم ھىكىمەت،روھى لەززەتنى ئاتا قىلغان بولۇپ،ھېكىمەت ئىلىمى دۇنيادا زۇر تەسىر كۇرسىتىدۇ ، ئەمىسە تۇۋەندىكى ھېكىمەتلەرنى كۇرىپ بىقىڭ ! ئاللاھ غەزىپى ساڭا چۇشمەسلىكى ئۇچۇن ئىبادەت ،ئىستىقامەتتە چىڭ تۇر .  

. تولا داۋالاشما ،غەزەپكە يولۇقۇپ قالىسەن.
. ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئازلىغى ،خارلىقنى ئېلىپ كىلىدۇ .
. دۇنيا ئەھۋالىنى ياخشى بىلسەڭ ،ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەيسەن .
. زىياپەتتە ياخشى تائام ئالدىڭغا قۇيۇلسا ،ئالدىراپ كەتمە،سۇنى تېز ئېچكەن ئادەم تېز ئۇسسايدۇ،ئالدىراڭغۇلۇق شەيتاندىن.
. ئەگەر،سەن ئىلىم-ھېكىمەتكە ئەمەل قىلالىساڭ ،دۇنيا-ئاخىرەتت ئىسىل پەزىلەتكە لايىق بۇلىسەن.
.كىشىلەرنىڭ ئولۇغىنى تۇنۇشمۇبىر نېئىمەتتۇر.

. رەببىڭ سەندىن ئىنتىقام ئالمىسۇن دېسەڭ ،كىشىلەرنى قورقۇتما.
. زولۇم قلىپ باي بولساڭ،كېيىن زولۇمغا ئۇچراپ پېقىر بۇلىسەن .
. ئاللاھ خالىغاننىنى ئەزىز ،باي ،خالىغاننىنى پىقىر ،خار قىلىدۇ،بۇ ئىرادىگەئىتراز ،چاقچاق قىلغۇلى بۇلمايدۇ .
. سىنى ئاللاھ سىنايدۇ ،سەن ئاللاھنى سىنىمايسەن،ئۇ خالىغىنىنى قىلىپ سوراققا تارتىلمايدۇ ،سوراق قىلىدۇ،نىمە قىلدىڭ دىمەيدۇ ،بۇنى نىمە ئۇچۇن قىلدىڭ ؟ دەيدۇ .
. ئاقىل بولساڭ،بالاڭنى ياخشى تەربىيەلە،ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۇگىتىپ،يامان كىشىلەردىن يىراق قىل ،چۇنكى ،ئۇ ئاق دەپتەر شۇنداق قىلالىساڭ ،دۇنيا ئاخىرەتتە ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلىسەن .
. شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى،پۇتكۇل مەخلۇقلارنى ياخشى كۇرىپ ،كۇيۇنۇپ يارتىپ،تۇردىغان ئاللاھنىڭ قولىدا ،تەقدىر بار ۋە تەدبىرلەر بار .
.بىلگىنكى پىقىرلىقتىن كېيىن دۇلەتكە ،خارلىقدىن كېيىن ،ئىززەتكە ئېرىشسەڭ ،بالدۇرقى كۇنۇڭنى ئۇنۇتماي شۇكرى قىل ،مال-مۇلكىنى ساقلاپ بېخىللىق قىلىپ ،ھەقنى توسىما،چۇنكى ،ئۇ ساڭا ئامانەت ،ياخشى ئادا قىل ،ئۇمۇ سەندىن يۇتكىلىپ كىتىدۇ ،ساڭا پەقەت ئاخىرىدا ياخشى يامان ھۇكۇم چىقرلىش قالىدۇ خالاس.
. ھەق يولغا ،ھىدايەت تاپقان كىشىدىنمۇ ئۇلۇغ كىشىنى تاپالامسەن؟
. كىمكى ،قانۇن-تۇزۇم شەرىئەتكە خىلاپلىق قىلسا ،يامان جازالىنىدۇ.
.كۇفرىدىن چۇڭ گۇناھ يۇق.دوۋزاخ ئوتىدىن چۇڭ جازا يۇق .
.ھەقىقى ئادالەت بەلگىلىمىسى ،ئۇزگەرتىشنى قۇبۇل قىلمايدۇ.

. بەزى چاغلاردا سۇئال سۇرىمىسا گەپ قىلما .
چۇڭلار ئىشقا بۇيرىسا ،خاتا بولمىسىلا ،ئىجرا قىل ،بولمىسا خەتەرلىك .
. ئىلىم ھىكىمەتتە ،بىرەرسىنىڭ ئولۇغلۇغىنى ھىس قىلساڭ ،ئۇنىڭغا چۇڭچىلىق قىلما ،چۇنكى سەن ئىلىم ھىكىمەتتىن چۇڭ بۇلالمايسەن .
. ئالىملار مەجلىسىدە ئالدىراپ سۇز قىلما،چۇنكى ،سەندىن ئالىمراقى باردۇر .
. نۇرغۇن جايلاردا بىر خل سۇز قىلىش نادانلىق،ھەرخىل جايلاردا ،لايىقىدا سۇز قىلىش دانالىق .
. بىرەرسىنى ياخشى ئەمەلدىن توختىتىپ قۇيما ،بۇلمىسا سەن ياخشىلىقنىڭ دۇشمىنى بۇلىسەن .
. ئامانەتكە خىيانەت قىلمساڭ ،ئىززىتىڭ ،ئىشەنچىلىكلىكىڭ ئاشىدۇ .

. ھەقىقى ئالىم .ئۇستاز ياكى ئىمام باشلىق بىلەن بەسلەشكەن كىشى ،ھەقىقى ئەخمەق بولىدۇ .
. بىرەر ئۇيگە كىرسەڭ ،شۇ .ئۇيدىكى گۇزەل ئاياللاردىن قاتتىق ھەزەر قىل ،كۇز-قىرىڭنى سالما ،مايىل بولما،ئەنە شۇنداق قىسقا لەززەت ،نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۇمرىنى نابۇت قىلدى،زىنا ئويى ،خارابلىق جايى ،زىنانى مەخسەت قىلغان قەلىب ،خاراب ،زىناخور بۇلسا ،تۇغرا يولنى تاپالمايدۇ ،غەزەبكە يۇلۇقىدۇ .
. ئاقىل بولساڭ ،ئۇز ئۇيۇڭنىڭ تەدبىرىنى ياخشى قىل ،ياخشى ئىگە بول ،دەيۇز بولما ،يولىدا كۇنلە ،ئىككى ئالەمدە شېركىڭ بولغان ئايالىڭغا ياخشىلق قىل ،يۇمشاق دىللىق ،سوغا-سالاملىق بولۇپ ،قەلبىنى ئۇت .
. ئىلمىڭدىن ئەجەبلەنمە ،چۇنكى ،ئىلىم دېگەن قىرغىقى يوق ھەكسىز دېڭىز ،سەن بىر گۇھەرگە ئېرىشسەڭ ،باشقىلار مىڭغا ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن ،ئىلىم-ھېكمەت بولسا ،ۋۇجۇدى كام مەنىۋى ئۇلۇغ نەرسە .
باش بولساڭ ،كەينىڭدىكىلەرگە ياخشى ئۇلگە بولغۇدەك بول ،قازى بۇلساڭ ،ياخشى ئاڭلاپ ،غەزەبلەنمەي تۇغرا ھۇكۇم قىل .

. سېنىڭ بۇيرۇقۇڭ ياكى چەكلىشنىڭ ،ئىرادە قىلشىڭ ياخشىلىققا ئېرشىش ئۇچۇن ئەمەس ،بەلكى ،ئىرادىنى ياخشىلاش ئۇچۇن بولسۇن ،ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ .
ئازماسلىقىڭ ئۇچۇن ،پىكىر ،تەپەككۇر،كۇز قاراشتا مۇستەبىدلىك قىلما،ھەم سېنىڭ دوسىتلىرىڭ ئالدىدا شەخسىيەتچىلىك قىلما .
قاتتىق بولما ،سونۇپ كىتىسەن. يۇمشاق بۇلما سىقىلىپ كىتىسەن .
ئىقتىساددا بېخىللىق ياكى ئىسراپچىلىق قىلماي ئوتتۇراھال بول .
ساڭا باشقىلار ئىتائەت قىلغاندا ،قادىر بولالايدىغانغا تەكلىپ قىل .
ئىككى تەرەپكە ئۇتتۇرىدا تۇۇرپ ئادىل ھۇكۇم قىل ،بىر يانغا يان باسما .
ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىنى ئەپۇ قىلغان بولساڭ ئىككىنچى شۇ ئىشنى تىلغا ئالما .
كىم تېرىشسا ئىخلاس قىلسا ،ئاللاھ ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چېقرىپ بېرىدۇ .

بۇگۇنكى پۇرسەتنى ئەتىگە قويما ،تېرىشقان تاپىدۇ .
ھاياتىڭدا ئىنتىزامچانلىق بىلەن ئۇزۇڭنى كونتىرۇل قىلالىساڭ ،زور غەلبە قىلغان بولىسەن ،شەھۋەتكە بويسۇنغان خار ،مەغلۇپتۇر .
چۇڭلار ئالدىدا ھەقنى دىسەڭمۇ ،تاكاللاشقان بولىسەن ،ئۇزۇڭنى كەمتەر تۇت ،سۇزى تۇختىغاندا پۇرسەت تىپىپ سۇزلە .
مۇنازىرلەشكەندە ،كۇلۇپ تۇرۇپ ،ئەخلاقلىق بىلەن مۇنازىرلەش .
قېرىندىشىڭ ساڭا يامان گەپ قىلسا ،سەن ياخشى گەپ قىل .
باشقىلار گەپ قىلۋاتسا ،گىپىنى بۇلمەي ،بېرىلىپ ئاڭلا،سۇكۇت ،گۇھەردىن قىممەتلىك ،سۇزلىسەڭ قىممەتلىك سۇزلە .
پېقىرنى ۋە ئۇنىڭ كۇز قارشىنى ھاقارەتلىمە .بۇ ئالىيجاناب ئىش ئەمەس .
كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىيقەتنى بۇرمىلىما ،بولمىسا زور ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ .
ساڭا باشقىلار ئاشكارلىغان سىرنى سەن باشقىلارغا ئاشكارلىما .
ھاياتى تەرجىمىھالى ياخشى بولمىغان كىشى ئازغۇن ،سەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئازما ،ئىبىرەت ئال .

تارىخ دىگەن كەلگۇسىگە تۇتۇلغان ئەينەكتۇر ،ياخشى كۇرىپ باق .
ھەر قانداق قەۋم بىلەن ياشىساڭ ،ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئۇتىۋال .
سۇزلىرىڭ دائىم قىسقا توغرا ،پايدىلىق بولسۇن .
توغرا يۇل تاپاي دېسەڭ ،ياماندىن يىراق بول ،مەخلۇققا بولغان تامادىنمۇ يىراق بول ،ئۇ داۋاسى يوق كېسەل ،پېقىر قىلېتىدۇ .
ئۇزىنىمۇ بارچە غىمىنىمۇ ۋاختىنىمۇ دۇنياغىلا قا راتقان كىشى قىلچە لەززەت ئالالماي كېتىدۇ ،كىشىلەردىن قورۇققان كىشى ،غەمدە ئولۇپ كىتىدۇ ،لەززەتنى ،باتۇرلار تېتىيالايدۇ .
كۇندۇزدىكى ئەمەل ۋاختىنىمۇ شەھۋەتكە بەرگەن كىشىنىڭ ئائىلىسى ۋەيران ،خاراپ بولغاندەك،بۇ دۇنيادىكى بارلىق ۋاقتىنى شەھۋەكە بەرگەن كىشى ئاخىرەتتە ۋەيران ،خارابتۇر .
دوستڭنىڭ تەبئىتىنى ،مىجەز-خاراكتىرنى ئۇقماقچى بولساڭ ،ئۇتمۇشىنى سورا .
ھاياتلا بولساڭ ،خۇشخۇي ،ئەخلاقلىق بول .
كىشىلەر ئارسىغا ئاداۋەت سالغان كىشى ئۇزى يالغۇز قالىدۇ،ھەمراھ تاپالمايدۇ .

تېشىڭدا ياخشى بولغاندەك ئىچىڭدىمۇ ياخشى بول .
ئىنسان قېرىسا كېچىكلىككە قايتىدۇ ،كۇزى،سۇزى،قۇلىقى،ئەقلى،ئەستە تۇتۇش ،كۇچ-قۇۋۋىتى ھەممىسى شۇ .
شۇڭا ئاتا-ئاناڭغا كۇيۇن ياخشىلىق قىل .
ئەمەللىرىڭدە ئاللاھقا ئىخلاس قىل ،بۇ قۇلچۇلۇقنىڭ سەمىيمىيتى .
رەببىڭ ياقتۇرمايدىغان ئىشلار بىلەن ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق ئىزدىمە ،تەقدىردىكى سىرنى كوچىلىما ،بۇ ئەقلى ئىدراكدىن ئىشتۇر .
بىرەرسى مەسلىھەت سورىسا ،ساماۋى كىتاب قۇرئاندىن مەسلىھەت بەر ،مۇسۇلمان بولۇپ ،كارامەت بېرىلگەن بىر زاھىد مۇنداق دېگەن ؛
مەن ئىسلام دىنىنى نەپسىمگە دەڭلىسەم ،ئۇ ياقتۇرمىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن ئىسلام دىنى توغرا ئىكەن دەپ موسۇلمان بولغان .
ئاياللارغا مەسلىھەت سېلىپ ،قارشىسىنى قىلساڭ ،غەلىبە قىلىسەن .
زولۇمغا ئۇچرىغان كىشى ،ئاللاھقىلا ئەرز قىلسۇن،چۇنكى ،ئۇ ھەقنى ئاشكارلاپ باتىلنى يوقاتۇقۇچىدۇر .
ياخشى باشلىنىشقا ئېرش ،ئاخىرى تىخخمۇ ياخشى بولىدۇ .

تىلىڭنى ئوبدان ساقلا،چۇنكى،ئۇ ھەممە يامانلىقنىڭ سەۋەبچىسى ،قىيامەت كۇنى ھەر بىر لەۋزىدىنمۇ ھېساپ برىسەن،ھالاللىرىغا ھېساب ،ھاراملىرىغا ئازاب دىگەن شۇ .
يېشىڭ كىچىك چاغدا يېشى كىچىك قىزنى ئال ،بەخىتلىك بولىسەن ،پات يېقىندا بالاڭ قولۇڭنى بىكارلايدۇ ،زاھىد بۇلىسەن .
ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلساڭ ،سەنمۇ شۇ ياخشىلىققا ئېرشىپ ،يەنە جەننەت بېرىلىدۇ .
قېرىندىشىڭنىڭ ھەققىنى قېرىنداشلىق ھەققىگە تايىنىپ ئېلىۋالما .
ئىرادەم كۇچلۇك بۇلسۇن دىسەڭ ،ئايال كىشىنى قەلبىڭگە غالىب قىلما .
ئايال كىشىگە مايىل بولۇپ،ئازساڭ ،دىنىڭ ،شەرىئىتىڭ بىلەن ئويناشقان بولىسەن ،ئايال كىشى دىگەن قارارى يوق ،ئاققان سۇغا ئۇخشايدۇ ،سىرىڭنى بەرمە ،ئۇ شرىن دۇشمەن ،شەھۋەت نەپسى ھالاكەتتۇر .
ھاراق ئىچكۇچى ،خارلىق ،خاراپ ئىچكۇچىدۇر .
قورقۇنچاقلىق ھاياتىنى ئۇزارتالمىغاندەك ،باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ .

ئىبادەت بىلەن ئويۇڭنى لازىم تۇت ،ياخشىلىققا بۇيرۇغۇچى ئالىمنى زىيارەت قىلساڭ ،يېقىن دۇستۇڭنى كېسەلدىن يوقلىساق مەيلى .
بىر پۇرسەت قولدىن كەتسە ،ئۇمىد ئۇزمەيئىككىنچىنى چىڭ تۇت .
ھەيىبىنىڭ يۇقالماسلىقى ئۇچۇن كىچىك بالىلار بىلەن ئوينىما .
يامانلىقنى سۇزلىسەڭ ،ئاقىۋىتى ئۇزۇڭگە قايتىپ كىلىدۇ .
نەپسىنى باشقۇرۇش دېگەن ھاۋايى-ھەۋەسدىن توسۇشتۇر .
سەن ھەرگىز تىكەندىن ئۇزۇم ئۇزەلمەيسەن .
ھەربىر ئىنسان باشقىلار بىلەن ئەمەس ،ئۇزى بىلەن مەشغۇل بولسۇن .
ھەقىقى بەخىت ،مال-دۇنيا بىلەن بولمايدۇ ،بەلكى، ئەقىل نۇرى ،پەزىلەت،ئېسل ئەخلاق ،قانائەت ،رازىلىق بىلەن بولىدۇ ،خۇددى ،بايلىق پۇل بىلەن ئەمەس نەپسىنىڭ بىھاجەتلىكى بىلەن بولغاندەك .
ئۇستازىڭنىڭ ئاچچىقى بېسىققۇچە نېرى تۇر .

قانچە قاتتىق كۇنگە قالساڭ ،شۇنچە ئۇمىد ئۇزمە ،چۇنكى ،بىر مۇشكۇللۇك ،قېيىن ئىش بىلەن ئاسان بىللە .
ۋەكىل تۇتماقچى بۇلساڭ ،ئىشەنچىلىك ئاقىلنى تۇت.
كىشىلەرنىڭ تاشقى كۇرنىشىگە قاراپ ئىشىنىپ قالما ،ھالاك بولىسەن .
كىشىنىڭ ياخشى-يامانلىقىى دوستىدىنمۇ ،دۇشمىنىدىنمۇ سورىما .
قىلۋاتقان خىزمەتتە ھورۇنلۇق قىلساڭ ،ئاقىۋىتى زور زىيان .
توشقان ئالىم بولغاندا ،قەلىب سەھىپىلىرىڭنى تەكشۇرۇپ باق،يا قوشۇلىدۇ ،يا ئېلىنىدۇ ،ھېچبۇلمىغاندا تەكرار بولىدۇ .
ئالىم دىگەن دۇنيالىقتا پېقىر بۇلسىمۇ ،ئۇستۇن مەنزىلگە ئىگىدۇر ،ئىلىمنى ھۇرمەتلە ،ئوبدان ھىمايە قىل ، سېنىمۇ ھىمايە قىلىدۇ .
. نەرسە يېسەڭ بىللە تۇرغانلارغىمۇ بېرىپ يە .
ئىنسان يېيىش ئۇچۇنلا يارىتىلمىغان ،بەلكى، ئۇ پاك ،ئېسىل ھايات كەچۇرۇش ئۇچۇنلا ،يەپ قۇيىدۇ ،بۇ ھاياتنى ئەبەدىي ھاياتقا ئۇلايدۇ .
ھەرقانداق زامان ،ماكانغا يۇلۇققان ھادىسە ئۇزگۇرىدۇ ،ۋە ئاخىرىدا يۇقايدۇ ،شۇڭا ،ئاخىرەت دۇنياسىدا كېچە-كۇندۇز ،زامان يوق .
مۇھەببەت كور ۋە گاس قىلېۋىتىدۇ،مەھبۇبنىڭ قەبىھلىكىنىمۇ گۇزەل كۇرسىتىدۇ .

ئوغرىلىق قىلما ،بولىمسا جاھانغا ئىبىرەت بولۇپ قالىسەن .
باي ،پېقىرنى خارلىسا ،ئۇنى ئاللاھ خارلايدۇ ،يا دۇنيادا يا ئۇ دۇنيادا .
ئاللاھقا ئىتائەت قىل ،شەيتانغا ئاسىي بول ،نىجات تاپىسەن .
شېرىكىڭگە ھېسابنى غەلىيتە قىلما ، خىيانەت قىلغان بولىسەن .
كىشىلەرگە ئىچىڭدىكىدىن ئەكسى بويىچە مۇئامىلە قىلساڭ ،ئۇلارنى ئالدىغان بولىسەن .
ھالالدىن تاپقان بىر يۇئەن ،ھارامدىن تاپقان 1000 يۇەندىن ياخشى .
تويۇقسىز ئۇلۇم بولغاچقا ،كۇنلىرىڭنى بىكار قىلۋەتمە .
ئۇز ئۇيۇڭدە ئەركىن ھالدا يىگەن بىر پارچە نان ،مەھبۇس بولۇپ ياكى خارلىق ،ئاھانەت ئاستىدا يېگەن گۇش پولۇدىن ياخشى .
قەلبىڭگە مال-دۇنيانى ياخشى كۇرسەتمە،مال-دۇيا يېغىشقىمۇ ھېرىسمەن بولما ،چۇنكى، ئۇ تەقسىم قىلىنىپ بولغان .

مال-دۇنيا ،پۇل-پۇچەككە خۇشال بولغىنىڭ دۇنيانى دوسىت تۇتقىنىڭ شۇ .
دائىم ئىشلاردا چۇشۇڭگە تايىنۋالما ،ئۇڭۇڭغىمۇ قاراپ باق .
ياخشى ئەمەلدە يوغان تاش ئىزىدا چىڭ تۇرغاندەك چىڭ تۇر .
يالغانچىنىڭ سۇزىنى تەستىقلىما رەددىيە بەر بولمىسا باشقىلار سەن سەۋەبلىك راسىتكەن دەپ قالىدۇ -دە ،سەنمۇ بىر كاززاپ ھېساپلىنىسەن .
كۇن چىققۇچە يىتىپ قالماي ،سەھەر تۇر ،بۇ بەك پايدىلىق .
ئاقىلدا تەدبىر بولغاچقا،كۇچ-قۇۋەتمۇ بۇلىدۇ .
سەن بىر كىشىنى ئالداپ قويساڭ ،سېنى ھەممە كىشى ئالداپ قۇيىدۇ .

پاسىق، يامان كىشىلەرگە سۇز قىلما ،مۇئامىلە قىلما ،شېرىك بولۇپ قالىسەن .
ئىشەنچىلىك كىشىنى ئامانەت قويغاندا بىلىسەن،ئادىلنى ئۇ مەنسەپكە ئولتۇرغاندا بىلىسەن ،دوستىنى قاتتىق كۇنگە قالغاندابىلىسەن ، باللىرىڭنىڭ ياخشىسىنى سەن مۇھتاج بولغاندا بىلىسەن ،ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىلىشنى سەنمۇ قېرىغاندا بىلىسەن ،مۇشۇقنىڭ ئىشقىنى ئايرىلغاندا بىلىسەن ،ياشلىق ،ساقلىق بايلىق ،ھاياتلىقنىڭ قەدرىنى شۇلارنىڭ ئەكسىدە بىلىسەن .
ياخشى ئىنسان ،دائىم ئاللاھنى ئاخىرەتنى ئەسلەيدۇ .
جەننەت ،قۇربان بېرىشكە تەييار كىشىگە تەييارلانغان .
ئىنسان بەختى ،جىسمانى ئوزۇققا ئەمەس ،روھىي ئوزۇققا ،ئازابمۇ شۇدۇر .
ياشلىق گۇزەل،ئەمما ئۇ جاپالىق چېنىقىشقا تولغان .
ھەرگىز غەيۋەت قىلما .
سەندىن پايدىلىنىشنى غەرەز قىلمىغان ئاقىل كىشىنىڭ سۇزنىنى تاشلاپ قويما .

ئويۇڭدىمۇ قالايماقان سۇز،ھەرىكەت قىلما،چۇنكى ئۇلار ساڭا ئىقتىدا قىلىدۇ .
دائىم قەلبىڭنى ئايال كىشىگە ئالاقىدار قىلىپ قويما ھاياتىڭ نابۇت بولىدۇ .
ئەخلاقلىق،گۇزەل ئايال ،مۇنكەر ئىشىنى قىلمىسىلا ئاقىل ھېساپلىنىدۇ .
ئاقىل كىشى دىگەن ئاخىرەت تەييارلىقىنىلا قىلىدۇ .
سېنى شەيتان ئازدۇرالايدىغان ھەرقانداق يولدىن يىراق بول .
سەن ئەڭ ئونتۇشقا تېگىشلىك ئىش ،بەك ئېسىڭدە قالغان بولىدۇ ،شۇڭا،،ئونتۇشنى بىل،پەقەت ئونىتالمىساڭ ،ئۇنى ئەسلىمەسلىككى تېرىشقىن .
ھەق يولغا بېخىللىق قىلما ،يا سەندىن مال-دۇنيا كېتىپ قالىدۇ يا سەن كېتىپ قالىسەن .
يېقىنلىرىغا ياخشىلىق قىلمىغان كىشى باشقا قۇشنىڭ تۇخۇمىنى باسقان قۇشقا ئوخشاش ،ئىزى ئۇچۇپ كىتىدۇ .
ئەدەپ-ئەخلاق يامان كىشىگە كىشىلەر ئالدىدا قوپاللىق قىلما .
ھارام ئىشلارنى قىلىش،ئاخىرەتتىكى نىسىۋەڭنى قىرىپ تۇگىتىدۇ .
بۇ ئىلىم -ھىكىمەتنى ئوقۇغان ئاقىل كىشى ،ئەمەل قىلىپ ،ئاخىرەت ئۇچۇن ئوزۇق تەييارلايدۇ،بۇ تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارىغاننى يادغا ئېلىپ ،باشقىلارغا سۇزلەپ بېرىدۇ..............

(تەنتاۋى رەھمەتۇللا ئەلاي 1930-يىلى ) ( 2006 -يىل 1-ئاي ،تەرجىمە )
مەنبە ؛ « تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانما » دىگەن كىتابتىن ئىلىندى
http://qumtura.blogbus.com/logs/130124634.html

بۈگۈنكى ھەدىس

2/304- ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: »ئى ئەبۇزەر! ئەگەر سەن شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىل ۋە قوشنىلىرىڭغا يەتكۈزگىن«. [مۇسلىمدىن]

يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ دوستۇم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ماڭا تەۋسىيە قىلىپ: »ئەگەر شورپا قايناتساڭ، ئۇنىڭ سۈيىنى كۆپرەك قىلغىن، ئاندىن قوشنىلىرىڭنىڭ ئۆيىگە قارا، ئۇلارغىمۇ ئۇ شورپىدىن يەتكۈزگىن« دېيىلگەن.

داۋامىنى: كۆرۇش

يانۋاردىن كىيىنكى زىيارەتچىلەر