رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m030.jpg

ھۆرمەتلىك دوستلار ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىش ياكى ئۇلارنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ تۆۋەندىكى 10 يول ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

1- ئاچچىقلانماسلىق.
ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇراتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىدە يىرىك بىر تون بار ئىدى. تۇساتتىن بىر ئەئرابى كېلىپ ئۇنىڭ تونىنى قاتتىق تارتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوينىغا قاراپ باقسام، تون پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوينىغا ئىز چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇ، ئەئرابى ئى مۇھەممەد بۇ ئىككى تۈگەمگە يېنىڭدىكى ئاللاھنىڭ ماللىرىدىن ئارتىپ بەرگىن، چۈنكى بەرسەڭ سىنىڭ ياكى داداڭنىڭ مېلىڭنى بەرمەيسەن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مال ئاللاھنىڭ مېلى، مەن ئۇنىڭغا ئامانەتدار دېگەندىن كىيىن، ئى ئەئرابى سىنىڭ ماڭا قىلغان قىلىقىڭ ئۈچۈن قىساس لازىم كېلىدۇ، دېدى. يەنى مەن سەندىن قىساس ئالىمەن دېدى. ئەئرائبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە جاۋابەن ياق، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن دەپ سورىۋىدى.ئەئراب چۈنكى سەن يامانلىق قىلغۇچىغا يامانلىق قىلمايسەن دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كېتىپ تۈگىنىڭ بىرىگە ئارپا يەنە بىرىگە خورما ئارتىپ بەردى.

2- باشقىلارنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش. يەنى كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش ۋە ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش.

3-باشقىلارنى تەنقىد قىلىش سەنئىتىگە ئىگە بولۇش. چۈنكى باشقىلارنى تەنقىد قىلغۇچى قىلىنغۇچىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
ئەگەر بىز باشقىلارنى تەنقىد قىلىش سەنئىتىنى ياخشى بىلىدىغان بولساق، خاتالاشقان ياكى ئەيىبكە بۇيرۇلغان كىشى بىزنىڭ تەنقىدىمىزنى قوبۇل قىلىپ بىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ. چۈنكى بۇ سەنئەت ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر غەلىبە قىلغان.

4- جېدەللىشىپ قالغان كىشىلەرنى ياراشتۇرۇش ۋە جېدەلنى بېسىقتۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش.
كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كىشىلەرنىڭ جېدەل ماجىراسىغا شاھىت بولۇپ قالىمىز. بۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندە، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقنى ھېس قىلىپ نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرامدۇق؟ ياكى دەرھال ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنى ئەيىبلەپ، يەنە بىر تەرەپكە يان باسامدۇق؟
ئەگەردە بىز باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ قالساقچۇ؟
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جېدەلنى ئۇستىلىق بىلەن تۈگىتىپ قارشى تەرەپ بىلەن يارىشىپ قېلىشتىن باشقا يول يوق.
جېدەللەشكەن ئىككى كىشىنىڭ ياخشىسى بۇرۇن سالام قىلغان كىشىدۇر. نېمە ئۈچۈن بىز بۇرۇن سالام قىلمايمىز؟
تۆۋەندە بىر كىشىنىڭ ئۆز ئاكىسى بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان ماھارىتىنى تەپەككۇر قىلىپ باقايلى:
ئىككى بىر تۇغقان جېدەللىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇكىسى ئاكىسىغا خەت ئەۋەتكەن، ۋە خېتىدە مەن سەندىن رازىلىق تەلەپ قىلىشىم ۋە سىنىڭ مەندىن رازى بولىشىڭ ئۈچۈن، خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان مىنىڭ يېنىمغا كەل، چۈنكى سىنىڭ مەندىن ئارتۇقچىلىقىڭ بار، ئالى ئېھتىرام بىلەن سالام يوللايمەن دەپ خەت ئەۋەتكەن.
ئاكىسى، ئۇكىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلغان، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن.

5- يامانلىق قىلغان كىشىگىمۇ ياخشىلىق قىلىش.
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى تالانت ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ياخشى بولۇش، يامانلىق قىلغان كىشىگىمۇ ياخشىلىق قىلىش دېگەن بۇ جۈملىگە مەركەزلەشكەن.
كىشىلەر بىزگە تۆھمەت قىلىش، تىللاشقا ئوخشاش ھەرخىل يامانلىقلارنى قىلىشى مۇمكىن، لېكىن بىز بۇ يامانلىقلارغىمۇ ياخشىلىق بىلەن رەت قايتۇرۇپ بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشىمىز لازىم.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىسە يۈز بەرگەن بولۇپ تۆۋەندە بۇ قىسسىگە قۇلاق سالايلى:
بىر كىشى سالىھلاردىن بىرىنى تىللىغان، سالىھ كىشى ئۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرماستىن، تىللىغۇچىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. بۇنى كۆرگەن ھېلىقى كىشى، مەندىن ئۆچ ئېلىش ياكى جېدەللىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ يەڭلىرىنى تۈرۈپ تازا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
لېكىن سالىھ كىشى، ئۇ ئادەمگە چىرايلىقچە سۆزىنى باشلاپ مۇنداق دېگەن:
سەن ماڭا مۇنداق، مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئاھانەت قىلدىڭ. ئەگەر مەندە تېپىلىدىغان سۆزنى قىلغان بولساڭ ئاللاھدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن. مەندە يوق گەپلەرنى قىلغان بولساڭمۇ ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن دېگەن.
بۇنى ئاڭلىغان ھېلىقى ئادەم سالىھنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ مەن سەندە يوق گەپنى قىلغان ئىدىم دەپ كەچۈرۈم سورايدۇ.

6-باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان بىرى بولۇش.
ئۆزىمىزدىكى بىرەر ئارتۇقچىلىق بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىش. بىزدىكى ئارتۇقچىلىقنىڭ قانداق؟ ۋە قايسى خىلدا بولىشى مۇھىم ئەمەس.
مەسىلەن: بىرەر ئىشتا تەجرىبىلىك بولۇش، كەسىپ ئەھلى بولۇش، يۇقىرى دەرىجىدە دىپلۇماڭ بولۇش، ياكى ئىلمى قابىلىيىتىڭنىڭ يۇقىرى بولىشى، نەسەپ ياكى بايلىقتا باشقىلاردىن ئارتۇقچىلىق بولۇش قاتارلىقلار.

7- باشقىلارنىڭ ھەق ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىش.
شۇنداق قىلغاندا بەخىتلىك بولىمىز ۋە باشقىلارنىمۇ بەخىتلىك قىلىمىز. بولۇپمۇ ئىنساپلىق بولۇش ۋە ، مال، ۋاقىت سەرپ قىلىش ياكى ئۆز مەنپەئەتىمىزدىن كېچىپ بولسىمۇ ھەممە ھەر نەرسىنىڭ ھەققىنى تۇلۇق ئادا قىلىش.
مۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەم ئۆزىمىزنى ھەمدە ھەققى قايتۇرۇلغان كىشىنى خۇرسەن قىلىمىز.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن كېيىن شەخسىيەتچىلىك ۋە سىلەر يامان كۆرىدىغان بىر مۇنچە ئىشلار مەيدانغا كېلىدۇ» دېدى. بىز: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى، ئۇ چاغدا بىزنى نېمىگە بۇيرۇيلا؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۈستىڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ دىن ياردەم سوراڭلار»، دېدى.
سەۋادە ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئى رەسۇلۇللاھ سىنىڭ مۇشتۇڭ مىنىڭ قۇسۇقۇمغا تىگىپ كېتىپ قۇسۇقۇم ئاغىرغان ئىدى، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قىساس ئېلىۋېلىشقا بۇيرىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسىالامدىن قورسىقىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قورسىقىنى ئېچىپتى، ئۇ كېلىپلا قورسىقىغا سۈيۈۋالدى. ۋە رەسۇللاھدىن قىساس ئالغان ئورۇننىڭ ئوتقا تىگىپ قېلىشىنى ئاللاھدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئى سەۋادە قىساس ئالامسەن ياكى ئەپۇ قىلامسەن دەپ سورىۋىدى. ئەپۇ قىلىمەن يا رەسۇلۇللاھ دەپ جاۋاپ بەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئى ئاللاھ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەدنى ئەپۇ قىلغاندەك سەۋادىنىمۇ ئەپۇ قىلغىن دېدى.

8- بىزگە ئازار بەرگەن ياكى تىل تەگكۈزگەن كىشىگە جاۋاپ قايتۇرماسلىققا تىرىشىش.
بۇ ھەقتە ئېلىي ئەبى تالىپ رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى مۆمىن رەببىنى مېھرىبانلىق ئارقىلىق رازى قىلغاندەك رازى قىلالمايدۇ. ئەخمەقنىڭ سۆزىگە سۈكۈتتىن ياخشى جازامۇ بولمايدۇ.

9-باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ئالدىراش.
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى باشقىلارغا مەنپەئەتلىك بولغىنىدۇر، دېگەن.
باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە خىزمىتىنى قىلىش خۇددى قاراڭغۇدا قالغان كىشىلەرنىڭ يولىنى يورۇتقان شامغا ئوخشاش بولۇپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتسە خۇشال بۇلۇش ۋە ئۇلارغا ئەزىيەت يەتسە مۇداپىئە قىلىش، تىلىمىز دائىم نەپسىم ، نەپسىم دېمەستىن باشقىلار باشقىلار دېگەندە ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ كىشىلەر بىرەرسىمۇ مىنىشكە يارىمايدىغان 100 تۆگىگە ئوخشايدۇ. سەن ئۇلارنىڭ ئەۋۋەلقىلىرىنىڭ ئەۋۋەلقىسىدىن بولغىن دېگەن ھەدىسى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

10- ئەپۇ چان ۋە مۇلايىملىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىش.
ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ.
اﷲنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن.
بۇ ھەقتە مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆچىنى ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتسا، اﷲ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇ ئادەمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چاقىرىپ خالىغان شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەردىن تاللاتقۇزىدۇ». [ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزىدىن]