رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى
1. پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان.
2 . ھەممە پەيغەمبەرنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن مۆجىزىسى بولغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ نۇرغۇن مۆجىزىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرى بولغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ نورمال ئىنسانلىقى بىلەن پەيغەمبەرلىك مۆجىزىسى، ئالامەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلىرىنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىگە سەل قارالسا، پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ھەققىدىكى نورمال ۋەقە-ھادىسىلەر سىرلىقلىشىدۇ، ئاجايىپ-غارايىپ تۈسكە كىرىدۇ.دىنغا ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان خۇراپى ھېكايىلەر دىن نامىدىن، پەيغەمبەر نامىدىن تارقىلىپ، پەيغەمبەر قارغۇلارچە ئۇلۇغلىنىدۇ، نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەرگە بولغان ئىمانىغا دەز كىتىدۇ.
تۆۋەندىكى ئىزدىنىشىمىزدە مۇسۇلمان ئاممىسى تەرىپىدىن مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، ئەپسانىلاشتۇرۇلغان ۋە ھەتتا مۆجىزە ياكى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈۋىتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ھادىسىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمىز.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشىتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر
ئامىنەنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نۇرنىڭ ئامىنەگە يۆتكىلىشى
بىر قىسىم رىۋايەتلەردە «پەيغەمبەرلىك نۇرى دەپ قارالغان نۇر ئابدۇلمۇتتەلىپكە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللاغا، ئابدۇللاھتىن ئايالى ئامىنەگە يۆتكەلگەن»3 دېگەندەك بايانلار بولۇپ، بۇ خىل رىۋايەتلەر ساغلام رىۋايەت ئەمەس. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ خىل رىۋايەتلەرنى ساغلام رىۋايەت ئەمەس دەپ رەت قىلغان.4

ئامىنەنىڭ چۈشى
بىر قىسىم رىۋايەتلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ بىر پەيغەمبەرگە ھامىلدار بولغانلىقى چۈشىگە ئايان بولۇپ، چۈشىدە بىر زات ئامىنەگە تۇغۇلماقچى بولغان بۇۋىقىغا مۇھەممەد (باشقا رىۋايەتلەردە ئەھمەد) دەپ ئىسىم قۇيۇشنى تاپشۇرغان ۋە ئامىنەگە مۇنداق دېگەن: «سەن بۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىگە ھامىلدار» .5
بۇ چۈش ۋەقەسىنى پەۋقۇلئاددە ئىشلار قاتارىغا ئەمەس بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىدىن بۇرۇن يۈزبەرگەن ۋەقەلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزىشىمىز ئەقىلگە ئۇيغۇن. بۇنداق بولغاندا بۇ چۈشنىڭ توغرىلىقىنى مۇنداق چۈشۈنۈش مۇمكىن:
ئادەتتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى بۇۋىقى ھەققىدە، بۇۋاقنىڭ ئىسمى ھەققىدە چۈش كۆرۈشى نورمال ھادىسە. بۇنداق چۈشلەر (رۇيا سادىقە) ياخشى چۈشلەر قاتارىدىن بولۇپ خاتا ياكى يۈز بەرمىگەن دېيەلمەيمىز. شۇڭا، بۇ چۈش ۋەقەسىنى پەۋقۇلئاددە ئىش ئەمەس نورمال ۋەقە دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

ئامىنەنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھېچقانداق قىينالمىغانلىقى ۋە تولغاق ئازابى تارتمايلا يەڭگىگەنلىكى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان كۆپلىگەن كىتاپلاردا، ئامىنەنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھېچقانداق قىينالمىغانلىقى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى يەڭگىگەندە تولغىقى تۇتماي، ئاسانلا يەڭگىگەنلىكىكە دائىر رىۋايەتلەر مەۋجۇت.6 تۇغۇتتا تولغىقى تۇتماسلىق پەقەت ئامىنەگىلا خاس ئەھۋال ئەمەس، نۇرغۇن ئاياللاردا يۈز بىرىدىغان نورمال ھادىسە. مەسىلەن، سەھرالاردا كۆپ ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ ئېتىزلاردا ئىشلەيدۇ، تۇغۇت جەريانىدا كۆپ قېينالماستىن يالغۇز تۇغالايدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنە قىلىنغان ۋە كىندىكى كىسىلگەن ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى
رىۋايەتلەردە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنە قىلىنغان ۋە كىندىكى كىسىلگەن ھالەتتە تۇغۇلغان»7 دېگەن بايانلار مەۋجۇت.
بۇ رىۋايەت ھەققىدە ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رىۋايەت ئەبۇ،ل-فەرەج ئىبنۇ،ل-جەۋزىنى «ئەل-مەۋزۇئات-ئۇيدۇرما ھەدىسلەر» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ساغلام ھەدىس يوق، بۇ ئەھۋال پەيغەمبىرىمىزگە خاس ئالاھىدىلىكمۇ ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر خەتنە قىلىنغان ھالەتتە تۇغۇلىدۇ».8
يەنە بىر قىسىم رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنىسىنى كىچىك ۋاقتىدا كۆكرىكىنى يېرىش ئۈچۈن كەلگەن پەرىشتە جىبرائىل قىلغان دەپ قەيت قىلىنىدۇ.9
باشقا بىر رىۋايەتتە بولسا، پەيغەمبىرىمىز يەتتە ياشقا كىرگەندە بۇۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلغان ۋە زىياپەت بەرگەن.10 بۇ رىۋايەتنى ئىبنى كەسىر ۋە زەھەبىيلەر قۇبۇل قىلغان بولۇپ، دەلىل ۋە ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن رىۋايەتتۇر.
بۇ ھەقتە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق ھەدىسىمۇ بار: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن بىر كارامىتى مېنىڭ خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقىمدۇر. مېنىڭ ئەۋرىتىمنى ھېچكىم كۆرگەن ئەمەس».11
بۇ رىۋايەتنى كىلاسسىك ھەدىسشۇناسلاردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەل-جەۋزىي (ئەل-ئىلەلۇ،ل-مۇەناھىيە) ناملىق ئەسىرىدە ۋە يېقىنقى زامان ھەدىسشۇناسلىرىدىن شەيىخ ئالبانى (زەئىفۇ،ل-جامىئ) ناملىق ئەسىرىدە «ئاجىز ھەدىس» دەپ بېكىتكەن.
ئەمما ئىبنى ئەساكىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بار»12 دەپ قارايدۇ.ئىبنى قەييىم ۋە ئەلبانىنىڭ قارىشىغا قۇشۇلۇپ، بۇ ھەدىسلەرنى مەيلى ئىشەنچىسىز دەيلى ياكى ئىبنى ئەساكىرنىڭ قارىشىغا قۇشۇلۇپ ئىشەنچىلىك دەيلى، بىزنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى نورمال ھادىسە، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ» دېگەن قارىشىمىزغا زىت كەلمەيدۇ.

پەيغەمبەرلىك تامغىسى
رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا «قارا ياكى تېرىسىنىڭ رەڭگىدە، ئاتنىڭ قاشقىسىدەك ۋە ياكى قىزىل بەزگە ئوخشاپ كىتىدىغان»13 تۈكلەر بىلەن ئورالغان مېڭى بارلىقىنى ئۇچرىتىمىز.
مەڭنىڭ رەڭگى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ھەققىدە ھەر خىل رىۋايەتلەر بولسىمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىقىدا شۇنداق بىر مەڭنىڭ بارلىقى ئېنىق.
كۆپىنچە رىۋايەتلەردە بۇ مەڭنىڭ چوڭلىقى «قۇش تۇخۇمىدەك، كەپتەر تۇخۇمىدەك، ئالمىدەك ۋە تۇخۇمدەك»14 دەپ بايان قىلىنغان. بۇ كۈچلۈك ۋە قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان رىۋايەت. ئەمما مەڭنىڭ ئۈستىدە «ئاللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىك مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا، تەۋەججەھ ھەيسۇ شىئتە فە ئىننەكە مەنسۇر(ئاللاھ بىردۇر، شىرىكى يوقتۇر. مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. نەگە بارساڭ بار غەلبە قىلىسەن)» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان ۋە «گۈپۈلدەپ ئىپار پۇراپ تۇرىدىغان»15 دېگەندەك بايانلار بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر ئىشەنچىسىز ۋە قۇبۇل قىلىشقا بولمايدىغان رىۋايەتلەردۇر.
بۇ مەڭ پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغاندىلا بار ئىدى. بىر قىسىم رىۋايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك «پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆكسى يېرىلىپ يۈرىكى يۇيۇلغاندا جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىقىغا ئۇرۇپ قويغان»16 پەيغەمبەرلىك تامغىسى ئەمەس.
بۇ مەڭ ھەدىس ۋە تارىخ كىتاپلىرىدا ئاساسەن دېگۈدەك «پەيغەمبەرلىك تامغىسى ياكى ئالامىتى» دەپ يېزىلغان. بۇ راستىنلا پەيغەمبەرلىك تامغىسىمۇ ياكى نورمال مەڭمۇ؟ نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلىك تامغىسى دەپ ئاتىلىپ قالغان؟ بۇ ھەقتىكى بارلىق رىۋايەتلەرگە قاراپ پىكىر قىلغىنىمىزدا بۇنى «پەيغەمبەرلىك تامغىسى ياكى ئالامىتى» دېمەي «ئوخشىمايدىغان پەرىقلىق بىر ئالامەت ياكى ئادەتتىكىدەك بىر مەڭ» دېگىنىمىز تۈزۈك. ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيىسسالامنىڭ ئېغىزىدىن ئىيسادىن كېيىن ئەھمەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبەرنىڭ كىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.17 قۇرئاندا پەيغەمبەرنىڭ بەلگىسىنى پەقەت ئىسمىنىڭ ئەھمەد(مۇھەممەد) دەپ ئاتىغان. باشقا ھېچقانداق فىزىئولوگىيىلىك بەلگە تىلغا ئېلىنمىغان. رىۋايەتلەردە «پەيغەمبەرلىك تامغىسى» دېگەن سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت بۇ مەڭنى كۆرگەن ساھابىلەر تەرىپىدىن شۇنداق ئاتىلىپ كەلگەن. كىتاپلاردا بۇ مەڭنىڭ نېمە ئۈچۈن «پەيغەمبەرلىك بەلگىسى ياكى تامغىسى» دەپ ئېلىنغانلىقىغا كەلسەك، ئەھلى كىتاپ قىسسىلىرىنىڭ پەيغەمبەر ۋە ئىسلام تارىخىي كىتاپلىرىدىكى تەسىرىنى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلەردىن دېيىشىمىز مۇمكىن.

كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان ھالدا تۇغۇلغانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر18 بولۇپ، بۇ رىۋايەتنى مۇنداق چۈشىنىشىمىز مۇمكىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى ئۇنىڭ يارىتىلىشى ۋە كۆز شەكلىگە ئالاقىدار نورمال ھادىسە بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئەتراپى كۆك ھالەتتە تۇغۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرگە ئالاقىدار ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس.

ئەھمەد يۇلتۇزىنىڭ چىققانلىقى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرگە مەخسۇس بىر يۇلتۇزنىڭ چىققانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت كۆپ قىسىم تارىخ كىتاپلىرىدا نەقىل قىلىنماقتا.19
يۇقارقى ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىن پەقەت «ئامىنەنىڭ چۈشى، تولغاق ئازابى تارتمىغانلىقى، كىندىكى كېسىلگەن ۋە خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى ۋە مەڭ»دىن باشقا رىۋايەتلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تۆۋەن. بۇ ئەھۋاللار نورمال ھادىسە بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقى سەۋەبىدىن بولغان ياكى پەۋقۇلئاددە ئىش دەپ ئىشىنىش توغرا ئەمەس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇۋاتقاندا ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر
بىر قىسىم تارىخىي رىۋايەتلەردە بايان قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپلا تۆۋەندىكىدەك ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەن:
- يەرگە چۈشۈشى بىلەن تەڭ ئامىنەدىن بىر نۇر چىقىپ مەشرىق ۋە مەغرىپنى يۇرىتىۋەتكەن، شامدىكى سارايلار يۇرۇپ كەتكەن، ھەتتا بۇسرا شەھرىدىكى تۆگىلەرنىڭ بۇيۇنلىرى كۆرۈنگەن. 20
- يەرگە چۈشكەندە قۇلى بىلەن چۈشۈپ يەردىن بىر ئۇچۇم تۇپراق ئالغان ۋە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قارىغان. 21
- يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا يۇلتۇزلار يەرگە تۈكۈلۈپ كىتىدىغاندەك يېقىنلىشىپ كەلگەن. 22
- «ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىرا ۋەلھەمدۇ لىللاھى....»دېگەن.23
- بۈشىكى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن تەۋرىتىلگەن. 24
- جىن-شەيتانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىيان سېلىش ئۈچۈن ھەركەتلەنگەن. ئەمما جىن-شەيتانلارغا تاش ئېتىلىپ پەيغەمبىرىمىز ساقلىنىپ قالغان ياكى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئۈچ كۈن مەخپى قوغدالغان. 25
- شەيتان ئۈچىنچى قېتىم چىقىراپ كەتكەن. (بىرىنچى قېتىم لەنەت ئۇقۇلغاندا، ئىككىنچى قېتىم زېمىنغا چۈشۈرۈلگەندە، ئۈچىنچى قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا، تۆتىنچى قېتىم سۈرە فاتىھە نازىل بولغاندا). 26
- سېھرىگەر ۋە كاھىنلارنىڭ شەيتانلىرى تۇتۇلۇپ ئىشلىرى كاساتلاشقان. 27
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا پەرىشتىلەر يەرگە چۈشكەن. 28
- ئەرەپلەرنىڭ جاھىلىيەتتىكى ئادىتىدە كېچىدە تۇغۇلغان بوۋاق قۇياش چىققۇچە قازان-قاچا ئاستىغا تاشلاپ قۇيۇلارمىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاشلاپ قويۇپ ئەتتىگىنى قارىسا قاچا چېقىلىپ كەتكەن. 29
- بارمىقىنى ئەمگەندە بارمىقىدىن سۈت ئېتىلىپ چىققان. 30
- ئاي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوينۇشۇپ پەيغەمبىرىمىزنى بەزلىگەن، سۆزلەشكەن. 31
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن رىۋايەتلەر بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىشەنچىلىك، توغرا رىۋايەت ئەمەس. ئەگەر بۇ رىۋايەتلەرنى توغرا دەپ قارىساق، بۇ ۋەقەلەر مەككە خەلقى تەرىپىدىن ھېچبىر زامان ئۇنتۇلمىغان بولاتتى، يىراق-يېقىندىكى كىشىلەرمۇ ئاڭلىغان بولاتتى.
بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەر پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قارغۇلارچە ئۇلۇغلاشتىن، ئاشۇرۇپ مەدھىيەلەشتىن ۋە ئەھلى كىتاپ قىسسىلىرى تەسىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردۇر. دىنىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

ئىنىكئانىسىنىڭ تەلىيى كەلگەنلىكى، مول-ھۇسۇل ۋە بەرىكەت ياققانلىقى
ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى سەئەد قەبىلىسىگە كىلە-كەلمەي قەبىلىگە بەركەت ۋە مول-ھوسۇل ياققانلىقى، ئىنىكئانا ھەلىمەنىڭ كۆكسىگە سۈت تولغانلىقى،قويلىرىنىڭ سۈتلىرى كۆپەيگەنلىكى قاتارلىق ئىشلارسۆزلىنىدۇ. 32
ھەقىقەتەنمۇ يىتىم بۇۋاق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، سەئەد قەبىلىسگە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان دەرىجىدە بەرىكەت ئېلىپ كەلگەن. بۇ بەرىكەتنى ماددى بەرىكەت دېگەندىن مەنىۋىي بەرىكەت دېگىنىمىز تۈزۈكرەك.

ئاتەشپەرەستلەرنىڭ ئوتى ئۆچكەنلىكى، كىسرانىڭ سارىيى ۋە كەبىدىكى بۇتلارنىڭ يېقىلغانلىقى
ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدە پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغان كۈنى كېچىسى تۆۋەندىكىدەك ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر مەۋجۇت:
- ئاتەشپەرەستلەرنىڭ مىڭ يىلدىن بىرى يېنىپ تۇرۇۋاتقان ئوتى ئۆچكەن.33
- ساۋە كۆلى قۇرۇپ كەتكەن، ئېتىز ۋە بوستانلىقلار قاقاسلىشىپ كەتكەن. 34
- كىسرا سارىيى تەۋرەپ كەتكەن، سارايدىكى ئون نەچچە بالكۇن يېقىلىپ چۈشكەن. 35
- كەئبىدىكى بۇتلار يېقىلىپ چۈشكەن. 36
- كەئبە ئۈچ كۈنگىچە تىتىرەپ كەتكەن. 37
- كەئبىنىڭ تېمىدىن «مۇھەممەد مۇستافا تۇغۇلدى، ئۆز قۇلى بىلەن كاپىرلارنى ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇپ بۇتپەرەستلەرنى تازىلايدۇ»38 دېگەن ئاۋاز كەلگەن ۋە ئابدۇلمۇتتەلىپ بۇ ئاۋازنى كەبىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئاڭلىغان. بەزى ئالىملار بۇ خىل رىۋايەتلەرنى سىمۋوللۇق رىۋايەتلەر دەپ قاراپ «شىرىكنىڭ يۇقالغانلىقى، زۇلۇمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە ھەقىقەتنىڭ غالىپ كەلگەنلىكى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ.
يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمان جۇغراپىيچىلىرى ئەگەر، رىۋايەتلەردىكى بۇ خىل ھادىسىلەرنى راستىنلا يۈز بەرگەن دەپ قارىساق، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك چۈشۈنىشىمىز ئەقىلگە ئۇيغۇندۇر: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى شۇ رايۇنلاردىكى يەر تەۋرەش ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغان ۋە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بەزى كۆللەر قۇرۇپ كەتكەن، بۇتلار چېقىلغان. چىركاۋلار، ئىبادەتخانىلار يېقىلىپ چۈشكەن، سارايلارنىڭ تاملىرىغا دەز كەتكەن. بۇ پۈتۈنلەي تەبىئەت ھادىسىسىنىڭ شۇ ۋاقىتقا ئۇدۇل كىلىپ قېلىشىدىن بولغان ھادىسە». 39
ھازىرقى زامان ئىسلام تارىخچىلىرىمۇ بۇ رىۋايەتلەرنى «ھېچقانداق ئىشەنچىلىك تەرىپى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنچىۋالا ئالاھىدە ۋەقەلەر تارىخ قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئالاقىدار مىللەتلەرنىڭ تارىخلىرىدىمۇ خاتىرلەنمىگەن»، 40 «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىقى زۇلمەت دەۋرىنىڭ يۇقالغانلىقىدىن بىشارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۇقارقىدەك ھادىسىلەر يۈز بەرگەن دېيىش پەقەت توغرا پىكىرنى خاتا ئىپادىلىگەنلىكتۇر» 41 دەپ ئىنكار قىلىدۇ.

قۇشۇمچە ۋەقەلىكلەر
ھەلىمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىكى پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇنى ئېمىتىشكە ماقۇل بولغانلىقى
رىۋايەتلەردە 42 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ ئۇنى ئېمىتىش ئۈچۈن ئىنىكئانا ئىزدەلگەنلىكى، ئەمما ئىنىكئانىلارنىڭ ئۇنى يېتىم كۆرۈپ، تۇل ئايالنىڭ بالىسى دەپ قۇبۇل قىلمىغانلىقىنى، پەقەت ئىنىكئانا ھەلىمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا كۆرگەن پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلىدىن ئېمىتىشنى ماقۇل كۆرگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغىنىمىزدا توغرا ئەمەسلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشقا ئىنىكئانىلار راستىنلا يېتىم كۆرۈپ، تۇل ئايالنىڭ بالىسى دەپ قاراپ قۇبۇل قىلمىغانمۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىش. سەۋەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دادىسىدىن يېتىم قالغان بولسىمۇ، ئۇ چوڭ دادىسى ئابدۇل مۇتەللىپكە تاپشۇرۇلغان. ھەممىمىزگە مەلۇم ئابدۇلمۇتەللىپ قۇرەيش جەمەتىدىن ۋە نامى پەقەت مەككىدىلا ئەمەس، مەككە سىرتىغىمۇ تارقالغان مەككە كاتتىۋاشلىرىدىن، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل نەسەبدىن بولغان بۇۋاق ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىدۇ، بەلكى تالىشىپ تۇرۇپ ئېمىتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئىنىكئانا ھەلىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇنى ئېمىتىشنى قۇبۇل قىلغانمۇ؟ بۇمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان رىۋايەت.چۈنكى، ئەگەر بۇ پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈش ۋە خاسىيەتلەر راستىنلا يۈز بەرگەن بولسا، بۇلارنى پەقەت ھەلىمەلا كۆرۈپ باشقا ئاياللار كۆرمەي قالارمىدى؟! شۇڭا بۇ رىۋايەتلەر ھەم ئىشەنچىلىك ئەمەس. ھەمدە بۇلارنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنىكئانىسى ھەلىمەنىڭ يېنىدا قانچە ياشقا كىرگۈچە تۇرغان؟
بۇ ھەقتە ھەرخىل رىۋايەتلەر بولسىمۇ، ئاساسلىق ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدىن ئىبنى سەئەد بىلەن ئەل-ۋاقىدىنىڭ رىۋايەتلىرىنى 43 ئاساس قىلغىنىمىزدا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆت ياكى بەش ياشقا كىرگۈچە ھەلىمەنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتىلىشىگە ئالاقىدار رىۋايەتلەر
بىر قىسىم ئېنىقسىز تارىخىي مەنبەلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە ياشتا تىلى چىققانلىقىغا ئالاقىدار بەزى رىۋايەتلەر بولۇپ، بىر قىسمى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەككىز ئايلىق بولغاندا تىلى چىققان» دېسە، يەنە بىر قىسمى «توققۇز ئايلىق بولغاندا مەخسىتىنى توغرا ئۇقتۇرالايدىغان بولغان» دېيىشىدۇ. بىزچە بولغاندا بۇ تەبىئى ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان مۇھىت شئىر-ئەدەبىياتق، نۇتۇققا ۋە پاساھەت-بالاغەتە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان مۇھىت ئىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەش يىلغا يېقىن تۇرغان سەئەد جەمەتىمۇ فەسىھ (جانلىق) ئەرەپچە سۆزلىشىشدىغان جەمەت ئىدى. مانا بۇ ئامىللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېىشغا تەگمەي تۇرۇپ سۆزلىيەلەيدىغان ياكى مەخسىتىنى توغرا ئۇقتۇرالايدىغان دەرىجىگە كىلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان بولىشى مۇمكىن.پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە «پەخىرلەنگۈدەك ئىش ئەمەسكى، مەن ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ فەسىھ (جانلىق، ئۆلچەملىك) سۆزلەيدىغىنى. مەن قۇرەيشتىن، سەئەد جەمەتىدە يېتىلدىم» 44 دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە بەزى بالىلارنىڭ سەككىر-ئون ئايدىلا تىلى چىقىپ بولىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتىلىشىگە ئالاقىدار يەنە بىر ئېنىقسىز رىۋايەت ئۇنىڭ ئون ئايلىق بولغاندا ئوقيا ئاتقانلىقىدۇر. بۇمۇ نورمال ئەھۋال، چۈنكى بۇ خىل قابىلىيەتتىكى بالىلار بولىشى مۇمكىن.ئوق ئېتىشتا ئۇستا بولمىسىمۇ ئوقيا ئاتقان بولىشى ياكى بەك بولمىسا ئوقيا بىلەن ئۇيۇن ئويناپ قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

خۇلاسە
كۆپ قىسىم ئىسلام تارىخچىلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىدىن بۇرۇن، تۇغۇلغان ۋاقىتتا ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن دەپ قارايدۇ ۋە ئۆز قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەيدۇ: «قۇرئان كەرىم مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ۋە ئيسا ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇغۇلىشىدىن بۇرۇنقى، تۇغۇلغان ۋاقىتلىرى ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى تەپسىلى شەكىلدە بايان قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت يېتىملىكى 45 ھەققىدىلا مەلۇمات بەرگەن». 46 قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىتىملىكىدىن باشقا بالىلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق ئايەت يوق. پەقەت تۇغۇلىشىغا ئالاقىدار ھەر خىل ئىشەنچىسىز ياكى ئۇيدۇرما رىۋايەتلەر ئەھلى كىتاپ قىسسىلىرىنىڭ تەسىرىدە تارىخ كىتاپلىرىدا قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى تەبىئى ۋە نورمال بولغان. ھېچقانداق ئادەتتىن تاشقىرى، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن. مۆجىزە ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر كېينكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. شۇڭا يۇقارقىغا ئوخشاش بىر قىسىم نورمال ھادىسىلەرنى قانداقتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالاھىدىلىكىگە باغلاش، پەۋقۇلاددە ئىشلار دەپ قاراپ پەيغەمبەرنى قارغۇلارچە ئۇلۇغلاش توغرا بولمىغان خۇراپى قاراشلاردۇر. بۇ خىل ئىشلار ياكى ۋەقەلەر نورمال كىشىلەردىمۇ يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەردۇر. ئەگەر بۇ خىل ۋەقەلەر پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىلا يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ۋەقەلەرنى «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى»گە باغلاپ چۈشۈنۈش ئەقىلگە ئۇيغۇن بۇلاتتى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەدھىيلەپ ئۇلۇغلىغان بولاتتۇق. ئەمما پەيغەمبەرنى قانداق ئۇلۇغلاش، قانداق مەدھىيەلەشنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئۆزى كۆرسۈتۈپ بەرگەن. مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزنى خۇددى: «مېنى ناسارالار ئىيسانى ئۇچۇرغاندەك ئۇچۇرماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلەر» 47دېگەن يوليۇرۇقىغا ئاساسەن قارغۇلارچە ماختاپ ئۇچۇرماستىن لايىقىدا مەدھىيەلەيدۇ، كۆككە كۆتىرىدۇ. مۇبالىغە قىلىشتىن، ئەپسانىلاشتۇرۇشتىن، چۆچەكلەردىكى شەخىسلەرگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشتىن ۋە قارغۇلارچە چۇقۇنۇشتىن يىراق تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن تەلىماتلىرىغا توغرا رەۋىشتە مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان ۋە ھاياتىغا مۇۋاپىق شەكىلدە تەدبىقلايدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن ئامىن!.

نەقىل ۋە ئىزاھلار:
1 سۈرە ئەھزاب 40-ئايەت.
2 سۈرە فۇسسىلەت 6-ئايەت.
3 ھەلەبى، السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە).
4 پىروفىسسور، دوكتور ئەھمەد ئۆنكالنىڭ «ئىسلام تارىخى مەسىلىلىرى» ناملىق دەرسىدىن خاتىرىلەر.
5 ئىبنى ئىسھاق السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نبەۋىييە). ھەلەبى، السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە). ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل-ماۋەردى، أعلام النبوة (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە).
6 السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە). سۇيۇتى، الخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا).
7 مەھمۇد ئىبنى ئەمر ئەز-زەمەخشەرىي، الفائق في غريب الحديث (ئەل-فائىق فى غەرىبى،ل-ھەدىس) ئەيىن ۋە زال ھەرىيلىرى بابى. ئىبنى سەييىدىن-ناس، عيون الاثر في فنون المغازي والشمائل والسير (ئۇيۇنۇ،ل--ئەسەر) بىرىنچى قىسىم، زىكرۇ مەۋلىدى،ر-رەسۇل.
8 ئىبنى قەييىم ئەل-جەۋزىييە زاد المعاد (زادۇ،ل-مەئاد)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەتنە قىلىنىشىغا ئالاقىدار بۆلۈمى.
9 ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت).
10 يۇقارقى مەنبە.
11 ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەل-جەۋزىي العلل المتناهية في الأحاديث الواهية (ئەل-ئىلەلۇ،ل-مۇەناھىيە)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەتنە قىلىنىشىغا ئالاقىدار بۆلۈمى. تەبەرانى الأوسط (ئەل-ئەۋسەت) 6148-ھەدىس. المعجم الصغير (ئەل-مۇئجەمۇ،س-سغىير) 936-ھەدىس.
12 ئىمامى سۇيۇتى الخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا)،
13 ئىمامى بۇخارىي صحيح البخاري (سەھىھۇ،ل-بۇخارىي). ئىمامى مۇسلىم صحيح مسلم (سەھىھۇ مۇسلىم). بەيھىقى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋە). تىرمىزى الشمائل (ئەش-شەمائىل) پەيغەمبەرلىك تامغىسى بابى.
14 يۇقارقى مەنبەلەر.
15 ئىمامى سۇيۇتى الخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا)، پەيغەمبەرلىك تامغىسى بابى.
16 ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت).
17 سۈرە سەف 6-ئايەت.
18 السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە).
19 ئىبنى ئىسھاق السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نبەۋىييە). ئىبنى ھىشام السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نبەۋىييە). بەيھەقى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋە). ئىبنى كەسىر السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە). سۇيۇتى، الخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا). ھەلەبى، السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە). ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت).
20 سۇيۇتىالخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا)، ھەلەبى، السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە). ئىبنى كەسىر السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە).
21 يۇقارقى مەنبەلەر.
22 ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل-ماۋەردى، أعلام النبوة (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە). سۇيۇتى، الخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا).
23 ھەلەبىي، السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە). ئىمامى سۇيۇتىالخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا)،
24 ئىمامى سۇيۇتىالخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا)،
25 تارىخى يەئقۇبى.
28 ئەبۇ رۇبەيئ سۇلەيمان ئەل-ئەندۇلۇسى، الإكتفاء (ئەل-ئىكتىفا).
27 يۇقارقى مەنبە.
28 ئىمامى سۇيۇتىالخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا).
29 يۇقارقى مەنبە.
30 السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە).
31 بەيھىقى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). ئىبنى كەسىر السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە).
32 ئىبنى ئىسھاق السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نبەۋىييە). ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل- ماۋەردى، أعلام النبوة (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە).
33 ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). تارىخى يەئقۇبى. ئىمامى سۇيۇتىالخصائص الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-ۇبرا). بەيھىقى دلائل النبوة (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). ئىبنى كەسىر السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە).
34 يۇقارقى مەنبەلەر.
35 يۇقارقى مەنبەلەر.
36 السيرة الحلبية (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھلەبىييە).
37 يۇقارقى مەنبە.
38 يۇقارقى مەنبە.
39 پىروفىسسور، دوكتور ئەھمەد ئۆنكالنىڭ «ئىسلام تارىخى مەسىلىلىرى» ناملىق دەرسىدىن خاتىرىلەر.
40 سەفىييۇ،ر-راھما مۇبارەكفۇرىي الرحيق المختوم (ئەر-رەھىقۇ،ل-مەتۇم)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشى بابى.
41 مۇھەممەد غەززالى، فقه السيرة (فىقھۇ،س-سىيرە)، 47-48-بەتلەر. شۇرۇق نەشىرياتى.
42 ئىبنى ئىسھاق سيرة ابن اسحاق (سىيرەتۇ ئىبنى ئىسھاق). ئىبنى سەئەد الطبقات الكبرى (ئەت-تەبەقاتۇ،ل-ۇبرا). ئىبنى ھىشام السيرة النبوية (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە). ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل- ماۋەردى، أعلام النبوة (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە). ئ
43 ئىبنى سەئەد الطبقات الكبرى (ئەت-تەبەقاتۇ،ل-ۇبرا).
44 ئەل-مۇھەززەب.
45 سۈرە زۇھا 6-ئايەت.
46 پىروفىسسور، دوكتور ئەھمەد ئۆنكالنىڭ «ئىسلام تارىخى مەسىلىلىرى» ناملىق دەرسىدىن خاتىرىلەر.
47 سەھيھۇ،ل بۇخارىي، كىتابۇ ئەھادىيسى،ل- ئەنبىيا.

ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن

ئاپتۇر شىنجاڭ ئىسلام ئېنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتتى ئىجتىمائى پەنلەر ئېنىستىتۇتى ئىسلام تارىخىي بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق دەرىسلىرىنى تاماملىغانhttp://bbs.kangsay.com/read.php?tid-17240.html