رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m009.jpg

بارچە
مەدھىيە ۋە ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋىشچىسى ۋە ئىگىسى بولغان جانابى
ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇنىڭغا كائىناتتىكى جىمى مەۋجۇداتنىڭ سانىچە
مەدھىيە ئوقۇيمەن ۋە ئۇنى چىن قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن. ئىنسانىيەتنى
جاھالەتنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن ئىماننىڭ نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن ئالەملەرگە
رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتىمۇ ھەممەد
ئەلەيھىسسالامغ دۇرۇد-دۇئالىرىمى يوللايمەن. ئۇنىڭ ئائىلە
تاۋابىئاتلىرىغ، ساھابىلىرىغا، ئۇنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان
مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا مەڭگۈلۈك ئامانلىق تىلەيمەن.

دىننى
ئۆگىنىش، دىنىي بىلىملەرنى ئىگىلەش، دىننىڭ تەلىماتلىرىنى مۇكەممەل بىلىش،
ئۇنىڭ ئەھكاملىرىنى توغرا چۈشىنىش دېگەنلەر ئەرەب تىلىدا «ئەل فىقھۇ
فىددىن» دەپ ئاتىلىدۇ. «فىقھ»سۆزىنىڭ مەنىسى ئۆگىنىش ۋە بىلىش دېگەنلەردىن
ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، مۇكەممەل بىلىش ۋە توغرا چۈشىنىشنى ئىپادىلەيدۇ.
شۇڭا «فەقىھ» سۆزى «ئالىم»سۆزىدىن ئەلۋەتتە چوڭدۇر. ھەر
قانداق«فەقىھ»ن«ئالىم»دېگىلى بولىدۇ. ئەمما ھەر قانداق«ئالىم»نى
«فەقىھ»دېگىلى بولمايدۇ.

شەرئىي
ئىلىم مەنپەئەت جەھەتتىن ئىلىملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى، مەرتىبە جەھەتتىن
ئىلىملەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:«ئاللاھ تائالا
كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىندا مۇكەممەل قىلىدۇ»([1])دېگەن
سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

دىنى
ئىلىملەردە مۇكەممەل بولۇش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاللاھ تائالاغا
يېقىنلىشىشنىڭ ئەڭ كاپالەتلىك يولىدۇر. شۇڭا ئۆگىنىش ۋە بىلىش ئىسلام
دىنىنىڭ پەرزلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى بولغىنىدەك، دىنىي ئىلىملەرنى
ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكى باشقا جىمى ئىلىملەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ. چۈنكى
دۇنيادىكى ئىلىم-پەنلەر ئىنسانلارنىڭ دۇنيالىق ھاياتى ئۈچۈن پايدىلىق
بولسا، دىنىي ئىلىملەر ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتى
ئۈچۈن پايدىلىق بولغان، قوش قاناتلىق ئىلىملەردۇر.

ئاللاھ
تائالا ئىلىمنىڭ مەرتىبىسىنى ئىماننىڭ مەرتىبىسى بىلەن بىر ئورۇندا
قويغان.« ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر
قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.»([2])

ئاللاھ
تائالا ئىلىم ئەھلىنىڭ مەرتىبىسىنى ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرگەن،
ھەتتا قۇرئان كەرىم ئۇلارنى ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىگە
گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر قاتارىدا ساناپ، ئۇلارنى پەرىشتىلەر بىلەن بىر قاتاردا
ئالاھىدە تىلغان ئالغان.« ئاللاھ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق
بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم
ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى.»([3])

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى دەپ ئوچۇق
جاكارلىغان ھالدا:« ئوقۇش ئۈچۈن يول ئالغان ئادەمنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى
ئاللاھ ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ»([4])دېگەن.

دىنىي
ئىلىم پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسى بولۇپ، شەرئىي ئىلىملەردە مۇكەممەل بولغانلار
پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«
ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرلەر دىنار ياكى
دىرھەم قويۇپ كەتكەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئىلىم-ھېكمەت قويۇپ كەتكەن بولۇپ،
ئۇنى ئالالىغانلار تولۇق بىر نېسىۋىگە ئىگە بولغان بولىدۇ.»([5])

شەرئىي ئىلىمنىڭ تۈرلىرى

شەرئىي
ئىلىم ياكى دىنىي ئىلىم 3 تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار: ئاللاھ تائالانى بىلىش،
ئۇنىڭ دىنىنى بىلىش، ئۇنىڭ مۇكاپات ۋە جازاسىنى بىلىش قاتارلىقلاردۇر.
بۇلارنىڭ تەپسىلات تۆۋەندىكىچە:

1.
ئاللاھ تائالانى، ئۇنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىى، كامالىي قۇدرىتىنى، چەكسىز
ئىلىم-ھېكمىتىنى بىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك
ئىلىملەردىن سانىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ زاتىدا، ئىش-پائالىيەتلىىدە ۋە
جىمى سۈپەتلىرىدە ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان، تەڭداشسىز ئىلاھ ئىكەنلىكىنى،
ئۇنىڭ بالىسى ياكى ياردەمچىسى ياكى شېرىكى يوقلىقىنى، بارچە
ئەيىب-نۇقسانلاردىن تامامەن پاك ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئېتىقاد قىلغانغا
ئوخشاش.

2.
ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى، ئۇنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققىنى، دىننىڭ جىمى
ئەھكاملىرىنى دەلىل-ئىسپاتلىر بىلەن تولۇق بىلىش، ئىبادەتلەرنىڭ
سىستېمىلىرىنى مۇكەممەل ئۆگىنىش، ئاندىن دىننىن بۇيرۇغانلىرىنى چىن ئىخلاس
بىلەن قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن بويىچە تولۇق ئورۇنداشتۇر.

3. ياخشى
ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتىنى، يامان ئىشلارنىڭ جازاسىنى بىلىپ، دۇنيا ۋە
ئاخىرەتتە ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق بولغانلارنى قىلىشقا ئالدىراشقا ۋە زىيانلىق
بولغانلاردىن يىراق تۇرۇشقا ئادەتلىنىشنى ئۆگىنىشتۇر. چۈنكى ئىنسان
قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ ساۋابلىق ياكى گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ،
ئۆزىنى ياخشىلىق يولىدا يۈرگۈچى، يامانلىقتىن قاچقۇچى ئىنسان قىلىپ
يېتىلدۈرەلمەيد. ئىنسان ياخشى ئەمەللەرنىڭ مۇكاپاتىنىڭ ئېسىللىكىنى،
يامان، گۇناھ ئىشلارنىڭ جازاسىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە، ئۇنىڭدا
ياخشىلىققا مايىللىق، گۇناھتىن يىراق تۇرۇش كەيپىيىتى شەكىللىنىدۇ.

دىندا مۇكەممەل بولۇشنىڭ پايدىلىرى

ئاللاھ
تائالانىڭ دىنىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دىننىڭ بۇيرىغان ۋە توسقانلىرىنى تولۇق
بىلىپ ئەمەل قىلغان ئادەمدىنمۇ بەختلىك ئادەم بولمىسا كېرەك دۇنيادا. چۈنكى
ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان
نەرسە مۇشۇ. شەرئىي ئىلىمدە مۇكەممەل بولۇش بارچە ياخشىلىقنىڭ
مۇقەددىمىسىدۇر. بۇنىڭ بايانى تۆۋەندىكىچە:

1. ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا ياراتقۇچىسىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەققىنى بىلىدۇ.

2.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىمان بىلەن قولداش
ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. نەتىجىدە، كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئىسلام
ئەخلاقىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا، ئادالەتلىك، ھەققانىي ۋە سەمىمىي بولىدۇ.
بۇ ئارقىلىق كاتتا ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ.

3.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا دىننىڭ ئەھكاملىرىنى، ئاللاھ تائالانىڭ
ئىنسانلارنى نېمىگە بۇيرۇپ، نېمىدىن توسقانلىقىنى دەلىل –ئىسپاتلىرى بىلەن
ئۆگىنىدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرىغانلىقىرنى قىلىش، توسقانلىرىنى
تەرك ئېتىش ئارقىلىق توغرىلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرىدۇ.

4.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا ئىبادەتلەرنىڭ ئەھمىيەت ۋە ساۋاب تەرەپتىكى
دەرىجىلىرىنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ ساۋابلىق بولغانلىرىنى
ئاۋۋال ئورۇندايدۇ. مەسىلەن: تەكرار ھەج قىلىش ياكى ھەج بەدەل قىلدۇرۇش
ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىشتىن كۆرە، تۇغقانلارنىڭ، قوشنىلارنىڭ ئارىسىدىكى
يوقسۇللارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەھمىيەت ۋە ساۋاب جەھەتتىكى
دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلگەنگە ئوخشاش.

5.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا گۇناھ-مەسىيەتلەنىڭ دەرىجىلىرىنى بىلىدۇ-دە،
ئىككى زىياننىڭ بىرىنى قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، زىياننىڭ
يېنىكرەكىنى تارتىش ئارقىلىق چوڭ زىياندىن ساقلىنىپ قالالايدۇ. مەسىلەن:
پارا بېرىش ھارام بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ھارامدۇر. ھەقسىزلىككە
ئۇچرىغان بىرەر مۇسۇلماننى قايسى يول بىلەن بولمىسۇن قۇتقۇزۇش پەرز
بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنى ئۆز ھالىغا تەرك ئېتىش ھارامدۇر. مۇسۇلمان
ئادەم شەرئىي ئىلىم سايىسىدا بۇ ئىككى ھارامنىڭ قايسىسىنى قىلىش
مەسىلىسىدە، پارا بېرىپ بولسىمۇ ئۇ كىشىنى قۇتقۇزۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلىدۇ.
بۇ ئەھۋالدا پارا بېرىش ھاراملىقتىن چىقىپ شارائىتقا قاراپ مۇباھلىق ياكى
ۋاجىبلىق ھۆكۈمىنى ئالىدۇ.

6.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ ھەق دىننىڭ
ئەھمىيىتىنى، ئۇلۇغلىقىنى ۋە ھەققانىيلىقىنى، ھەر زامانغا ۋە ھەر ماكانغا
مۇناسىپ، ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ
بەخت-سائادەتنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ.

7.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا ئىسلام دىنىغا ھىدايەت قىلىنغانلىقتىن چوڭ
نېمەت يوقلىقىنى، ئىسلام دىنىنىڭ پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن شەپقەت ۋە
بەخت-سائادەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

8.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا ئۆزىنىڭ پايدا-زىيىنىنى بىلىدۇ ۋە شۇ بىلگىنى
بويىچە ئەمەل قىلىپ، ئاقىۋىتى خەيرلىك بولغانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.«
ئاللاھقا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن
مۇسۇلمانلاردىنەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟»([6])

9.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا كىشىلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ دىنىغا دەۋەت
قىلىشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىبادەت ۋە كاتتا ساۋابلىق ئەمەل ئىكەنلىكىنى
بىلىدۇ.« بىراۋنى ھىدايەتكە باشلىغان ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىدايەت
تېپىپ ياخشى ئىش قىلغان ئادەم قازانغان ساۋابنىڭ ئوخشىشى يېزىلىدۇ.»،«سېنڭ
سەۋەبىڭ بىلەن بىرەر ئادەمنىڭ ھىدايەت تېپىپ قېلىشى دۇنيادا ۋە
ئۇنىڭدىندىكى ھەممە نەرسىدىن ئەۋزەلدۇر»دېگەن ھەدىسلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

10.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا ھەقىقەتلەرنى دەلىل-ئىسپاتلىر بىلەن تولۇق
بىلىدۇ. نەتىجىدە، ئىنسانىي ۋە جىننى شەيتانلارنىڭ ھەر خىل ۋەسۋەسىلىرىگە
ئالدانمايدۇ، ئەقىدىسى تەۋرەنمەيدۇ، نەپسىنىڭ ۋە شەيتاننىڭ يامانلىقلارنى
چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىشىگە قايىل بولمايدۇ.« شەيتانغا تاقابىل تۇرۇشتا بىر
ئالىم مىڭلارچە ئابىدتىن كۈچلۈكتۇر.»

11.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە نەقەدەر
مېھرى-شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى، نەمەتلىرىنىڭ سانسىزلىقىنى، ھەممىگە رىزىق
بېرىپ پەرۋىش قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا بۇ دۇنيادا ئۆزىگە ئىنكار قىلغان
كاپىر بەندىلىرىنىمۇ رىزىقتىن مەھرۇم قىلمايدىغان دەرىجىدىكى
مېھرىبانلىقىنى زالىملارنى جازالاشتىكى كۈچ-قۇۋۋىتىنى تونۇپ يېتىدۇ. شۇڭا
ئالىملار ئاللاھ تائالانى ھەممىدىن بەك بىلىدىغان كىشىلەردۇر.« ئاللاھتىن
پەقەت ئالىم بەندىلىرىلا قورقىدۇ»([7])دېگە ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

12
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا كىشىلەرگە ھەقسىزلىق قىلىشنىڭ نەقەدەر ئېغىر
گۇناھ ۋە كەچۈرۈلمەس جىنايەت ئىكەنلىكىنى، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقنىڭ ياخشى
ئەمەللەرنى يەپ تۈگىتىدىغان، ئاخىرەتتە ئىگىسىنى قۇرۇق قول قىلىپ قويىدىغان
يامان ئىش ئىەكنلىكىنى بىلىدۇ-دە، يامانلىقتىن، ھەقسىزلىقتىن قول ئۈزىدۇ.
بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىدىن: «كىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچى
ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر: «ھېچقانداق مال –
مۈلكى بولمىغان كىشىنى قۇرۇق قول قالغۇچى كىشى، دەيمىز» دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى بىراۋ ناماز، زاكات ۋە روزا بىلەن
كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بىرىنى تىللىغان، بىرىگە تۆھمەت چاپلىغان، بىرىنىڭ مېلىنى
يەۋالغان، بىرىنىڭ قېنىنى تۆككەن، بىرىنى ئۇرغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ
ياخشىلىقلىرى شۇلارغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرى تۈگىسە،
ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مانا
بۇ، مېنىڭ ئۇممىتىمنىڭ قۇرۇق قول قالغۇچىسىدۇر» ([8])دېگەن.

13.
ئىنسان شەرئىي ئىلىم سايىسىدا يارىتىلىشنىڭ غايىسىنى ۋە بارىدىغان جايىنى
بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق بولۇپ، ئاخىرى پانىي
بولىدىغانلىقىن، ئاخىرەت ھاياتىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇپ، ئەبەدىي پانىي
بولمايدىغانلىقنى، بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئېكىنزارلىق ئىكەنلىكىنى
بىلىدۇ. نەتىجىدە، ۋاقىتلىق پانىي دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى مەڭگۈلۈك بولغان
ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئالدىدا قويمايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى ئادا
قىلىشنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا قويغان ھالدا ئىش كۆرىدۇ.

([1]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

([2]) مۇجادەلە سۈرىسى11-ئايەت.

([3]) ئال ئىمران سۈرىسى18-ئايەت.

([4]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.

([5])
ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ھىببانلار رىۋايەت قىلغان. ئىبنى
ھەجەر ئەسقەلانى، ئىبنى قەييىم ۋە ئالبانىيلار «ھەسەن»دەپ باھالىغان ھەدىس.

([6]) فۇسسىلەت سۈرىسى33-ئايەت.

([7]) فاتىر سۈرىسى28-ئايەت.

([8]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.