رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرى

m019.jpg

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر. ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر}.

m018.jpg

ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى پەيغەمبەرلىكنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىر سۈپىتىدە ئۇممىتى ئىچىدە بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىدىغان بەزى ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار قىلغان بولۇپ، كېيىن بۇ ئىشلار پەيغەمبەر خەۋەر بەرگەندەك روياپقا چىقتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا مېنىڭ ھەدىسلىرىم يىتىپ كەلسە: ئاللاھنىڭ كىتابى كۇپايە، ئاللاھنىڭ كىتابىدا ھالال تاپقانلىرىمىزنى ھالال، ھارام تاپقانلىرىمىزنى ھارام، دەپ بىلىمىز دەيدىغانلىقى يەقىندۇر. [تىرمىزى رىۋايىتى].

قەدىر كىچىسى توغرىسىدا ھەدىسلەر
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: قەدىر كېچىسى بولغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىر توپ پەرىشتىلەر جامائىتى بىلەن چۇشۇپ، ھەربىر قىيامدا تۇرۇپ ناماز ئۇقۇۋاتقان ياكى ئولتۇرۇپ اللھ نى ئەسلەۋاتقان بەندىگە رەھمەت يوللاپ، مەغپىرەت سورايدۇ، ئۇلارنىڭ رۇزا ھېيىت كۈنى بولغاندا، اللھ تائالا ئۇلارنى پەرىشتىلەرگە باھالاپ، ماختاپ بىرىپ ؛ ئى پەرىشتىللىرىم! ئۆز ئەمىلىنى تۇلۇق تامام قىلغان ئىشچىنىڭ ئىش ھەققى مۇكاپاتى قانداق بۇلىدۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار: ئى رەببىمىز! ئۇنىڭ مۇكاپاتى ، ئىش ھەققى تۇلۇق بىرىلىشى كىرەك دەيدۇ، اللھ تائالا: ئى پەرىشتىلىرىم!
ئاشۇرا كۈنى روزىسى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى

ئاشۇرا كۈنى نېمە ئۈچۈنروزا تۇتۇلغان؟ئابدۇللاھبىن ئابباستىن -ئاللاھ ئۇنىڭدىن ۋە ئاتىسىدىن رازى بولسۇن- نەقىل قىلىندىكى، ئۇمۇنداق دېگەن:قَدِمَ النَّبِيُّصَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ الْمَدِينَةَ فَرَأَى الْيَهُودَ تَصُومُ يَوْمَعَاشُورَاءَ، فَقَالَ: مَا هَذَا؟ قَالُوا: هَذَا يَوْمٌ صَالِحٌ، هَذَا يَوْمٌنَجَّى اللهُ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ عَدُوِّهِمْ فَصَامَهُ مُوسَى. قَالَ:فَأَنَا أَحَقُّ بِمُوسَى مِنْكُمْ، فَصَامَهُ وَأَمَرَ بِصِيَامِهِ."پەيغەمبەر-ئاللاھئۇىڭغا ئالقىش ۋە ئامانلىق بەرسۇن-مەدىينىگ كەلگەن چاغدا يەھۇدىلەرنى ئاشۇراكۈنى روزا تۇتۇۋاتقان ھالدا كۆردى.

سالاملىشىپ تۇرۇشنى قاچان ئۈگىنىمىز

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئىمان ئېيتمغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر- بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر، سىلەرنى بىر - بىرىڭلارنى ياخشى كۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشقا يېتەكلەپ قويمايمۇ؟ ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىڭلار". [مۇسلىم، بۇخارى رىۋايىتى].

ئىلاھى چاقىرىق ۋە ئۇنىڭ ماددىلىرى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تەئالادىن «ئى (ۋەھيى نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر)! تۇر! ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇر. پەرۋەردىگارىڭنى ئۇلۇغلا. كىيىمىڭنى پاك تۇت. ئازابتىن (يەنى ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئىشلاردىن) يىراق بول. كۆپ ئېلىش نىيىتىدە بەرمە (يەنى كىشىگە بىرەر نەرسە سوۋغا قىلساڭ، ئۇنىڭدىن كۆپرەك ئېلىشنى تەمە قىلما). پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن (قەۋمىڭدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىل» (7 — 74:1) دېگەن مەزمۇندا بىر نەچچە ئىلاھىي چاقىرىقلارنى تاپشۇرۇۋالدى.

m009.jpg

مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى:

بىر كۈنى ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مەجلىستە ئىدى. ئىككى ياش يىگىت بىر ئادەمنى تۇتۇپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆمەر ئۇلاردىن سورايدۇ: بۇ نېمە ئىش؟
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: بۇ ئادەم ئاتىمىزنى ئۆلتۈرىۋەتتى، دەيدۇ.
ئۆمەر ئادەمدىن سورايدۇ: بۇ راستمۇ؟
ئادەم جاۋاب بېرىدۇ : ھەئە شۇنداق.
_ قانداق ئۆلتۈردۈڭ؟
_ تۆگىسى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمغا كىرىۋىدى، توسسام قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تاشنى ئېتىۋىدىم، بېشىغا تىگىپ ئۆلدى.
_ ئۇنداقتا، ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.

m014.jpg

- قىزىل رەڭلىك چاقنىغان يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن يۇلتۇزلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىقى ئاشقانسېرى قىزىل رەڭدىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

- رەڭگى قاپقارا يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىقى يۇقىرى يۇلتۇزلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- جەھەننەم ئوتىنىڭ رەڭگىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئاللاھ ھەممەيلەننى دوزاخ ئوتىدىن ساقلىسۇن، ئامىن.

ھاۋا بوشلۇقى ئالىمى دوكتۇر فارۇق بازنىڭ باياناتى

m013.jpg

ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "بىز جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ئەھلىگە ئاشلىق ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرەپتىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: ئۇنى ئەجەملەر چەكلەيدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ مۇنداق دېدى: شام ئەھلىگە دىنار ۋە ئاشلىق ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: رىملىقلار تەرىپىدىن، دېدى.

m039.jpg

ۋەھىينىڭ لوغەت مەنىسى: ئىشارەت قىلىش، يېزىش، ئەلچىلىك يەتكۈزۈش، ئىلھام قىلىش، مەخپىي گەپ قىلىش ۋە باشقىلارغا تاشلاپ بەرگەن سۆز دېگەن مەنىلەردىن ئىبارەت. ۋەھىينىڭ لوغەتتىكى ئەسلى مەنىسى:« مەخپىي گەپ قىلىش»« مەخپىي بىلدۈرۈش» دېگەنلىكتۇر.

ئەرەبچەسۆزدە:« وحى إليه » دەيدۇ بۇ (پالان كىشى يەنە بىرىسىگە باشقىلارغا بىلدۈرمەي گەپ قىلدى. كىشىگە بىلدۈرمەي ئىشارەت قىلدى)دېگەنلىكتر