دىننى يەتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولۇشنىڭ ئۈچىنچى مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا دەۋەت يۈز ئۆرۈش، مەسخىرە قىلىش، ئەزىيەت قىلىش، ئىنكار قىلىش، توسۇش ۋە سۇيىقەست پىلانلاش قاتارلىقلار بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ، مەككە خەلقى بۇ كۈرەشنىڭ خەۋىرىنى تارقىتىشقا باشلايدۇ، بۇ بىر تەرەپتىن دەۋەت ئۈچۈن چوڭ پايدا ئېلىپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئەتراپتىكى قەبىلىلەر ئارىسىدا بۇ دەۋەتنىڭ خەۋىرى تىز تارقىلىپ، بەزىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت ساھەسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىپ تائىفقا چىقىپ، قەبىلە باشلىقلىرىغا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى رەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يامان مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا
قۇرەيش جەمئىيىتىدە بەنى نەۋفەل قەبىلىسىنىڭ كۈچلۈك نوپۇزى بارلىقىنى بىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ زاماندىكى ئۆرپ - ئادەت ۋە قانۇن - نىزاملاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنى دەۋەت خىزمىتىنىڭ جانلىنىشىغا خىزمەت قىلدۇرىدۇ.[4]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار دىنىدىن خاتىرجەم بولالىغۇدەك ۋە قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قۇتۇلغۇدەك بىر ماكان ۋە دەۋەتنى خەلقئارالاشتۇرۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپتىكى قەبىلىلەرگە بېرىپ، ئۇلارنى دەۋەت قىلغاندىن كېيىن، بەزى ساھابىلىرىنىڭ ھەبەشىستانغا (يەنى ئېفىئوپىيىگە) ھىجرەت قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئېفىئوپىيىگە بولغان تۇنجى قېتىملىق ھىجرىتى پەيغەمبەرلىكنىڭ
ئېفىئوپىيىگە تۇنجى ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا بولغان ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: مۇسۇلمانلارغا مەككە تار كەلگەندە، تاغىسى ۋە قەۋمى - جامائىتى ھىمايىسىدە ئۆزىگە ئەزىيەت يەتمىسىمۇ لېكىن ساھابىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئەزىيەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئېفىئوپىيىدە بىر پادىشاھ بار، ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، ئاللاھ سىلەرگە چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر سىلەر شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن، بىز ئۇ يەرگە بېرىپ، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۇق.[6]
مۇسۇلمانلارنىڭ ئېفىئوپىيىگە بولغان ھىجرىتى سىياسىي، تەشۋىقات ۋە دەۋەت خاراكتېرىنى ئالغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
بۇ ھىجرەت ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن مۇھىم بىر ۋاسىتە بولغانىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىنى تاشلاپ چىقىشى جەمئىيەتتە چوڭ بىر ئىش يۈزبەردىمۇ نېمە؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن يۇرت - ماكانلىرىنى، مال - مۈلۈكلىرىنى ۋە ئۇرۇغ - تۇغقانلىرىنى تاشلاپ چىقىدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى پەيدا قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۆمەكتىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئېفىئوپىيە پادىشاھى نەجاشىغا مۇسۇلمانلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ئىشارەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلىپ مەكتۇپ ئەۋەتكەنىدى.
بۇ تۇنجى قېتىملىق تەشۋىقات ئۆمىكى ئىسلام دەۋىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پۇختا پىلان ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر بىلەن تەييارلانغان ئۆمەك ئىدى.[7]
زامان ۋە ماكاننىڭ مۇناسىپ تاللىنىشى تاسادىپىيلىق بىلەن، ياكى ئەزىيەتلەردىن قېچىش ئۈچۈنلا بولمىغانىدى. چۈنكى بەزى مۇھاجىرلارنىڭ قاتتىق ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىماستىن قەبىلىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا مەككىدە قېلىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى.[8]
بۇ تۇنجى تەشۋىقات ئۆمىكى كۈنىمىزدىكى ئەلچى ئۆمەكلىرىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى، لېكىن بۇ ئۆمەك لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەد رەسۇلۇللاھ دېگەن شوئارنى كۆتۈرگەن ۋە ئۇنى تارقىتىشقا تىرىشقان ئۆمەك ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئېفىئوپىيە ھىجرىتىنىڭ بىرىنچى نىشانى بوزەك قىلىنغانلارنى قۇرەيشلەرنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش بولغان بولسىمۇ، لېكىن دەۋەت ئۈچۈن يېڭى ئۇپۇق ئېچىش، قۇرەيشلەرنىڭ دەۋەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.
قۇرەيشلەر مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت قىلىشنى توختىتىپتۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان مۇھاجىرلار ئېفىئوپىيىدىن مەككىگە قايتىپ بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى، ئەكسىچە ئىشنىڭ تېخىمۇ يامانلىقىنى بىلگەن ۋاقتىدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرەتكە رۇخسەت بەرگەن بولۇپ، ئەر ۋە ئاياللاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە كىشى يەنە ئېفىئوپىيىگە ھىجرەت قىلىدۇ.
مۇھاجىرلارنىڭ ئېفىئوپىيىدە بىخەتەر ياشاۋاتقانلىقىن
مۇھاجىرلارنىڭ كۆپ قىسمى مەدىنىدە ئىسلام يىلتىز تارتقانغا قەدەر ئېفىئوپىيىدە قالغان بولۇپ، كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېفىئوپىيىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ. جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرى ھىجرىيەىنىڭ 7- يىلى خەيبەر فەتھى بولغانغا قەدەر ئېفىئوپىيىدە قالىدۇ.[9]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان تىجارەت مەۋسۇمى، ھەج مەۋسۇمى قاتارلىق مەۋسۇملارنى غەنىمەت بىلىپ، بۇ مەۋسۇملاردا باشقىلار بىلەن تۇنۇشۇشقا ۋە مەككە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرگە دەۋەتنى كېكەيتىشكە تىرىشاتتى.
ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن مەدىنە شەھىرىدە باشقا شەھەرلەردە تېپىلمايدىغان تۆۋەندىكىدەك بەزى شارائىتلار بار ئىدى:
1- مەدىنىدىكى ئەۋس قەبىلىسى بىلەن خەزرەج قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا بۇئاس كۈنى[10] دىكى ئۇرۇشقا ئوخشىغان چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ داۋام قىلغانلىقى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشلاردا ئۇلارنىڭ جاھىل پىشقەدەم كاتتىباشلىرى تۈگەپ، پەقەت ئاكتىپ ياشلاردىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتلا قالغانىدى. ئۇ كۈنلەردە مەدىنە ئەھلى بىر يېتەكچىگە قاتتىق مۇھتاج بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. بەزىلەر بۇئاس كۈنىنى كېيىنكى كۈنلەردە مەدىنە ئەھلىنىڭ توسالغۇسىز ئىسلامغا كىرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
2- مەدىنىدە پەيغەمبەرلەرنىڭ
ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن مەدىنە ئەھلىدىن ئالتە نەپەر كىشى مىنادىكى ئەقەبە دېگەن جايدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېيىنكى يىلى ھەج مەۋسۈمىدە يەنە ئون ئىككى نەپەر مۇسۇلمان بىلەن ئەقەبە دېگەن جايدا ئۇچرۇشۇپ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسىق، زىنا قىلماسلىق، باشقىلارغا بوھتان چاپلىماسلىق ۋە ئاسىيلىق قىلماسلىق قاتارلىق شەرتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ بەيئەت ئەقەبە بىرىنچى بەيئىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۇلارغا دىننى ۋە قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە ئەۋەتىدۇ. ئۇ، مەدىنىدە مۇئەللىم دېگەن نام بىلەن تونۇلىدۇ ۋە نامازلاردا ئۇلارغا ئىمام بولىدۇ.[13]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بىر قانچە ساھەدىكى قابىلىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى بۇ ئىشقا تاللىغانىدى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان كەرىمنى يادلىغان قارى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىمانى كۈچلۈك، دىننى يەتكۈزۈشكە ھېرىس، تىرىشچان، گۈزەل ئەخلاققا ئىگە، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان تالانتلىق ساھابە ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا مەدىنە شەھىرىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا ۋە سەئد ئىبنى مۇئاز، ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير قاتارلىقلارغا ئوخشىغان قابىلىيەتلىك شەخسلەرنى ئىسلام دىنىغا جەلپ قىلىشقا قادىر بولالىغانىدى. بۇ ئىككى شەخسنىڭ مۇسۇلمان بولىشى بىلەن مەدىنىدە كۆپلىگەن كىشىلەر مۇسۇلمان بولغانىدى.[14]
مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزەيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەشۋىقات، دەۋەت، تەلىم - تەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئالغان رولىنىڭ كېيىنكى باسقۇچقا شارائىت ھازىرلاشتا ئىنتايىن چوڭ تەسىرى بولغانىدى. مەدىنە شەھىرى ئاساسەن دەۋەت ۋە قۇرئان كەرىم بىلەن پەتھى بولغانىدى. ئىككىنچى قېتىملىق بەيئەتكە ئەنسارلاردىن بىر ئۆمەك تەشكىللىنىپ كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دەۋەت يېڭى بىر باسقۇچقا يۆتكىلىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋەت خىزمىتى ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان شەخسنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دىننى يەتكۈزۈش، ئامانەتنى ئادا قىلىش يولىدا چوڭ رول ئوينىغانلىقىنى،
[1] سۈرە شۇئەرا 214- ئايەت.
[2] سۈرە مەسەد.
[3] دراسة في السيرة النبوية، د. عماد الدين خليل ص 124، 125.
[4] أصول الفكر السياسي في القرآن الكريم، د. التجانى، ص (172- 180).
[5] دراسة في السيرة النبوية، د. عماد الدين خليل ص124، 125.
[6] ابن هشام (1/334).
[7] الوفود الإعلامية في العصر المكي لعلى الأسطل، (114).
[8] الوفود الإعلامية في العصر المكي لعلى الأسطل، (114).
[9] السيرة النبوية الصحيحة، د. أكرم ضياء العمري (1/176).
[10] بۇئاس كۈنى ئەۋس قەبىلىسى بىلەن خەزرەج قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن ۋە چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بۇلغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈن ئۇرۇش بولغان جاينىڭ نامى بىلەن بۇئاس كۈنى دەپ ئاتالغان.
[11] البخاري، كتاب المناقب، باب مناقب الأنصار (4/267) رقم 7777.
[12] ابن هشام (1/430).
[13] سيرة ابن هشام (1/431).
[14] سيرة ابن هشام (1/431).
ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.