رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m005.jpg

قىيامەت يېقىنلاشتى [57] سۈرە نەجم][كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر [1]سۈرە ئەنبىيا] [(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى قويۇۋەت، يەپ- ئىچىپ، ئويناپ- كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ [3] سۈرە ھىجر]  ئەبۇ جۇبەيرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« مەن قىيامەت شامىلىنىڭ ئەۋۋىلىدە ئەۋەتىلدىم» [ئەھمەد ۋە تەبرانى ۋە ئەبۇ يەئلا سەھىھ]

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ئاللاتائالاغا ھېچقانداق شېرىك كەلتۇرۇلمەي ئىبادەت قىلىنىشى ئۈچۈن قىيامەت بولۇشنىڭ ئالدىدا قېلىچ بىلەن ئەۋەتىلدىم. »[ئەھمەد ۋە تەبرانى ۋە ئەبۇ يەئلا سەھىھ]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت مۇشۇ ئىككى بارمىقىمچىلىك قالغاندا مەيدانغا كەلدىم» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئىمام ئەھمەد، ۋەھب سەۋائىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« مەن قىيامەت بولۇشقا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماق تەڭ بولۇشقا مۇشۇنچىلىك قالغاندىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدىم، قىيامەت مېنىڭ ئالدىمدا (يەنى مەن پەيغەمبەر بولۇپ كېلىشتىن ئىلگىرى) قايىم بولغىلى تاس قالدى» ئەئمەش بۇ ھەدىسنى كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ چۈشەندۇردى.

 

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللا پۈتۈن دۇنيانى (يەنى بۇ دۇنيانىڭ ۋاقتىنى ئازلا قىلغاندۇ) بۇ دۇنيادىن پەقەت ئازلا قالدى، ئۇ خۇددى تاغنىڭ ئۈستىدىكى سۇ يىغىلىپ قالىدىغان كۆلچەكنىڭ سۈزۈك سۈيى ئېقىپ تۈگەپ، لاي سۈيى قالغاندەكلا ئىشتۇر»[ھاكىم ھەسەن]

 

قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى سەندىن سورايدۇ

[(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى:« ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ﷲ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ» گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى:« ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ﷲ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ [187] سۈرە ئەئراف] [ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە، مەندە ﷲنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، مەن غەيىبنىمۇ بىلمەيمەن، سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىگىلا ئەمەل قىلىمەن. ئېيتقىنكى: كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟ [50] سۈرە ئەنئام][ئۇلار ئاللانىڭ مەلۇماتىدىن (ﷲ) ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ [255] سۈرە بەقەر] [سىلەرگە بەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن [85] سۈرە بەنى ئىسرائىل][شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى [18] سۈرە مۇھەممەد]

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن بىر ئاي بۇرۇن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:« سىلەر مەندىن قىيامەت ھەققىدە سورايسىلەر، ئەمما قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى ئاللادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ » [مۇسلىم]

ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ۋەز ئېيتىپ، قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرى يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئاينىڭ يېرىلغانلىقى توغرسىدا

 

[قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى [1] (كۇففارلار) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ [2] سۈرە قەمەر]

ئىمام بۇخارى، ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئەھلى مەككە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن، ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە بىر مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاينى ئىككى پارچە قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئۇلار ئىككى پارچە ئاينىڭ ئارىسىدا ھىرا تېغىنى كۆرىدۇ»

ھافىز ئەبۇ بەكرى بەيھەقى، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئاللاتائالانىڭ: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى» دېگەن ئايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يۈز بەرگەن. ئاي ئىككى پارچىغا يېرىلىپ بىر پارچىسى تاغنىڭ ئالدى تەرىپىدە، يەنە بىر پارچىسى تاغنىڭ ئارقا تەرىپىدە تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئى ئاللا! سەن گۇۋاھ بولغىن» دېگەن. [مۇسلىممۇ ۋە تىرمىزىمۇ رىۋايەت قىلغان]

ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مەسئودنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاي پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئىككى پارچىغا يېرىلدى، مەككىلىكلەر ئۇنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئى ئەھلى مەككە! بۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار» دېدى. {بۇخارى ۋە مۇسلىممۇ}

ئىمام ئەھمەد، جۇباير ئىبنى مۇتئىمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئاي يېرىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ، بىر پارچىسى ئۇ تاغنىڭ ئۈستىدە، يەنە بىر پارچىسى بۇ تاغنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلار: مۇھەممەد بىزگە سېھىر قىلدى، دېيىشتى، ئۇلار يەنە: بۇ بىزگە سېھىر قىلغان بولسىمۇ، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى سېھىر قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، دېيىشتى» [بۇنى ئىمام بەيھەقىمۇ رىۋايەت قىلغان]

قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا 30 دەججال، كاززاپ بار»[ ئەھمەد سەھىھ]

جابىر ئىبنى سۇمرەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن كاززاپلار چىقىدۇ»[ ئەھمەد ۋە مۇسلىم سەھىھ]

 

ئەۋف ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ، مەن تەبۇك غازىتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ تېرىدىن ياسالغان بىر چېدىرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:« قىيامەتتىن بۇرۇن بۇ ئالتە ئىشنى سانىغىن: مېنىڭ ئۆلۈمىم. بەيتۇل مۇقەددەسنىڭ ئازاد قىلىنىشى. خۇددى قوي ۋاباسىدەك بىر ۋابانىڭ ئاراڭلاردا پەيدا بولۇشى. مال- دۇنيا كۆپىيىپ كېتىشى. (مال- شۇ دەرىجىدە كۆپىيىپ كېتىدۇكى) بىر كىشىگە يۈز دىنار بېرىلسە (رازى بولماي) ئاچچىغى كېلىپ قارايدۇ. ئەرەب ئۆيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي (ھەممىسىگە) كىرىدىغان پىتنە. ئەسفەر ئوغۇللىرى (رۇملۇقلار) بىلەن ئاراڭلاردا بولىدىغان تىنىچلىق كېلىشىمى. كېيىن ئۇلار كېلىشىمگە خىيانەت قىلىپ، ئالدىڭلارغا 80 بايراق ئەسكەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ. ھەر بىر بايراق ئاستىدا 12 مىڭ ئەسكەر بولىدۇ» [بۇخارى ۋە ئىبنى ماجە ۋە ھاكىم سەھىھ]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىنسانلارنىڭ مەسجىد (سېلىش ۋە بېزەش) بىلەن ئۆزئارا ماختىنىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» [نەسەئى سەھىھ]

ئەبۇداۋۇد ئىبنى ئابباستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« مەن مەسچىتلەرنى زىننەتلەشكە بۇيرۇلمىدىم» ئىبنى ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىنى مۇنداق ئىزاھلىدى: يەنى مەن يەھۇدىي ۋە خىرىستىئانلار زىننەتلىگەندەك مەسچىتلەرنى زىننەتلەشكە بۇيرۇلمىدىم

 

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىشىلەر مەسجىدنىڭ ئۇ تەرىپىدىن بۇ تەرىپىگە مېڭىپ يۈرىدۇ- يۇ، ئەمما ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇمايدۇ، تونۇغان كىشىگىلا سالام بېرىپ، باشقىلارغا سالام قىلماسلىقى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر»[ تەبرانى سەھىھ]

 

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقانسېرى كىشىلەر دۇنياغا بولغان ھىرىسمەنلىكنى زىيادە قىلىپ، ئاللادىن يىراقلىشىشنى زىيادە قىلىدۇ. (شۇنداق كىشىلەردىن يىراق تۇرغىن)»[ ھاكىم ھەسەن]

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقانسىرى كىشىلەر ئاللاھتىن يىراقلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇلاردىن يىراق بولۇشنى لازىم تۇتۇپ، ئاللاھقا يېقىن بول»[تەبرانى ھەسەن]

پەيرۇز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقانسېرى، ئىسلام دىنىنىڭ تۇتقىسى بىردىن – بىردىن چۇۋۇلۇپ تۈگەيدۇ» [ئەھمەد سەھىھ]

 

ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىسلامنىڭ شەرئى ئەھكاملىرى، (تۇتقىلىرى) بىر تۇتقىسىدىن، (بىر ھۆكۈمدىن) بىر – بىرلەپ بۇزۇلۇپ تۈگەيدۇ، ھەر قاچان بىر تۇتقىسى بۇزۇلسا، بىر ھۆكمى تۈگىسە، كىشىلەر ئۇنىڭغا يېقىن بولغان يەنە بىر تۇتقىسىغا ئېىسىلىدۇ، ئىسلام دىنىنىڭ تۇنجى بولۇپ يوقايدىغان تۇتقىسى ھۆكۈمدۇر، (ھاكىمىيىتىدۇر) ئەڭ ئاخىرىدا يوقايدىغان تۇتقىسى نامازدۇر»[ ئەھمەد ۋە ئىبنى ھەببان ۋە ھاكىم سەھىھ]

ئەبۇ ئۇمەييە تولجۇمەھى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« ھەقىقەتەن قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرسى، ئىلىم ياشلاردىن ئېلىنىدۇ» [تەبرانى سەھىھ]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىدىن خەۋەر بېرەي، دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا، پادىچىلار چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا قىيامەت يېقىنلاشقان بولىدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«دېدەك ئۆز خوجايىنىنى تۇغقان چاغدا، پادىچىلار چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنگەن چاغدا، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ باشلىق بولۇپ قېلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدۇر» [ئەھمەد سەھىھ]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« (قىيامەت قاچان بولىدۇ دېگەن بىر سورىغۇچىغا)ئىشەچ يوقالغان چاغدا قىيامەتنى كۇتسەڭ بولىدۇ- دېدى. ئەئرابى: ئىشەنچنىڭ يوقالغانلىغى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ىش (خەلپىلىك، قازىلىق، مۇپتىلىق… قاتارلىق ئىشلار) شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان ئادەملەرگە تاپشۇرۇلغان چاغدا قىيامەتنى كۇتسەڭ بولىدۇ» دېدى [بۇخارى]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« يەر ئۆزىنىڭ باغرىدىكى ئالتۇن- كۈمۈشلەرنى قۇسۇپ، ئۈستىگە چىقىرىۋېتىدۇ. قاتىل كېلىپ:« مەن مۇشۇنى دەپ ئادەم ئۆلتۈرگەنىدىم» دەيدۇ. سىلەر- رەھىمنى ئۈزگەن كىشى:« مەن مۇشۇنى دەپ سىلە- رەھىمنى ئۈزگەنىدىم» دەيدۇ. ئوغرى كېلىپ:« مۇشۇنىڭ سەۋەبىدىن قولۇم كېسىلگەنىدى» دەيدۇ. كېيىن ئۇلار ئۇنى تاشلاپ، ھېچ نەرسە ئالماستىن كېتىپ قالىدۇ» [مۇسلىم]

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاينىڭ (مۇددىتىدىن) بۇرۇن كۆرۈلۈشى ۋە:« بۇ ئىككى كۈنلۈك (ئاي)» دېيىلىشى، مەسجىدلەرنىڭ ئۆتەر يولغا ئايلىنىپ كېتىشى. تۇيۇقسىز ئۆلۈملەرنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى قاتارلىقلار قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» [ئەلئەۋسەت ۋە ئەلسەغىر ھەسەن]

ئىبنى مەسئود رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« يېڭى ئاينىڭ چوڭىيىپ كېتىشى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدۇر» [تەبرانى سەھىھ]

 

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« پاھىشىۋازلىق، ئېغىزى بەزەپلىك، سىلە- رەھىمنى ئۈزۈۋېتىش، ئىشەنچىلىك كىشى خائىن، خائىن بولسا ئىشەنچىلىك سانىلىپ(ئامانەت قويۇشلار) قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر» [تەبرانى سەھىھ]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشى، ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى، زىنانىڭ تارىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدۇر» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

 

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت قايىم بولۇشتىن ئىلگىرىكى بىر مەزگىلدە ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، نادانلىق، بىلىمسىزلىك ئەۋجگە چىقىدۇ، پاراكەندىچىلىك كۆپىيىپ كېتىدۇ. پاراكەندىچىلىك- ئۆلتۈرۈش، قىرغىن قىلىشتۇر» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ۋاقىتنىڭ قىسقىراپ كېتىشى، ساۋابلىق ئىشلارنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، كىشىلەرنىڭ بېخىللىشىشى، بالايىئاپەتنىڭ جۇش ئۇرۇشى، پاراكەندىچىلىكنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر» كىشىلەر: پاراكەندىچىلىك نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« قىرغىن قىلىش، قىرغىن قىلىش» دەپ جاۋاب بەردى» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، جاھالەتنىڭ يىلتىز تارتىشى، ھاراق ئىچىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى، زىنانىڭ تارىلىشى ، ئاياللارنىڭ سانى كۆپىيىشى، ئەرلەرنىڭ ئازىيىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ بىر ئەر كىشىگە قاراشلىق بولۇشى قىيامەتنىڭ ئالدىن بولىدىغان ئالامەتلىرىدۇر» [بۇخارى]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قىيامەت يېقىنلاشقاندا سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى بايلىق كۆپىيىپ، شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، سەدىقىسىنى ئالغىلى ئادەم تاپالمىغانلىق سەۋەبىدىن مال ئىگىسىنى غەم باسىدۇ، ھەتتا ئۇ بىراۋغا سوۋغا بەرسە، ئۇ ئادەم: مەن بۇنىڭغا مۇھتاج ئەمەس، دەيدۇ» [بۇخارى ۋە مۇسلىم]

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، كىشى قولىدىكى ئالتۇنلارنى سەدىقە قىلىش ئۈچۈن ئايلىنىپ يۈرىدۇ، لېكىن بۇ ئالتۇنلارنى ئالىدىغان ئادەم تاپالمايدۇ. ئەنە شۇ زامانلاردا ئەرلەرنىڭ ئازلىقى ۋە ئاياللارنىڭ كۆپلىكىدىن 40 ئايال بىر ئەرنىڭ پاناھىغا سېغىنىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدۇ» [بۇخارى]

خالىد ئىبنى ۋەلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ئۆلتۈرۈلۈش، چوڭ قىرغىنچىلىق، جەڭنىڭ كۈنلىرى باردۇر»[ ئەھمەد ۋە تەبرانى سەھىھ]

ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« (قىيامەت قايىم بولۇش ئۈچۈن) كىشىلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ھالاك بولىدىغانلىرى قۇرەيىشتۇر، قۇرەيىشلەردىن تۇنجى بولۇپ ھالاك بولىدىغىنى مېنىڭ ئەھلى بەيتىمدۇر»[ تەبرانى سەھىھ]

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەقىقەتەن قىيامەت قايىم بولۇش ئالدىدا زور قىرغىنچىلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇ كۇففارلارنىڭ قىرغىنچىلىقى ئەمەس. لېكىن، ئۇ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ بەزىسى- بەزىسىنى ئۆلتۈرۈشى، ھەتتا، بىر كىشىگە ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇچرىسىمۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېرىدۇ. شۇ زاماننىڭ ئەھلىنىڭ ئەقىللىرى تارتىلىپ كېتىپ كىشىلەرنىڭ شاللاق نادانلىرى خەلىپە قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى بىز توغرا يولدا دەپ دەۋا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار توغرا يول ئۈستىدە ئەمەس» [ئەھمەد ۋە تىرمىزى ۋەئىبنى ماجە ۋە بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھ]

بەقىيرەتۇلىھلالىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سول قولى بىلەن شەرققە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:« ئاشۇ تەرەپتىكى قەۋملەرنىڭ ئىچىدە يەر يۈتۈپ كېتىشنى ئاڭلىساڭلار، جەزمەن قىيامەت يېقىن قالغان بولىدۇ »[ئەھمەد ۋە ھاكىم ۋە تەبرانى ھەسەن]

ئابدۇللا ئىبنى ھاۋالە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئى ئىبنى ھاۋالە! خەلىپىلىكنىڭ بەيتۇل مۇقەددەس تەرەپكە يۆتكەلگەنلىكىنى كۆرگىنىڭدە، يەر تەۋرەش، بالايىئاپەت ۋە چوڭ ھادىسلەر يېقىنلاشقان بولىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا قىيامەت ئىنسانلارغا بۇ قولۇمنىڭ بېشىڭغا بولغان يېقىنلىقىدىنمۇ يېقىنراق بولىدۇ» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد ۋە ھاكىم سەھىھ]

مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بەيتۇل مۇقەددەس ئاۋاتلىشىپ، يەسرىب (مەدىنە) خارابلىشىپ كېتىدۇ. يەسرىبنىڭ خارابلىشىپ كېتىشى، كاتتا ئۇرۇشنىڭ چىقىشى دېمەكتۇر. كاتتا ئۇرۇشنىڭ چىقىشى، قۇنسىتانتىنپولنىڭ (ھازىرقى ئىستانبۇل)نىڭ ئازاد قىلىنىشى دېمەكتۇر. قۇنسىتانتىنپولنىڭ ئازاد قىلىنىشى، دەججالنىڭ چىقىشى دېمەكتۇر» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد سەھىھ]

پايدىلانغان كىتابلار: قۇرئان كەرىم، بۇخارى، مۇسلىم سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى، جەمئۇلفەۋائىد ، ياخشىلار باغچىسى