رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئالىرى

Dualar

كۈنلۈك ۋەزىپە ---------- شەھىد ھەسەن ئەل بەننا أَعُوذُ بِالله السَّمِيعِ العَلِيِمِ مِنَ الشّيطَانِ الرّجِيمِتەرجىمىسى: «ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سېغىنىپ قوغلاندى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن».بِسْم اللَّهِ ٱلرَّحْمـٰنِ ٱلرَّحِيمِ.«ناھيىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن».

Dualar

سېھىرنىڭ تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنى تۈرلۈك دەرت _ ئەلەملەرگە ۋە كېسەللىكلەرگە ئۇچرىتىدىغانلىقى، ھەتتا ئۆلۈمگىمۇ سەۋەب بولالايدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. سېھىر شۇنداق بىر يامان ئىشكى، سېھىر قىلىش، ئۇنى ئۆگىنىش، باشقىلارغا ئۆگىتىش ۋە سېھىرگە ياردەم قىلىش ئەڭ ئېغىر ۋە چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. سېھىرگەرلەر ۋە سېھىر ئۆگەتكۈچىلەر شەكسىز كاپىرلاردۇر.

Dualar

ئالدى بىلەن شۇنىڭغا چىن ئىشىنىش كېرەككى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن شىپادۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَتْكُم مَّوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ وَشِفَاءٌ لِّمَا فِي الصُّدُورِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِيْنَ.

Dualar

ھەج مەۋسۇمى دۇئا ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى كۆپلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا  يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلىرىنى سوراش پەيتىدۇر. چۈنكى ئۇلۇغ ئاي ۋە ئۇلۇغ جايلار ئۇلارنىڭ دۇئا ۋە ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن چوڭ رول ئوينايدۇ. ھەج ياكى ئۆمرە قىلغۇچى خالىغان دۇئالارنى قىلسا ۋە خالىغان تىلەكلىرىنى ئاللاھ تائالادىن تىلىسە بولىدۇ. يۇقىرىدا ئۆتكەن دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ھەج مەۋسىمىدىمۇ قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. بىز تۆۋەندە بايان قىلماقچى بولغان دۇئالار ھەج ۋە ئۆمرە جەريانىدا قىلىنىدىغان مەخسۇس دۇئالارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

Dualar

كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىراۋ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ كېسىلىنى يوقلاش ئۈچۈن يولغا چىققىنىدا ئۇ جەننەتنىڭ باراقسان دەرەخلىرى ئارىسىدا يۈرگەن بولىدۇ. ئۇ كېسەلنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇنى قورشايدۇ. يوقلىغان ۋاقتى ئەتىگەنلىك بولسا، ئۇنىڭغا تا كۈن پاتقىچە يەتمىش مىڭ پەرىشتە مەغپىرەت تىلەيدۇ، ئەگەر ئاخشاملىق بولسا، ئۇنىڭغا تاڭ ئاتقىچە يەتمىش مىڭ پەرىشتە مەغپىرەت تىلەيدۇ»([1]).

Dualar

قاتناش قۇراللىرىغا چىققاندا ئوقۇلىدىغا دۇئا1. سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِيْنَ وَإِنَّا إِلَى رَبِّنَا لَمُنقَلِبُونَ.ەرجىمىسى: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز بۇنىڭغا(چىقىشقا)قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز»([1]).

Dualar

سالام بېرىشپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر ـ بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر ـ بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا ئاراڭلاردا بىر ـ بىرىڭلارغا سالام بېرىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار»([1]).

Dualar

تائامدىن ئاۋۋال ئېيتىلىدىغان زىكىرپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر تائام يېيىش ئالدىدا ‹بىسمىللاھ› دەڭلار، ئەگەر تائامدىن ئاۋۋال ئونۇتقان بولساڭلار، ئېسىڭلارغا كەلگەن ھامان بِسْمِ اللهِ فِي اَوَّلِهِ وَ آخِرِهِ ـ ئاۋۋال ۋە ئاخىر ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلىدىم، دەڭلار»([1]). 

Dualar

غەم ـ قايغۇ باسقاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا1. اَللَّهُمَّ إِنِّي عَبْدُكَ وَابْنُ عَبْدِكَ وَابْنُ أَمَتِكَ نَاصِيَتِي بِيَدِكَ، مَاضٍ فِيَّ حُكْمُكَ، عَدْلٌ فِيَّ قَضَاؤُكَ، أَسْأَلُكَ بِكُلِّ اسْمٍ هُوَ لَكَ، سَمَّيْتَ بِهِ نَفْسَكَ، أَوْ أَنْزَلْتَهُ فِي كِتَابِكَ، أَوْ عَلَّمْتَهُ أَحَداً مِنْ خَلْقِكَ، أَوْ اِسْتَأثَرْتَ بِهِ فِي عِلْمِ الْغَيْبِ عِنْدَكَ، أَنْ تَجْعَلَ الْقُرْآنَ رَبِيْعَ قَلْبِي وَنُوْرَ صَدْرِي وَجَلاَءِ حُزْنِي َوذِهَابَ هَمِّي.

Dualar

مېۋىنىڭ دەسلىپىنى كۆرگەندە ئوقۇلىدىغان دۇئااللَّهُمَّ بَارِكْ لَنَا فِى ثَمَرِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مَدِينَتِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى صَاعِنَا وَبَارِكْ لَنَا فِى مُدِّنَا.تەرجىمسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە مېۋىلىرىمىزدە بەرىكەت ئاتا قىلغىن، بىزگە يۇرتىمىزنى باياشات قىلىپ بەرگىن، بىزگە سالىرىمىز(ئۆلچە بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىن، بىزگە مۇدلىرىمىز (ئۆلچەم بىرلىكىمىز)دا بەرىكەت بەرگىن»([1]).