رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى

m51

دىننى يەتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولۇشنىڭ ئۈچىنچى مىسالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدە دىننى يەتكۈزۈشكە مۇيەسسەر بولغانلىقى بولۇپ، بۇ غەلىبىنىڭ مۇھىم تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدە دەۋەتنىڭ مەخپى باسقۇچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانىڭ: يېقىن خىش - ئەقرىبالىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن[1] دېگەن سۆزى نازىل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سافا تېغىغا چىقىپ، قۇرەيشلەرنى چاقىرىپ: ئەگەر مەن سىلەرگە مۇشۇ تاغ باغرىدىن ئاتلىق قوشۇن چىقىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ دېسەم سىلەر ماڭا ئىشىنەمسىلەر؟ دەيدۇ.

m014.jpg
رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاقىرىقى ئىنسانلارنى ئەركىنلىككە
ئېرىشتۈرۈش ۋە ئىنساننىڭ ئىنسانغا قۇل بولۇشىنى تۈپتىن يوقىتىشقا چاقىرىش
ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى
ياراتقۇچىنىڭ ئىنساننى ھۆرمەتلىشىنىڭ دەلىلى قىلدى.
m013.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان غەيبىي
خەۋەرلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ كېڭىيىپ، بارلىق دىنلەر
ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن خەۋەرلىرىدۇر.
ۋاھالەنكى بۇ گومان ياكى تەخمىنگە تايانغىلى بولمايدىغان خەۋەرلەر ئىدى.  قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپلەردە بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى ناھايىتى كۆپ.

m012.jpg

پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئالدىن بىشارەت بېرىپ، كېيىن ئۇ زات خەۋەر بەرگەندەك
روياپقا چىققان بىشارەتلەرنىڭ جۈملىسىدىن ئۇ زاتنىڭ يەمەن، شام، ئىراق
قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پەتھى قىلىنىدىغانلىقى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ
دۆلەتلەردە يەرلىشىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئالدىن بەرگەن بىشارىتىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "يەمەن پەتھى قىلىنىدۇ، يەمەندە
يەرلىشىپ قېلىشنى ياخشى دەپ سانىغان جامائەتلەر كېلىپ، ئەھلىنى ۋە ئۇلارغا

m011.jpg
  پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن: 
"كىمكى ئۆيىدە تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ئاللاھنىڭ پەرىزلىرىدىن بىر پەرزنى
ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۆيى (مەسجىد) كە مېڭىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭ بىر
قەدىمى خاتالىقنى ئۆچۈرىدۇ، يەنە بىر قەدىمى دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ". مۇسلىم
رىۋايىتى.
 
"قاراڭغۇدا مەسجىدلەرگە مېڭىپ بارغۇچىلارغا قىيامەت كۈنى تۇلۇق نۇر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىڭلار".
m010.jpg
قۇرئان
كەرىمنىڭ رىملار بىلەن ئىرانلىقلار ھەققىدە نازىل بولغان بىر قانچە
ئايەتلىرى بەزى مۇشرىكلەرنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغانىدى. قەدىمكى
رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا ئوتقا
چوقۇنىدىغان ئىرانلىقلار كىتاپ ئەھلى بولغان رىملىقلار ئۈستىدىن غەلىبە
قىلغانىدى. كىتاپ ئەھلى بولغان رىملىقلارنىڭ مەغلۇپ بولۇپ، ئوتقا
چوقۇنىدىغان ئىرانلىقلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىدىن بۇتقا چوقۇنىدىغان مەككە
مۇشرىكلىرى خۇشال بولغان، مۇسۇلمانلار قاتتىق قايغۇرغان.