رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ھارغىنلىقتىن ساقلىنىشتىكى تۆت ئادەت

ئامېرىكىدىكى«ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ئىنىستتوتى»نىڭ قۇرغۇچىسى دېئىل كارنىك ئىشتىكى ھارغىنلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت ئادەتنى تەۋسىيە قىلىدۇ:

بىرىنچىسى، ئىش ئۈستىلىڭىزنى رەتلىك تۇتۇڭ. چۈنكى كېرەكلىك ۋە كېرەكسىز قەغەزلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئىشلىگەن ئادەم تىز چارچاپ قالىدۇ. شۇڭا ئۈستەلدىكى شۇ كۈنىلا ئىشلىتىدىغان قەغەز ۋە باشقا نەرسىلەرنىلا ئۈستەل ئۈستىدە قويۇپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى باشقا جايغا ئېلىپ ساقلاش ئەڭ ياخشى چارىدۇر. بۇ ھارغىنلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا يەنە ئىشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدۇر.

ئىككىنچىسى، ئىشلارنىڭ زۆرۈر بولغانلىرىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇڭ. ھاياتتا ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ چوڭ بىلىم سانىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان قىلىدىغانلىرىدىن قايسىسىنى ئاۋۋال قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىپ، ھەمىشە شۇنداق قىلىپ كېتەلمەيدۇ. بىراق ئاۋۋال نېمە قىلىش لازىملىقى توغرۇلۇق پىلان تۈزەلەيدۇ. مۇشۇ پىلاننىڭ ئۆزىمۇ سىزگە ئىشلىرىڭىزدا كۆپ ياردەمچى بولالايدۇ. بۇ ئىشلىرىڭىزنى ئوڭايلىق بىلەن تۈگىتىشىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل چارىدۇ. مەشھۇر يازغۇچى جورج بىرناردشۇ مۇشۇ قائىدىنى ئاساس قىلىپ ئىش كۆرمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ يازغۇچى بولۇش، ئەمەس، بەلكى دېھقانلىق ھالىتىدە بىر ئۆمۈر داۋام قىلغان بولاتتى. ئۇ ھەر كۈنى بەش بەت بىر نەرسە يېزىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان بولۇپ، 9 يىل شۇنداق ئىزچىل داۋام قىلغان.

ئۈچىنچىسى، مۈشكىلىنى ھەل قىلىشنى كېچىكتۈرمەڭ. سىز قانداقلا بىر مۈشكىلىگە ياكى بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگىنىڭىزدە، ئۇنى ھەرگىز ئارقىغا سوزماڭ ۋە دەرھال ھەل قىلىشقا كىرىشىڭ. ئۇنداق قىلمىغاندا مۈشكىلاتلار توپلىشىپ قېلىپ سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلىدۇ، ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ، مېڭىڭىز چارچايدۇ. چۈنكى ھەر بىر مۈشكىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ماڭسىڭىز ئىشلىرىڭىز راۋان داۋام قىلىدۇ ۋە سىزمۇ ھارغىنلىقتىن قۇتۇلۇپ قالىسىز.
تۆتىنچىسى، ئىش تەقسىم قىلىشنى بىلىۋېلىڭ. چوڭ شىركەتلەرنى يۈرۈتىدىغان ياكى چوڭ ئىدارىلەرنى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بەزىسىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدا غەلىبىسىز قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىش تەقسىم قىلىشنى بىلمەسلىك، ھەممىنى ئۆزۈم قىلىمەن دەپ ئۈستىگە يۈكلىۋېلىپ، ئاخىرىدا ھېچبىرىنى قىلالماسلىق ۋە ھەممە ئىشقا ئۆزى قول سېلىۋېلىش قاتارلىقلاردۇر. ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرىمدىن شۇنى بىلىمەنكى، ئىش تەقسىماتىنى بىلمەسلىك، لاياقەتسىز كىشىلەرگە ئىش تاپشۇرۇش مەسئۇللارنى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا سالىدىغان ئىشتۇر. شۇڭا قانداق ئىش تەقسىم قىلىشنى ۋە قانداق باشقۇرۇشنى بىلىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئەقىللىق ئىش باشقۇرغۇچى ئىشنى ئۈستىگە ئېلىشقا لاياقەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ چىقىشنى بىلىدۇ ۋە ھەر كىمگە لايىقىدا ئىش ۋە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇشنى بىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى ھەمىشە كۆزىتىدۇ، خاتالىق يۈز بەرسە دەرھال تۈزىتىدۇ، ياخشى كېتىپ بارسا تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزى ۋە قول ئاستىدىكىلەر ئىشتا غەلىبە قىلىدۇ.»