رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

m037.jpg

ئۇستاز ئابدۇلمىجىت زىندانى

ئىمان:

ئاللاھقا بولغان ئىمان ئىنسان بىلەن ئۇنىڭ ياراتقۇچىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمان نېمىتى مۇتلەق ئەڭ ئۇلۇغ نېمەت ھېسابلىنىدۇ. ئىمان تىل بىلەن سۆزلەپ قۇيۇش، ئەقىل بىلەن ئىتىقاد قىلىپ قۇيۇش بىلەنلا مۇكەممەل بولمايدۇ. ئىمان دىلغا ئورۇنلاشقان ئەقىدە بولۇپ، قۇياش ئەتراپىغا نۇر چاچقاندەك ياكى قىزىل گۈلنىڭ خۇشپۇراق ھىدى چىقىپ تۇرغىنىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەسەر - نىشانلىرى سىرىتقا نامايان بولىدۇ.

ئىماننىڭ مېۋىسى:

ئىماننىڭ تۈنجى مېۋىسى ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى نىشانى ئىنسانغا ئاللاھ ۋە رەسۇلنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك بولىشى، ۋە ئىنساننىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىدە ئۇنىڭ ئىپادىسىنىڭ نامايان بولىشىدۇر.

m033.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

مەن ئۈممىتىمدىن بىر جامائەتنى بىلىمەنكى، ئۇ جامائەت قىيامەت كۈنى تىھامە نىڭ ئاق تاغلىرىدەك ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېلىدۇ ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يا رەسۇلۇللاھ، بىز بىلمەي ئۇ جامائەتنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇ جامائەتنى بىزگە ئوچۇقراق سۈپەتلەپ بەرگەن بولسىلا، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ جامائەت سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ۋە سىلەرنىڭ مىللىتىڭلاردىن بولۇپ، سىلەر ناماز ئوقۇغاندەك، كېچىلىرى ناماز ئوقۇيدۇ لېكىن خىلۋەتتە بولغانلىرىدا ئاللاھ توسقان ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان جامائەتتۇر، دەيدۇ ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

ھەدىسنىڭ شەرھىسى:

ئىسلام ھەر بىر مۇسۇلماندا ئۇ خىلۋەتتە بولسىمۇ ئاللاھ توسقان ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلمىغۇدەك، ھەتتا خاتالىشىپ بىرەر يامان ئىشنى سادىر قىلىپ سالغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، بۇ خاتالىقتىن دەرھال قول يىغىپ، ئىككىنچى بۇنداق يامان ئىشنى قىلماسلىققا قەتئىي ئىرادە باغلىيالىغۇدەك ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ھېرىس بولىدۇ.

m034.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

ئاجىز مۇئمىندىن كۈچلۈك مۇئمىن ياخشى ۋە ئاللاھقا سۆيۈملۈكتۇر، (ئاجىز - كۈچلۈك) ھەممىسىدە ياخشىلىق بار، ساڭا پايدىلىق ئىشلانى قىلىشقا ھېرىس بولغىن، ئاللاھدىن ياردەم تىلىگىن، ئاجىز بولمىغىن، ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت يەتسە: ئەگەر مەن مۇنداق قىلغان بولسامكەن، ئۇنداق قىلغان بولسامكەن دېمىگىن، لېكىن: ئاللاھ (شۇنداق بولىشىنى) تەقدىر قىپتۇ، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، دېگىن. چۈنكى ئەگەر دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىشىكىنى ئاچىدۇ [ئىمام مۇسلىم، ئىبنى ماجە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار رىۋايىتى]

ھەدىسنىڭ شەرھىسى:

1- مۆمىنلەرنىڭ خەلىفىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇ ،مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:<< بارلىق ئەمەللەر ھەقىقەتە

2-ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئىدۇق ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى : كېسەل سەۋەبىدىن شەك-شۈبھىسىزكى مەدىنىدە قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار،ئۇلار سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار،ھەر قانداق جىلغىلارنى كىسىپ ئۆتسەڭلار ،سىلە بىلەن بىللە بولغاندەك ھېسابلىنىدۇ .يەنە بىر رىۋايە

3-ئەبۇ ھۈرەيرە ئابدۇراھمان ئىبنى سەخرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:شۈبھىسىزك ئاللاھ تائالاھ سىلەرنىڭ تۇرقۇڭلارغا ۋە تاشقى كۆرۈنۈشۈڭلارغ

4- ئەبۇ مۇسا ئەشئەري رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:ئۆز پالۋانلىقىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ياكى گوروھۋازلىق قىلىش ئۈچۈن ۋە ياكى رىيا ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدىغانل

5- ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر بىرىگە قېلىچ تەڭلىسە ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ>> دېدى ، مەن ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! ئۆلتۈرگىچىغۇ شۇنداق ئۆلگۈچى نىمىشقا دوزاخقا كىرىدۇ ؟

6-ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىس قۇددۇستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكى رىۋايەت قىلىندۇكى: << ھەقىقەتەن ئاللاھ ياخشىلىق ۋە يامانلىقلارنى يازدى.ئاندىن ئۇ

ھەج قىلغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق نەسىھەتلەر

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.


مۇسۇلمان كىشى ھەج- ئۆمرىنى نىيەت قىلىپ سەپەرگە چىقىشنى مەقسەت قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرى ۋە يېقىنلىرىغا: ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىپ ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تولۇق ئورۇنلاش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىشى كېرەك.