رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

ئىسلام شەرىئىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىش

بىز ھازىر غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتى توقۇنۇشۇۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز, ئۆز ۋاقتىدا ياۋرۇپا ئەللىرىگىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق كۈنلەرگە قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتىدىن يىراقلىشىشى نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيا كاپىرلىرى مۇسۇلمانلارغا قارشى بىرلىشىپ، مۇسۇلمانلار گەۋدىسىنى پارچىلاپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى قايتىدىن ئىسلام بايرىقى ئەتراپىغا ئۇيۇششتىن توسۇپ، ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن يىراقلاشتۇرۋەتكەنلىكىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىگە يوللىغان مەكتۇبلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇدەيبىيە دېگەن جايدىن قايتىپ كېلىپلا ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ پادىشاھ - ئەمىرلىرىگە مەكتۇب يوللاپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئىشىنى باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەكتۇب يوللىماقچى بولۇۋىدى، پادىشاھ - ئەمىرلەرنىڭ مۆھۈر بېسىلمىغان مەكتۇبلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

m044.jpg

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تۆۋەندە سىلەرگە قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئوقۇپ بەھرىمەن بولغايسىلەر.

ئىسلام دىنىدا ئائىلە بىناسى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاساسلار ئائىلىنى بەختلىك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان مەنىۋىي ئامىللاردۇر. بۇلار جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز رەھمەتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر.

m043.jpg

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

ئىنساننىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ پايدىلىق مەكتىپى ئائىلىسى. ئىنسان ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ پرىنسىپلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئائىلىسىدە ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۇن ئائىلە قەدرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرىگە ياخشىلىقلارنى ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىرىنچى بولۇپ ئۆگىتىدىغان ناھايىتى پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق مەكتەپتۇر. ئائىلىنىڭ بۇ ئالىي قىممىتىنىڭ بىلىنىپ قەدىرلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى لازىم.

ئائىلە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بولغاندەك ياشلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ پايدىلىق بىر مەكتەپ. ئائىلە ھەقىقەتلەر ئەمەلىي شەكىلدە ئۆگىتىلىدىغان بىر ھايات مەكتىپى.

m042.jpg

ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلار ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. ئىسلام ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ كىشىلىكىنى ھۆرمەتلەپ، ھەق ـ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە ئەر ـ ئايال بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ ۋە جانابى ئاللاھنىڭ خىتابى ھەر ئىككىسىگە تەڭ قارىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.»[1]

m041.jpg

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىز بالىلار ۋە ئاياللار ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «تۇل خوتۇن ۋە پېقىرلارنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش، ئۇلارنى قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن كىشى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندەك بولىدۇ.»[1]

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىسىدە ئېگە چاقىسىز ئاياللارنىڭ، پېقىر ـ مىسكىنلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قامداپ، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم بىر ئىجتىمائىي ۋەزىپە بولغانلىقىنى، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغاندەك ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنىى كۆرسىتىدۇ.

m040.jpg

ئاتا ـ ئانىلار ئەۋلاتلىرىنىڭ مۇقەددەس بىر ئامانەت بولغانلىقىنى ھەر ۋاقىت كۆز ئالدىدا تۇتۇپ، ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئەۋلاتلار بىر مۇددەت ئۇلارنىڭ يېنىدا ياشىغاندىن كېيىن، چوڭلار ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ پايدىلىق ئەزالىرى ئارىسىغا قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ بەدەن ۋە روھ جەھەتتىكى سالامەتلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇلارنى ئەقىللىق، گۈزەل ئەخلاق ۋە مۇستەھكەم ئىمان ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈشى قېچىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر. بۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ھېچبىرى ئېھمال قىلىنماسلىقى لازىم.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە 10 چۈشەندۈرۈش

بارلىق ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر . پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھﯩسسالامغ بولسۇن .

بەزى مۇسۇلمان ئەمەسلەر ، خۇسۇسەن غەربلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقى ھەققىدە سورىشىدۇ . ئۇلارنىڭ سورﯨشى مەقسەتلىك بولۇپ غەرب ئاخباراتلىرىدا بۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازﯨنى يامان سەت
قىلىپ كۆرسىتىشمەكچى بولۇشىدۇ .

m007.jpg

ئىنسان ئۆز غايىسى ۋە نىشانلىرىغا يىتىش ياكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۈچ كىلىدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلار بەزىدە ئىنساننى روھى جەھەتتىن مەغلۇب بولۇش ۋە ئۈمىتسىزلىككە ئېلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تەسلىم بۇلۇشقا ۋە قىينچىلىقتىن قۇتۇلۇش يولى يوق ئوخشايدۇ، دېگەن چۈشەنجىگە ئېلىپ بارىدۇ. ئىنسان ئەگەر ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتىش، ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىش ياكى ئۈزىنى يتىلدۈرۈشنى ئويلايدىكەن نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ۋە كىلىشمەسلىكلەر دۈچ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىكى ئىنساننىڭ ئۆزىدۇر.