رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m001.jpg

ـ ھەدىس، ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: "مەن، سىلەرنى توسقان نەرسىدىن ساقلىنىڭلار، مەن بۇيرۇغان ئىشلارنى كۈچۈڭلار يەتكەن مىقدارى ئەمەلگە كەلتۈرۈڭلار، (مەن گەپ قىلمىغان نەرسىلەر توغرىسىدا سوئال بەھس، مۇنازىرە، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). چۈنكى، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەر ئۆز پەيغەمبىرىدىن تولا سوئال سوراپ ۋە پەيغەمبەرلىرى كۆرسەتكەن ئىشلارنى شەرتسىز قوبۇل قىلماي ئىختىلاپ ۋە قارمۇ ـ قارشى سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزىنى ھالاكەتكە ئۇچراتتى".

بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسى:

ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ ئەقلى ۋە پىلانى بىلەن ئويلاپ چىققان دىن بولماستىن، يالغۇز اﷲ ئۆزى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتە ئارقىلىق ئۆگەتكەن دىندۇر. اﷲ تائالانىڭ ۋەھىي بىلەن ئۆگەتكەننى ئۆز پېتىچە دۇنيا خەلقىگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان. قۇرئاندا: ]مۇھەممەد ئۆز پىكرى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت اﷲ نىڭ ۋەھىيسىدۇر[ دېگەن. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دېگەن ئىشنى قوبۇل قىلىش اﷲ غا بويسۇنغانلىقىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىش، اﷲ تائالاغا خىلاپلىق (ئاسىيلىق) قىلغانلىقىدۇر.

مەن اﷲ تائالاغا ئىشىنىمەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەيمەن دېگەنلىك بولسا، مەن مۆمىن ـ مۇسۇلمان ئەمەس دېگەن سۆزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى بولسا، قۇرئاننىڭ شەرھىدۇر ۋە ۋەھىيسىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ (قۇرئان، ھەدىسنىڭ) بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان پايدىسىنى تونۇپ ئاڭلىق ئەمەل قىلىشقا تىرىشىپ، ھەر كىمنىڭ ئىلىم ئۆگىنىشى، پىكىر يۈرگۈزىشى لازىم. ئەگەر دىن ئىشلىرىنىڭ بەزىسىنى ئەقىلىڭىز قوبۇل قىلمىسا، دىنغا تاجاۋۇز قىلماي جىم تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىدىن ۋە بىلىمىدىن ئەلۋەتتە ئىنساننى ياراتقان. اﷲ نىڭ بىلىمى ئۈستۈنلىكنى ئەسلەپ، ئۆز ئەقلىنى چەكلىك تونۇپ بويسۇنۇش كېرەك. شەرىئەت ھۆكۈملىرىنىڭ بەزىسىنى بىر زامان ئىنسانلىرى تونۇيالمىسا يەنە بىر زامان ئىنسانلىرى تونۇپ چىقىدۇ. ئىنسانىيەتكە پايدىسى ئوچۇق ـ ئاشكارا بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنى بىر ئەرگە تۆت خوتۇن ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن رۇخسەت قىلغان؟ نېمىشقا ئوغرىنىڭ قولىنى كېسىشكە بويرۇغان؟ نېمىشقا ئاياللارنىڭ بەدەنلىرى، چاچلىرى ئېچىلمىسۇن دېگەن؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ھارام قىلغان؟ نېمە ئۈچۈن ئەر كىشىگە يېپەك رەخت كىيىشىنى، ئالتۇن زىننەت بويۇملىرىنى قوللىنىشى ھارام قىلىنغان؟ نېمىشقا مەس قىلىدىغان ئىچىملىك ۋە چىكىملىكنى چەكلىگەن؟ دېگەندەك پىكىرلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يولىغا ناتوغرا قارىماسلىق كېرەك. بەلكى، بۇنىڭ سەۋەبىنى مەن ۋە باشقا ئىنسان بىلەلمەمدۇق؟ ئەلۋەتتە اﷲ ۋە پەيغەمبەر ئىنسانلارغا پايدىسىز گەپ قىلمايدۇ. ئىدددىيەنى ئوڭشاش كېرەك.

دۇنيادا ھۆكۈمەت باشقۇرغانلار ئەلۋەتتە مەملىكەت ئەھۋالىنى ئادەتتىكى بىر دېھقاندىن ئوبدانراق بىلىدۇ، دېگەن تونۇش بىلەن پۇخرالار ھۆكۈمەت قانۇنىغا بويسۇنغان يەردە، ھەرقانداق ئاقىل پەيلاسوف ئىنسانمۇ "مەندىن اﷲ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى بەك بىلىدۇ، ھېكمەتسىز بىر نېمە دېمەيدۇ" دەپ تونۇپ ئىنساپقا كېلىشى كېرەك. مادامكى، مەن اﷲ ياراتقان بىر قۇل ئىكەنمەن، اﷲ تائالاغا ۋە ئەلچىسىگە نېمىشقا ئىتائەت قىلمايمەن؟ دېمەك لازىم.

ئىسلامدا تۆت مەزھەپ ئوتتۇرىغا چىققان بولسا، بۇ شەرىئەتنى پارچىلاش ئەمەس، پەيغەمبىرىگە ئىختىلاپ پەيدا قىلىش ئەمەس، بۇ بولسا؛ قۇرئان ـ ھەدىس ئىسلامنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، تارىخى تەجرىبە، ئىبرەت، نەسىھەت، ۋە بەزى چوڭ ئىجىتىمائىي قانۇنلار ئۆگەتكەن. ئامما بەزى شارائىت ۋە دەۋرى ئېھتىياجىغا قاراپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەر زاماننىڭ ئىسلام ئالىملىرىغا قالدۇرۇلغانلىقىدىن، ھەر زامان ۋە ھەر قىتئەنىڭ ئالىملىرى ئۆز مۇھىتى ئەھۋالىغا قاراپ ۋە قۇرئان، ھەدىسنىڭ روھى مەزمۇنىغا تەتبىقلاپ بەزى كىچىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشتە ئاز ـ تولا ئوخشىماسلىق سەۋەبى بىلەن تۆت مەزھەپ كېلىپ چىققان. ئەمما تۆت مەزھەپ ماھىيەتتە بىر مەزھەپتۇر. ئوخشاش توغرىدۇر. ھەممىسى شەرىئەتنىڭ تەتبىقىدۇر. لېكىن مۇجتەھىد بولغۇدەك كاتتا ئالىم بولمىغان بىر كىشى ئۆز پىكرى بىلەن دىنى مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىگە بولمايدۇ. پەقەت قۇرئان ۋە ھەدىس ۋە مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدىن جاۋاب تېپىش كېرەك. كېيىنكى، زامانلاردا شەرىئەت ئاساسى بولغان قۇرئان ھەدىسنىڭ ئاساسى ماھىيىتىنى بىلمەيدىغان دىندىن ساۋاتسىز كىشىلەرلا ماھىيەتنى بىلمەيدىغان (چالا ئاخۇنلار)، ئەھلى تەرىقەتلەر، ۋائىزلەر، ھېكايىچىلەر (مەددالار) كىشىلەرنى دىن يولىغا باشلاشتا، قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى، فىقھىنى ئاساس قىلماي، ئۆز خىيالى ۋەيا ئەۋلىيالار نامىدىن نەقىل قىلىنغان دەلىلسىز (توقۇما) سۆز، قىسسە، ھېكايە كىتابىلىرى، بىلەن كىشىلەرگە رەھبەرلىك قىلىش تۈپەيلىدىن خەلق ئاممىسى خاتا ئەقىدە، ناچار ئەخلاققا تۇتقۇن بولۇپ ئىسلامنىڭ ئەسلى يولىغا خىلاپلىق قىلىپ ئەسلى ۋەزىپىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ تېزراق اﷲ نى تاپىمەن دەپ ئېزىقىپ يۈرمەكتە. چىملاش ۋە مۇجمەل سوئاللارنى پەيدا قىلىپ، ئاسان يولنى قىيىنلاشتۇرۇپ زىيالىلارنى دىندىن قاچۇرماقتا. بۇ سەۋەبتىن دۇنيادا مۇسۇلمان ئۆزئارا ئىختىلاپ، ماجىرا ۋە چۈشكۈنلۈك بالاسىغا ئۇچراپ ھالاك بولماقتا. بۇ ناچار ئىللەتنى تۈزۈتۈپ، اﷲ تائالانىڭ رەھمىتىگە لايىق بولۇش ئۈچۈن بىرلا يول؛ ھەممىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا كىرىش، قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەلىل ئىسپاتى يوق ئەقىدىلەرنى، ئىبادەتلەرنى، ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ۋە ئىختىلاپلارنى تاشلاپ اﷲ تائالانىڭ داغدام يولى بولغان قۇرئانغا ئېسىلىش لازىم. بۇ يولدا مېڭىش لازىم.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار نېمىنى قىلغان بولسا، شۇ ئىبادەتنى قىلىش لازىم. قۇرئاندا، ھەدىستە گۇناھ دەپ كۆرسىتىلگەنلەردىن قاتىق ساقىلىنىش لازىم. شەرىئەت كىتابلىرىدا (قۇرئان، ھەدىس ۋە فىقھىدا) ھارام دېمىگەن نەرسىنى، گۇناھ دەپ تونۇماسلىق لازىم. مەسىلەن: شەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرىدە، باش تاراش، تىرناق ئېلىش، سەپەرگە مېڭىش، يامان، پالان ۋاخ، پالانى سائەت نەس، پالان چاغ ئېغىزدىن سائەت چىقىدۇ، ئانداق بولىدۇ، مۇنداق بولىدۇ، پالان كىشىنىڭ نەپەسى ئوت، نېمىگە نەپەس قىلسا شۇ بولىدۇ، دېگەندەك ئەپسانىلارغا ئىشەنمەسلىك كېرەك. اﷲ بۇيرۇغان پەزر ئىشلارغا سەل قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك. سۈننەت ئەمەللەرنى كۆزگە ئىلمەسلىكتىن ساقلىنىش لازىم.

 

شەرىئەت ئەمرىلىرىنى تاشلاپ ئۆرپ ـ ئادەتكە رىئايە قىلىش ئېغىر خاتالىق. قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرقانداق مۇللا، ئىشان خەلپەتلەرنىڭ سۆزى ھۆججەت بولالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار باشقا كىشىلەردۇر. بىزلەر بولساق باشقا، گۇناھكار كىشىلەرمىز. بىر پىرىكامىلغا مۇرۇد بولمىساق، بىزنى قۇتۇلدۇرىدىغان كىشى بولمىسا بولمايدۇ، دەپ بىلىمسىز ئىشانلارغا باش ئۇرۇش ـ يولدىن ئېزىشتۇر. بىزنىڭ مۇرۇد بولىدىغان پىرىكامىلىمىز قۇرئان ـ ھەدىستۇر. شەرىئەت ئالىملىرىدۇر. ھەركىم شەرىئەتنى بىلگۈدەك ئىلىم ھاسىل قىلپ ئىلىمنىڭ پىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرماسلىق كېرەك.