مۇھەممەد يۈسۈپ
ئىسلام تارىخىدا ھىجرەت ئىككى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بىرى، ئىسلام دەۋىتىنىڭ مەككىدىكى باشلىنىش دەۋرى، يەنەر بىرى مەككە ئازات بولغاندىن كېيىنكى دەۋرىدۇر.
1. ئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا مەككىدىكى بۇتپەرەس ئەرەبلەرنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان تۈرلۈك قىيىن-قىستاقلىر
2. ئاللاھ تائالا ئىسلام دىنىنى كۈچلەندۈرۈپ، مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت بەرگەن، مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى بەرپا بولغان ۋە ئىسلامغا قارشى كۈچلەرنىڭ مەركىزى بولغان مەككىمۇ ئازات بولۇپ، مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەركىبىگە كىرگەندىن ھىجرەتنىڭ ھۆكۈمى ئۆزگەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇ ۋاقىتتا «مەككە ئازات بولغاندىن كېيىن ھىجرەت يوق، پەقەت ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە نىيەتلا قالدى. جىھادقا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردا دەرھال چىقىڭلار»دېگەن مەشھۇر سۆزىنى جاكارلىدى.
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، سەھرالىق بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
رىۋايەت قىلىنىشىچە، سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، مەككىدە، "ھىجرەت قىلمىغان ئادەمنىڭ دىنى قوبۇل قىلىنمايدۇ"دېگە
ھىجرەتنىڭ ۋاقتى تۈگىدىمۇ؟
ھىجرەتنىڭ ۋاقتى تۈگىگەن يوق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ « ھىجرەتنىڭ ۋاقتى تۈگىدى، ئەمدى جىھاد بىلەن نىيەت قالدى»دېگەن سۆزىنى ئۆلىمالار مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشنىڭ ۋاقتى تۈگىدى، دەپ شەرھلەيدۇ.
ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، دارى كۇفرىدىن دارى ئىسلامغا ھىجرەت قىلىشنىڭ يولى تا قىيامەتكىچە ئوچۇقتۇر.
دارى كۇفرى بىلەن دارى ئىسلامنىڭ تەرىپى
دارى كۇفرى- ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانلىقى كۇففارلاردىن بولۇپ، كۇففارلارنىڭ ھاكىمىيىتى يۈرگۈزىلىدىغان دۆلەت.
دارى ئىسلام- ئاھالىسىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ، ئىسلام ئەھكاملىرى كۆپرەك يۈرگۈزىلىدىغان دۆلەت.
ئىسلام فىقھىشۇناسلىرىن
ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ ئۆلىمالىرىدىن سەرەخسى دارى ئىسلامنى مۇنداق تەرىپلىگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بولغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقى كاپالەت قىلىنغان دۆلەت دارى ئىسلامدۇر.
شافىئىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋالىرىغا كۆرە، ئىسلام ئەھكاملىرى يۈگۈزىلىدىغان ياكى ئاھالىسى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن تەركىپ تاپقان ياكى ئەسلىدە مۇسۇلمانلار ياشىغان بولسىمۇ، ئۇلار قوغلاپ چىقىرىلغان جايلار دارى ئىسلامدۇر.
بۇنىڭغا بىنائەن، دارى ئىسلام مەيلى ئۇجايلارنى كاپىرلار مۇستەملىكە قىلىۋالغان بولسۇن، مەيلى مۇسۇلمانلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزلىرى ئىگىلىۋالسۇن، ھچىبىر ۋاقىت دارى كۇفرىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئەسلىدە مۇسۇلماننىڭ يۇرتى. پەلەستىن، چېچەنىستان بۇنىڭ مىسالى.
ئەمما مالىكىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، دارى ئىسلام كاپىرلارنىڭ قانۇن-تۈزۈملىرى يولغا قويۇلۇش بىلەن دارى كۇفرىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىغا كۆرە، دارى ئىسلام مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بولغان، ئىسلام ئەھكاملىرى ئىجرا قىلىنىدىغان، مۇسۇلمانلار ئەزاننى ئەركىن ياڭرىتىپ، ئىبادەتلىرىنى توسالغۇسىز، ئازادە قىلالايدىغان دۆلەتنى كۆرسىتىدۇ.
يەنە ھازىرقى كۆپلىگە ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بولسىمۇ، ئىسلام ئەھكاملىرى تولۇق ئىجرا قىلىنمايدىغان دۆلەتلەرمۇ دارى ئىسلاملىقتىن چىقىپ كەتمەيدۇ.
ئىسلام ئۆلىمالىرىغا كۆرە، ئەسلىدە دارى كۇفرى بولسىمۇ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئازات قىلىنغان دۆلەتلەرمۇ دارى ئىسلام قاتارىدىن سانىلىدۇ. مۇنداق دۆلەتلەردە ئىسلام ئىبادەتلىرى ئاشكارا ۋە ئازادە قىلىنغان ئىكەن، ئۇنىڭدىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىش قەتئى جائىز ئەمەس. بەلكى مۇنداق دۆلەتكە ھىجرەت قىلىپ بېرىش لازىم كېلىدۇ.
بۇنىڭغا بىنائەن، ئىسلام ئىبادەتلىرى ئەركىن ۋە ئازادە قىلىنىدىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ جېنىغا، مال-مۈلكىگە ۋە ئار-نومۇسىغا زىيان-زەخمەت يەتمەيدىغانلىقى
ئەللامە ماۋەردى مۇنداق دېگەن:« كاپىرلارنىڭ دۆلىتىدە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئىبادەتلىرىنى ئازادە، ئەركىن قىلالىسا، ئۇ دۆلەت دارى ئىسلامدىن سانىلىدۇ. مۇنداق بىر دولەتتە تۇرۇش ھىجرەت قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر. مۇنداق قىلىشتا باشقىلارنىمۇ مۇسۇلمان قىلىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.»
ھىجرەتنىڭ ھۆكۈمى
ئۆلىمالارغا كۆرە، دارى كۇفرىدىن دارى ئىسلامغا ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاش يۈزىسىدىن ھىجرەت قىلىشنىڭ ھۆكۈمى پەرز ۋە مۇستەھەبتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
1. دارى كۇفرىدا دىنىنى ئاشكارا قىلىشقا پېتىنالمايدىغان
2. دىنىنى ئاشكارا قىلالايدىغان، ئىبادەتلىرىنى ئازادە ئورۇندىيالايدىغ
مۇستەھەب-قىل
چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تاغىسى ئابباسمۇ مۇسۇلمان بولغان تۇرۇپ مەككە ئازات بولغان ۋاقىتقىچە مەككىدە تۇرغان. بەزى ئۆلىمالار مۇنداق شارائىتتا دارى كۇفرىدا تۇرۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولسا، ھىجرەت قىلماسلىقنىڭ مۇستەھەبلىكىنى سۆزلەيدۇ.
ھىجرەتنىڭ ھۆكۈمى تا قىيامەتكىچە باقىيدۇر
قايىسىبىر دۆلەتتە ۋە قايسىبىر ۋاقىتتا ھىجرەت قىلىشقا زۆرۈرىيەت تېپىلسا ھىجرەت قىلىشنىڭ يولى ئوچۇق، ھۆكۈمى باقىيدۇر. چۈنكى ئەقىدىنى مۇھاپىزەت قىلىش دىنىمىزدا جان تىكىپ قوغداشقا تېگىشلىك 5 چوڭ قىممەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسىدۇر. بۇ بەش چوڭ قىممەت دىن، ئەقىل، جان، نومۇس ۋە مال-مۈلۈكتۇر.
ھىجرەت قىلىپ بارغان جايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشى شەرت
ئەمما ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىدىغان جاينىڭ ئۇنىڭغا ھىجرەت قىلىپ كەلگۈچىلەرنى قوبۇل قىلالىشى ۋە ئۇلارنىڭ جېنى بىلەن مال-مۈلكىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت قىلالىشى شەرت. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنى بىرىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىغىنىدا، ئۇلارنى ھەبەشىستانغا بېرىشقا بۇيرىغان ۋە «ئۇنىڭدا يېنىغا بارغانلارغا زۇلۇم قىلمايدىغان، ئادالەتلىك بىر پادىشاھ بار» دەپ تەكىتلىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
دېمەك، ھىجرەت قىلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلىپ بارىدىغان جايدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇھاجىرلارنى شەرتسىز قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا تولۇق كاپالەت قىلىشى شەرت.
قايسى دۆلەت ھىجرەتنى قوبۇل قىلىدۇ؟
پاناھ ئىزدەپ ھىجرەت قىلىپ بارغانلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى مەدىنىلىك ئەنسارلار مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىرلارنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلىدىغان بىرەر ئىسلام دۆلىتى بارمۇ دۇنيادا؟
جاۋاب: ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، باغرىغا باسىدىغان ۋە يەكلىمەي ئۆز گرەژدانلىرى قاتارىدا سانايدىغان بىرەر ئىسلام دۆلىتى يوق! ئەمما كاپىر دۆلەتلىرى بار.
مۇسۇلمانلار ئۆز يۇرتلىرىدىكى جەۋر-زۇلۇملار سەۋەبلىك دىنىنى قوغداپ قېلىش، ئىسلامىي ئەقىدىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش يولىدا، ئانا ۋەتەننىڭ، بالا-چاقىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلار
دېمەك، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇلۇغۋار ھىجرىتىنى ھېچكىم قوبۇل قىلمايدۇ.
ھىجرەتنى كىملەر قوبۇل قىلىدۇ
ئۆز يۇرتىدا ئېزىلگەن، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي ئەقىدىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىپ مىڭ جاپادا چەتكە چىققان مۇسۇلمان قېرىنداشنى «خوش كەپسىز» دەپ قوبۇل قىلىدىغان، باغرىغا باسىدىغان بىرەر ئىسلام دۆلىتى بولمىغان بىلەن، ئۇلارنى قوبۇل قىلىپ گرەژدانلىق بېرىدىغان كاپىر دۆلەتلىرى بار.
ئەمما كاپىرلار مۇسۇلمانلارغىلا
نېمە بىلەن قۇراللىنىش كېرەك؟
ئەڭ ئاۋۋال ئىلىم-مەرىپەت بىلەن قوراللىنىش كېرەك. ئىلىم-مەرىپەت بىلەن قوراللىنىش دېگەن كىچىك تېما ئەمەس. ئۇ دىننى توغرا چۈشىنىشتىن باشلاپ ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنى چۈشىنىش، مۇسۇلمانلارنىڭ كېسىلىگە توغرا دىئاگنوز قويۇشنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ دورىسىنى بىلىش، ھازىرقى ئەسىردە نېمە بىلەن قوراللىنىش لازىملىقىنى بىلىش ۋە ئۆگىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خۇددى ئىنساننىڭ تېنىگە كېسەل يەتكەندەك، ھازىر ئىسلام دۇنياسىغا كېسەل تەككەن ۋە ئېغىر كېسەل دەردىدە كۆرپىگە چۈشۈپ قالغان. كېسەلدىن ساقىيىش ئۇنىڭ شىپاسىنى تېپىپ داۋالىنىشتىنمۇ بۇ كېسەلگە توغرا دىئاگنوز قويۇشقا باغلىق ئىش.
خۇددى شۇنىڭدەك، ھازىرقى زامان بىزگە ئوخشاش ئاجىز مىللەتلەرنىڭ قۇرال كۈچىگە تايىنىپ بىرەر ئىش قىلالايدىغان ۋاقتى ئەمەس. بۇ دېگەنلىك چېكىنگەنلىك ياكى قورقانلىق ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ۋە ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا خېلى ياخشى پۇرسەتلەر كەلگەن بولسىمۇ، بىلىمسىزلىكتىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ئۇلارنى مەغلۇب قىلغان ئىدى. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈشكە مۇھتاج.