مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى
يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ...
پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام، سالىم ئىبنى ئەۋف ئوغۇللىرى تۇرىدىغان بۇ ۋادىدا تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئوقۇدى. رەسۇلى ئەكرەم بۇ تۇنجى جۈمە نامىزىنىڭ خۇتبىسىدە مۇنداق دېدى:
«ئەي ئىنسانلار! سالامەت چېغىڭلاردا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى قىيامەت كۈنىدە، ھەممە كىشى قىلغان ئىشىدىن ھېسابقا تارتىلىدۇ. سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار چوبانسىز قويۇپ بەرگەن قويلىرىدىن سوراققا تارتىلىدۇ. ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا تەرجىمانسىز ۋە ۋاسىتىسىز ھالدا مۇنداق دەيدۇ:
‹سېنىڭ قېشىڭغا پەيغەمبىرىم كېلىپ، ئەمىرلىرىمنى يەتكۈزمىدىمۇ؟ مەن ساڭا مال – مۈلۈك بەردىم، ناھايىتى كۆپ ياخشىلىق قىلدىم. ئەمدى سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاخىرەت ئۇزۇقى سۈپىتىدە نېمە ئېلىپ كەلدىڭ؟› بۇ سوئاللارغا دۈچ كەلگەن كىشى ئوڭ – سولىغا قارايدۇ، لېكىن ھېچبىر نەرسە كۆرەلمەيدۇ. ئالدىغا قارىغىنىدا بولسا، جەھەننەمنى كۆرىدۇ. شۇنداقكەن، يېرىم خورما بىلەن بولسىمۇ جەھەننەمدىن قورتۇلۇشقا تىرىشىڭلار، ئۇنىمۇ تاپالمىغان كىشى ياخشى بىر سۆز بىلەن بولسىمۇ ئۆزىنى قوتقۇزۇشقا تىرىشسۇن. چۈنكى بىر خەير ئۈچۈن ئون ھەسسىدىن تارتىپ يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن.»
سۆزلەرنىڭ ئەڭ گۈزىلى
ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇ بىرىنچى خۇتبىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاند
«ئاللاھقا ھەمدۇ بولسۇن. ئۇنىڭغا ھەمدۇ ئېيتىمەن ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورايمەن. نەپىسلىرىمىزنىڭ
ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار
ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ كىتابى سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە ئەڭ ئۇستۇنىدۇر. ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنى پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ياخشى كۆرۈڭلار! ئاللاھنىڭ كالامىدىن ۋە ئۇنى ئوقۇشتىن زېرىكىپ قالماڭلار. ئاللاھنىڭ كالامىدىن قەلبىڭلارغا بىر قارىلىق كەلمىسۇن. چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامى، ئاللاھ ياراتقان ھەممە نەرسىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىنى ئايرىپ تاللايدۇ، ئەمەللەرنىڭ ياخشىسىنى ۋە بەندىلىرىنىڭ تاللانغىنى بولغان پەيغەمبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. ھالال ۋە ھارامنى بىلدۈرىدۇ. سىلەر يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ھېچبىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار. شېرىكتىن ھەقىقىي رەۋىشتە يىراق تۇرۇڭلار.
سۆزلىرىڭلار، ئاللاھقا سۆزلەنگەن گۈزەل سۆزلەر بولسۇن ۋە ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈڭلار. ياخشى بىلىڭلاركى، ئاللاھ ئەھدىگە رىئايە قىلمىغانلارغا، ۋەدىسىدە تۇرمىغانلارغا غەزەپ قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن.» پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، جۈمە نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، ھەقىقەت ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان يېڭى بىر دۇنيا قۇرۇش مەقسىتىدە مەدىنىگە قاراپ يولغا چىقتى.
مەنبە: «مىللىي گازەتە»
بۇ ماقالە ئا.قارلۇقىي تەرىپىدىن «ئۇيغۇرئونلاين.
بۇ ماقالە پايدىلىق قىممىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ مۇئەللىم بلوگىدىن يۆتكەپ كىلىندى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://muallimman.blogbus.com/
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::http://www.alh