رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m033.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

مەن ئۈممىتىمدىن بىر جامائەتنى بىلىمەنكى، ئۇ جامائەت قىيامەت كۈنى تىھامە نىڭ ئاق تاغلىرىدەك ياخشى ئەمەللەر بىلەن كېلىدۇ ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يا رەسۇلۇللاھ، بىز بىلمەي ئۇ جامائەتنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇ جامائەتنى بىزگە ئوچۇقراق سۈپەتلەپ بەرگەن بولسىلا، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ جامائەت سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ۋە سىلەرنىڭ مىللىتىڭلاردىن بولۇپ، سىلەر ناماز ئوقۇغاندەك، كېچىلىرى ناماز ئوقۇيدۇ لېكىن خىلۋەتتە بولغانلىرىدا ئاللاھ توسقان ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان جامائەتتۇر، دەيدۇ ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

ھەدىسنىڭ شەرھىسى:

ئىسلام ھەر بىر مۇسۇلماندا ئۇ خىلۋەتتە بولسىمۇ ئاللاھ توسقان ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلمىغۇدەك، ھەتتا خاتالىشىپ بىرەر يامان ئىشنى سادىر قىلىپ سالغان تەقدىردىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، بۇ خاتالىقتىن دەرھال قول يىغىپ، ئىككىنچى بۇنداق يامان ئىشنى قىلماسلىققا قەتئىي ئىرادە باغلىيالىغۇدەك ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىق ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ھېرىس بولىدۇ.

بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىققا، ئاشكارە - يۇشۇرۇن ھالەتلەردە ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلىشقا، ئاللاھ توسقان ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئوچۇق چاقرىقتۇر. بۇ ھەقىقەتنىڭ مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە ھەقىقى ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىسسە تەرىقىسىدە، ئۈممىتىدىن قىيامەت كۈنى تىھامە نىڭ ئاق تاغلىرىنىڭ قۇم - تاشلىرىدەك كۆپ ياخشىلىقلار بىلەن كېلىدىغان جامائەتنىڭ بارلىقىنى لېكىن ئاللاھ تائالا پەرۋا قىلماستىن ئۇ جامائەتنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى چاڭ - توزانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى سىرنىڭ ئۇ جامائەتنىڭ ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قاراپ، خىلۋەتتە بولغانلىرىدا ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغان جامائەت ئىكەنلىكىنى بىزگە ۋەھىي ئارقلىق خەۋەر قىلىپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ قىسسىدىن ئىبرەت ئېلىشىمىزنى، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشنىڭ خەتىرىنى بىلىپ، ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىقىمىزنى مەقسەت قىلدى.

ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىق، ئاللاھ تائالانىڭ چەكلىگەن ئىشلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلماسلىق مۇسۇلماننىڭ ئىسلامغا ئەمەل قىلىشىنىڭ ئاساسى بولغانلىقىدىن تۆۋەندە بۇ ئاڭنى قانداق يېتىلدۈرۈش ۋە قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇسۇللىرى ئۇستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.

ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش ئۇسۇللىرى:

1-ئاللاھ تائالانىڭ ھەربىر ئىنساننىڭ ئاشكارە - يوشۇرۇن ۋە ياخشى - يامان ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى ـ يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ سۈرە ئەنئام 3- ئايەت.

بۇ ھەقىقەت ۋۇجۇدىغا سىڭگەن ئىنسان چوقۇمكى ئاللاھ تائالانىڭ توسقان ئىشلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشتىن ياكى ئۇنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىنى ئورۇندىماسلىقتىن ھايا قىلىدۇ.

2- ھەربىر ئىنساننىڭ نامە - ئەمالى خاتىرىسىگە ئۇنىڭ ئاشكارە - يوشۇرۇن ۋە ياخشى - يامان ئىشلىرىنىڭ خاتىرلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا، قىيامەت كۈنى ھەربىر ئىنساننىڭ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىنى بىردىن - بىر ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىنىدىغانلىقىغا، ئاندىن يامان ئىشلىرىغا يامانلىقچە، ياخشى ئىشلىرىغا ياخشىلىقچە جازا - مۇكاپات بېرىلدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىش. چۈنكى بۇ ھەقىقەتكە تولۇق ئىشەنگەن ئىنسان پۇرسەت كېتىشتىن بورۇن ئەقلىنى تېپىپ، يامان ئىشلاردىن قول يىغىپ، ياخشىلىنىش يولىغا ماڭىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ سۈرە كەھف 49- ئايەت.

ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىق ئېڭىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇسۇللىرى:

1- ئىسلامدا پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا، نەپلە ناماز، نەپلە روزا، نەپلە سەدىقە، زىكرى - تەسبىھ، دۇئا - ئىستىغپار، قۇرئان ئوقۇش، ئۆزى ۋە كائىنات ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرۇش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش.

2- جامائەت بولۇپ ياشاش، جامائەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق. چۈنكى بۇنداق قىلىش شەيتاننىڭ يولىنى كېسىپ تاشلايدۇ، شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇشتا ئۇنىڭ يالغۇز قالغان ۋاقتىنى غەنىمەت بىلىپ، ئۇنى ئالداشقا، ئۇنىڭغا يامان ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ، ئاخىرى ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەپرىقچىلىقتىن ساقلىنىشقا، جامائەتتىن ئايرىلماسلىققا بۇيرىشىنىڭ سىرىمۇ شۇ بولسا كېرەك: تەپرىقچىلىقتىن ساقلىنىڭلار، جامائەتتىن ئايرىلماڭلار. چۈنكى شەيتان يالغۇز ئادەم بىلەن بىللە بولىدۇ، ئۇ ئىككى ئادەم بولسا بىرئاز يىراقلىشىدۇ ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1- ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى. ئاللاھ تائالانىڭ داۋاملىق كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىمانى كامىل ئىنسان چوقۇمكى، خىلۋەتتە بولغان ۋاقىتلاردىمۇ ئاللاھ تائالا توسقان ئىشلارنىڭ ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىشتىن ساقلىنىدۇ بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىگە ئەستايىدىل ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئىلگىركىلەرنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ تىرناقلىرى چىققاندىن باشلاپ، ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە ھېرىس بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئوبۇلقاسىم جۇنەيد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىق ئېڭىنىڭ قانچىلىك يېتىلگەنلىكىنى سىناپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ: ئۇ بىر كۈنى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىمتىھان ئېلىپ: ئەتە بىز سەھرا سەيلىسىگە چىقىمىز، شۇڭا سىلەردىن ھەربىر ئوقۇغۇچى ئاتا-ئانىسىدىن بىردىن چۈجە سوراپ ئېلىپ، ئۇنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە بوغۇزلاپ ئېلىپ كەلسۇن، بىز سەپەردە يېگۈدەك تەييارلاپ ئېلىۋالايلى، دەيدۇ. ئەتىسى بىر ئوقۇغۇچىدىن باشقا بارلىق ئوقۇغۇچىلار بوغۇزلانغان بىردىن چۈجىنى ئېلپ كېلىدۇ. ئۇستاز چۈجىنى بوغۇزلىماي تىرىك ھالىتىدە ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئوقۇغۇچىدىن نېمىشقا ۋەسىيىتىمنى ئىجرا قىلمىدىڭىز؟ دەپ سورايدۇ. ئوقۇغۇچى: سىز بىزگە چۈجىنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە بوغۇزلاپ ئېلىپ كېلىشىمىزنى شەرت قىلغان ئىدىڭىز، شۇنىڭ بىلەن مەن ۋەسىيىتىڭىزنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشىپ، ئادەم يوق يەرنى ئىزدەپ ئۆيگە كىرسەممۇ، ئۆگزىگە چىقساممۇ ۋە ياكى جاڭگالغا بارساممۇ مەن بىلەن داۋاملىق بىر كىشىنىڭ بىللە ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئاخىرى ئۇ كۆرمەيدىغان يەر تاپالماي چۈجىنى بوغۇزلىماي تىرىك ئېلىپ كەلدىم، دەيدۇ. ئۇستاز: سىزدىن داۋاملىق ئايرىلمىغان كىشى كىم ئۇ؟، دەپ سورىغىنىدا، ئوقۇغۇچى: ئۇ ئاللاھدۇر، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز ئۇ ئوقۇغۇچىدا ئاللاھنىڭ كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىق ئېڭىنىڭ يېتىلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ، ئوقۇغۇچىنى مۇكاپاتلايدۇ. بۇ قىسسىنى ئىمام غەزالى ئىھيا ئۇلۇمىددىن دېگەن كىتابتا كەلتۈرگەن.

ئۆزىمىزنى، ئەۋلادلىرىمىزنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمىزنى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان ئاممىسىنى مانا مۇشۇنداق تەربىيلىشىمىز زۆرۈردۇر.

2- ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا مەزمۇنلارنى سىڭدۈرۈشتە قىسسە ۋە ھېكايىلەرنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقى. ئىنساننىڭ تەبىئىتى قىسسە ۋە ھېكايىلەرگە مايىل كېلىدۇ. شۇڭا ئىنسان قىسسە ۋە ھېكايىلەرنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە قىسىلەرنىڭ كۆپ كېلىشىدىكى سىرمۇ شۇ بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا قىسسەلەرنىڭ پايدا ۋە رولىغا نەزەرلەرنى ئاغدۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: كۆڭلۈڭنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىمىز سۈرە ھۇد 120- ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ سۈرە يۈسۈف 111- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

3- جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى. جامائەتكە باغلانغان ۋە جامائەت بىلەن بىرگە بولغان كىشىدىن شەيتان قاچىدۇ. ئىلگىركى ياخشى كىشىلەر جامائەتتىن ئايرىلماسلىقنى تەكىتلەيتتى، ھاتتا ئۇلار جامائەتسىز ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتى. ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: جامائەتسىز ئىسلام، خەلىپىلىكسىز جامائەت، ئىتائەتسىز خەلىپىلىك، بەيئەتسىز ئىتائەت بولمايدۇ بۇ سۆزنىمۇ ئىمام غەزالى ئىھيا ئۇلۇمىددىن دېگەن كىتابتا كەلتۈرگەن.

4- يامان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئەجرى - ساۋابىنى زايە قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى. مۇسۇلمان يامان ئىشلاردىن ساقلىنىپ، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ ۋە تەقۋالىقنىڭ مۇكاپىتىنى بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ سۈرە مۇھەممەد 17- ئايەت. كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر سۈرە شۇرا 23- ئايەت.

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.