رىم پادىشاھى ھىرەقلە بۇ ھەقىقەتنى تۇنۇغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ھۇدەيبىيە سۈلھىسى زامانىدا تىجاەرت مۇناسىۋىتى بىلەن شامغا كەلگەن قۇرەيش كارۋانلىرىدىن خەۋەر تاپقان ھىرەقلىگە پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ھىرەقلە قۇرەيش كارۋانلىرىنى ئىيلىياغا چاقىرىتىپ كېلىپ، رىم كاتتىلىرىنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئۆزىنىڭ خاس تەرجىمانى ئارقىلىق: ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ئادەمگە نەسەب جەھەتتىن قايسىڭلار يېقىن؟ دەپ سورىدى.
ئەبۇ سۇفيان: مەن، دەپ جاۋاب بەردىم.
ھىرەقلە: ئۇنى ئالدىمدا، سەپداشلىرىنى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار،
ئەبۇ سۇفيان: يالغانچى ئادەم، دېگەن نامغا قېلىشتىن ھايا قىلمىغان بولسام ئەلۋەتتە ئۇنىڭ توغرىسىدا يالغان سۆزلىگەن بولاتتىم، دېگەن.
ھرەقلە ئۇنىڭ توغرىسىدا مەندىن بىرىنچى بولۇپ مۇنداق سوئال سورىدى:
- ئاراڭلاردا ئۇنىڭ نەسەبى قانداق؟
- ئۇ ئارىمىزدا ئېسىل نەسەبلىك كىشى.
- ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاراڭلاردىن بىرەرسى مۇشۇ سۆزنى ئېيتىپ باققانمۇ؟
- ياق.
- ئۇنىڭ ئاتا - بۇۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغان كىشى بارمۇ؟
- ياق.
- ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئادەملەر ئەگىشىۋاتامدۇ ياكى ئاجىز ئادەملەرمۇ؟
- ئاجىز ئادەملەر.
- ئۇلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئاز قېلىۋاتامدۇ؟
- كۆپىيىۋاتىدۇ.
- ئۇنىڭ دىنىغا كىرگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ دىنىنى يامان كۆرۈپ يېنىۋالغانلار بارمۇ؟
- ياق.
- ئۇنى بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئىلگىرى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ باققانمىدىڭلار؟
- ياق.
- ئۇ كېلىشىمنى بۇزامدۇ؟
- ياق، بىز ھازىر ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۇشكەن بىر مۇددەت ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز، ئۇنىڭ بۇ كېلىشىمدە قانداق قىلىدىغانلىقىنى
ئەبۇ سۇفيان: ھىرەقلە ماڭا مۇشۇ سۆزنى قىستۇرۋېلىشتىن باشقا پۇرسەت بەرمىدى، دېگەن.
- ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشۇڭلار قانداق بولىۋاتىدۇ؟
- ئوتتۇرىمىزدىكى ئۇرۇش ئۇدۇللىشىپ مېڭىۋاتىدۇ، بەزىدە ئۇ بىزنى يېڭىدۇ، بەزىدە بىز ئۇنى يېڭىمىز.
- ئۇ سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟
- ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، راست سۆزلەشكە، ئىپپەتلىك بولۇشقا، سىلە رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھىچنەرسىنى شېرك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا بۇۋاڭلارنىڭ سۆزىنى تەرك ئېتىڭلار، دەيدۇ.
سېنىڭدىن ئۇنىڭ نەسەبى توغرىسىدا سورىسام، سەن ئۇنىڭ ئېسىل نەسەبلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر قەۋمى ئىچىدىكى ئېسىل نەسەبلىكلەردىن چىققان.
سېنىڭدىن: ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاراڭلاردىن بىرەرسى مۇشۇ سۆزنى ئېيتىپ باققانمۇ؟ دەپ سورىسام، سەن: ياق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەرسى مۇشۇ سۆزنى قىلغان بولسا، ئىنسان ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ سۆزىنى دورايدۇ، دېگەن بولاتتىم.
سېنىڭدىن: ئۇنىڭ ئاتا - بۇۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغان كىشى بارمۇ؟ دەپ، سورىسام، سەن: يوق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئەگەر ئۇنىڭ ئاتا - بۇۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغان كىشى بولسا، ئىنسان ئاتا - بۇۋىلىرىنىڭ پادىشاھلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن بولاتتىم.
سېنىڭدىن: ئۇنى بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئىلگىرى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ باققانمىدىڭلار؟
سېنىڭدىن: ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئادەملەر ئەگىشىۋاتامدۇ ياكى ئاجىز ئادەملەرمۇ؟ دەپ سورىسام، ئاجىز ئادەملەر ئەگىشىۋاتىدۇ، دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئۇلار بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ
سېنىڭدىن: ئۇلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئاز قېلىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىسام، كۆپىيىۋاتىدۇ! دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئىمان دېگەن شۇنداق بولىدۇ.
سېنىڭدىن: ئۇنىڭ دىنىغا كىرگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ دىنىنى يامان كۆرۈپ يېنىۋالغانلار بارمۇ؟ دەپ سورىسام، ياق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، دىللەرگە سىڭگەن ئىمان شۇنداق بولىدۇ.
سېنىڭدىن: ئۇ كېلىشىمنى بۇزامدۇ؟ دەپ سورىسام ياق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش پەيغەمبەرلەر كېلىشىمنى بۇزمايدۇ.
سېنىڭدىن: ئۇ سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟ دەپ سورىسام، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، راست سۆزلەشكە، ئىپپەتلىك بولۇشقا، سىلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھىچنەرسىنى شېرك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - بۇۋاڭلارنىڭ سۆزىنى تەرك ئېتىڭلار، دەيدۇ، دەپ جاۋاب بەردىڭ.
ئەگەر ئېيتقانلىرىڭ ھەق بولسا، ئۇ قەدىمىمنىڭ ئاستىغىمۇ ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ چۇقۇم چىقىدىغانلىقىنى
ئاندىن كېيىن ھىرەقلە پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام دىھيە ئارقىلىق بۇسرانىڭ كاتتىسىغا ئەۋەتكەن، بۇسرانىڭ كاتتىسى ھىرەقلىگە بەرگەن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، بۇ خەت ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن رىمنىڭ كاتتىسى ھىرەقلىگە، ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىگە سالام، سالامدىن كېيىن سۆزۈم شۈكى، مەن سىزنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىمەن، مۇسۇلمان بولسىڭىز سالامەت بولىسىز، ئاللاھ سىزگە ئىككى ھەسسە ئەجر بېرىدۇ، ئەگەر باش تارتسىڭىز ئەگەشكۈچىلىرىڭى
ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دېگەن: ھىرەقلە خەتنى ئوقۇپ، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاند
ئۇ سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: ھىرەقلىنىڭ ھۇزۇرىغا پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئاندىن كېيىن ھىرەقلە ئىلىمدە تەڭتۈشى بولغان بىر دوستىغا خەت ئەۋەتىۋىتىپ، ھىمسە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانىدى، ئۇ تېخى ھىمىسىگە يىتىپ بارماستا ئۇنىڭغا دوستىدىن جاۋاپ خەت كەلگەن بولۇپ، ئۇ خېتىدە ھىرەقلىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ھىرەقلە ھىمسىدىكى سارىيىغا رىم كاتتىلىرىنى يىغىپ، ساراينىڭ بارلىق ئىشىكلىرىنى مەھكەم تاقىتىپ: ئى رىم خەلقى توغرا يولغا، نىجاتلىققا، مال - مۈلۈك ۋە ھۇقۇقلىرىڭلارنى
شۇنىڭ بىلەن ھىرەقلە پادىشاھلىقىنىڭ قولىدىن كېتىشىدىن قورقۇپ، تونىغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان.
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئۆزرە يوق. چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئىبنى ئىسھاق رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى كىچىك ۋاقتىدا مەجۇسىلارنىڭ مەبۇدى بولغان ئوتنىڭ ئۈچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاتىسى بىلەن كىچە - كۈندۈز تىرىشىپ خىزمەت قىلغان سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇنىڭ ھەق دىن ئۈستىدە ئىزدىنىپ قىلغان ھىجرەت قىسسىسىنى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن بىر كۈنى ئاتامنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كۆرگىلى كېتىۋېتىپ، چېركاۋلارنىڭ بىرىدىن خىرستىئانلارنىڭ
سەلماننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئاتىسى ئۇنى قېچىپ كەتمىسۇن، دەپ ئۇنىڭ پوتىغا ئىشكەل-كىشەنلەر
سەلمان مۇنداق دەيدۇ: مەن شامغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن كىمنىڭ ئىلمى يۇقىرى، دەپ سورىدىم. ئۇلار: چېركاۋدىكى باش روھانىسىنى كۆرسىتىشتى، مەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن بۇ دىنگە قىزىقىپ قالدىم، چېركاۋدا خىزمىتىڭىزنى قىلغاچ سىزدىن دىنى تەلىم ئالغان بولسام، دېدىم. ئۇ مېنى قوبۇل قىلدى.
ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا بىلدىمكى، ئۇ ئۇسال، ناچار ئادەم ئىكەن. ئۇ خەلقنى سەدىقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەتت
ئۇنى يامان كۆرگەن سەلمان ئۇ ئادەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلققە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. خەلق ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر كىشىنى تەيىنلىگەن. سەلمان ئۇ ئادەم ھەققىدە مۇنداق دېگەن: مەن تەقۋالىقتا، زاھىدلىقتا، ئەدەپ-ئەخلاقتا، ئىبادەت قىلىشتا ئۇنداق بىر ئادەمنى كۆرمىگەنىدىم. مەن ئۇ ئادەمنى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا خېلى ئۇزۇن تۇرغانىدىم، ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە، مەن ئۇنىڭغا: ھۇزۇرىڭىزدا ئۇزۇن مەزگىل تۇردۇم، سىزنى شۇنداق ياخشى كۆردىمكى، ھېچكىمنى سىزنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمىگەندىم، ھازىر سىز بۇ ھالەتتە تۇرۇپسىز، مېنىڭ كىمنىڭ يېنىدا تۇرۇشۇمغا، نېمە ئىشلارنى قىلىشىمغا تەۋسىيە قىلىسىز؟ دېگەنىدىم. ئۇ ئادەم: ئى ئوغلۇم! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇسىل شەھىرىدىكى پۇلان كىشىدىن باشقا بىرەرسىنىڭ مېنىڭ يولۇمغا ئوخشاش يول تۇتۇپ ماڭغانلىقىنى بىلمەيمەن، خەلقلەر تۇگەشتى، ئۆزگىرىپ كەتتى، ئىلگىركىلەرنىڭ يوللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تەرك ئەتتى، پەقەت مۇسىلدىكى كىشىلا مېنىڭ يولۇمغا ئوخشاش يول تۇتۇپ مېڭىۋاتىدۇ، دېگەنىدى.
بۇ ئادەم ۋاپات بولۇپ، دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن سەلمان مۇسىلدىكى كىشىنى تېپىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىستىقامەت قىلغان، ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا سەلماننىڭ نەسىبىن دېگەن شەھەردە تەۋھىد ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىشقا تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، سەلمان ئۇ كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىدىمۇ ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىستىقامەت قىلغانىدى. بۇ ئادەم ھەم ۋاپات بولۇش ئالدىدا سەلماننىڭ رىمدىكى تەۋھىد ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان بىر كىشىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلغان.
سەلمان رىمدىكى ھېلىقى ئادەمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئادەم ھەم سەكراتقا چۇشۇپ قالغاندا سەلمان ئۇ ئادەمدىن: مېنىڭ كىمنىڭ يەنىدا تۇرۇشۇمغا ۋە نېمە ئىشلارنى قىلىشىمغا تەۋسىيە قىلىسىز، دەپ سورىغان. ئۇ ئادەم: ئى ئوغلۇم! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنى يېنىغا بىرىپ تۇرۇڭ، دەپ تەۋسىيە قىلغىدەك بىرەر كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن لېكىن ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى
بىر مەزگىلدىن كېيىن كەلب قەبىلىسىنىڭ سودىگەرلىرى سەلمان ياشاۋاتقان شەھەرگە بارغان بولۇپ، ئۇلار سەلماننى ئەرەبلەرنىڭ زېمىنىغا يەتكۈزۈپ قويۇش بەدىلىگە سەلمان ئۇلارغا ئۆز ئىلكىدىكى تەئەللۇقلىرىنىڭ
سەلمان مۇنداق دەيدۇ: مەن يەھۇدىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا خورمىزارلىقلارن
مەن ھېلىقى يەھۇدىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەدىنىلىك بەنۇ قۇرەيزە يەھۇدىلىرىدىن ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى كېلىپ مېنى ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىپ، مېنى مەدىنىگە ئېلىپ كەتكەنىدى، مەن مەدىنە شەھىرىنى كۆرۈپلا بۇ شەھەرنىڭ ھېلىقى ئادەم تەرىپىنى قىلىپ بەرگەن شەھەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنىد
مۇھەممەد ئەلەيىسسالام پەيغەمبەرلىك كېلىپ، مەككىدە بىر مەزگىل تۇرغانىكەن، مەن بىر يەھۇدىغا قۇل بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە ھېچنەرسە ئاڭلىمىغانىكەنم
مەن كەچتە ئىشتىن بۇشىغان ۋاقتىمدا يىمەي يىغىپ قويغان بەزى يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: ئالدىمغا كېلىڭ! دېدى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە ئۇنىڭغا بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ سۆزۇمدىن ھاياجانلاندى ۋە بۇ قىسسىنى ساھابىرلىنىڭمۇ ئاڭلىشىنى ياخشى كۆرگەنىدى.