رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m031.jpg

رىم پادىشاھى ھىرەقلە بۇ ھەقىقەتنى تۇنۇغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ھۇدەيبىيە سۈلھىسى زامانىدا تىجاەرت مۇناسىۋىتى بىلەن شامغا كەلگەن قۇرەيش كارۋانلىرىدىن خەۋەر تاپقان ھىرەقلىگە پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ مەكتۇبى يىتىپ كەلگەندە شامدا بولغان ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھەرب بىزگە ھىرەقلىنىڭ خەۋىرىنى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:

ھىرەقلە قۇرەيش كارۋانلىرىنى ئىيلىياغا چاقىرىتىپ كېلىپ، رىم كاتتىلىرىنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئۆزىنىڭ خاس تەرجىمانى ئارقىلىق: ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان ئادەمگە نەسەب جەھەتتىن قايسىڭلار يېقىن؟ دەپ سورىدى.

ئەبۇ سۇفيان: مەن، دەپ جاۋاب بەردىم.

ھىرەقلە: ئۇنى ئالدىمدا، سەپداشلىرىنى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغۇزۇڭلار، دېدى، ئاندىن تەرجىمانىغا: ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ئۇنىڭدىن ئۆزىنى پەيغەمبەر دېگەن ئادەم توغرىسىدا سوئال سورايمەن، ئەگەر ئۇ ماڭا يالغان جاۋاب بەرسە، ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى پاش قىلىڭلار، دېدى.

ئەبۇ سۇفيان: يالغانچى ئادەم، دېگەن نامغا قېلىشتىن ھايا قىلمىغان بولسام ئەلۋەتتە ئۇنىڭ توغرىسىدا يالغان سۆزلىگەن بولاتتىم، دېگەن.

ھرەقلە ئۇنىڭ توغرىسىدا مەندىن بىرىنچى بولۇپ مۇنداق سوئال سورىدى:

- ئاراڭلاردا ئۇنىڭ نەسەبى قانداق؟

- ئۇ ئارىمىزدا ئېسىل نەسەبلىك كىشى.

- ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاراڭلاردىن بىرەرسى مۇشۇ سۆزنى ئېيتىپ باققانمۇ؟

- ياق.

- ئۇنىڭ ئاتا - بۇۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغان كىشى بارمۇ؟

- ياق.

- ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئادەملەر ئەگىشىۋاتامدۇ ياكى ئاجىز ئادەملەرمۇ؟

- ئاجىز ئادەملەر.

- ئۇلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئاز قېلىۋاتامدۇ؟

- كۆپىيىۋاتىدۇ.

- ئۇنىڭ دىنىغا كىرگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ دىنىنى يامان كۆرۈپ يېنىۋالغانلار بارمۇ؟

- ياق.

- ئۇنى بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئىلگىرى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ باققانمىدىڭلار؟

- ياق.

- ئۇ كېلىشىمنى بۇزامدۇ؟

- ياق، بىز ھازىر ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۇشكەن بىر مۇددەت ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز، ئۇنىڭ بۇ كېلىشىمدە قانداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

ئەبۇ سۇفيان: ھىرەقلە ماڭا مۇشۇ سۆزنى قىستۇرۋېلىشتىن باشقا پۇرسەت بەرمىدى، دېگەن.

- ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشۇڭلار قانداق بولىۋاتىدۇ؟

- ئوتتۇرىمىزدىكى ئۇرۇش ئۇدۇللىشىپ مېڭىۋاتىدۇ، بەزىدە ئۇ بىزنى يېڭىدۇ، بەزىدە بىز ئۇنى يېڭىمىز.

- ئۇ سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟

- ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، راست سۆزلەشكە، ئىپپەتلىك بولۇشقا، سىلە رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھىچنەرسىنى شېرك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا بۇۋاڭلارنىڭ سۆزىنى تەرك ئېتىڭلار، دەيدۇ.

سېنىڭدىن ئۇنىڭ نەسەبى توغرىسىدا سورىسام، سەن ئۇنىڭ ئېسىل نەسەبلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش تارىختا ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر قەۋمى ئىچىدىكى ئېسىل نەسەبلىكلەردىن چىققان.

سېنىڭدىن: ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاراڭلاردىن بىرەرسى مۇشۇ سۆزنى ئېيتىپ باققانمۇ؟ دەپ سورىسام، سەن: ياق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەرسى مۇشۇ سۆزنى قىلغان بولسا، ئىنسان ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ سۆزىنى دورايدۇ، دېگەن بولاتتىم.

 

سېنىڭدىن: ئۇنىڭ ئاتا - بۇۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغان كىشى بارمۇ؟ دەپ، سورىسام، سەن: يوق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئەگەر ئۇنىڭ ئاتا - بۇۋىلىرىدىن پادىشاھ بولغان كىشى بولسا، ئىنسان ئاتا - بۇۋىلىرىنىڭ پادىشاھلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن بولاتتىم.

سېنىڭدىن: ئۇنى بۇ سۆزنى قىلىشتىن ئىلگىرى يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ باققانمىدىڭلار؟ دەپ، سورىسام: ياق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، جاۋابىڭدىن ئۇنىڭ خەلققىمۇ ۋە ئاللاھقىمۇ يالغان سۆزلىمىگەنلىكىنى بىلدىم.

سېنىڭدىن: ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئادەملەر ئەگىشىۋاتامدۇ ياكى ئاجىز ئادەملەرمۇ؟ دەپ سورىسام، ئاجىز ئادەملەر ئەگىشىۋاتىدۇ، دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئۇلار بولسا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدۇر.

سېنىڭدىن: ئۇلار كۆپىيىۋاتامدۇ ياكى ئاز قېلىۋاتامدۇ؟ دەپ سورىسام، كۆپىيىۋاتىدۇ! دەپ جاۋاب بەردىڭ، ئىمان دېگەن شۇنداق بولىدۇ.

سېنىڭدىن: ئۇنىڭ دىنىغا كىرگەنلەر ئىچىدە ئۇنىڭ دىنىنى يامان كۆرۈپ يېنىۋالغانلار بارمۇ؟ دەپ سورىسام، ياق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، دىللەرگە سىڭگەن ئىمان شۇنداق بولىدۇ.

سېنىڭدىن: ئۇ كېلىشىمنى بۇزامدۇ؟ دەپ سورىسام ياق، دەپ جاۋاب بەردىڭ، شۇنىڭغا ئوخشاش پەيغەمبەرلەر كېلىشىمنى بۇزمايدۇ.

سېنىڭدىن: ئۇ سىلەرنى نېمىگە بۇيرۇيدۇ؟ دەپ سورىسام، ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە، راست سۆزلەشكە، ئىپپەتلىك بولۇشقا، سىلە - رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھىچنەرسىنى شېرك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - بۇۋاڭلارنىڭ سۆزىنى تەرك ئېتىڭلار، دەيدۇ، دەپ جاۋاب بەردىڭ.

ئەگەر ئېيتقانلىرىڭ ھەق بولسا، ئۇ قەدىمىمنىڭ ئاستىغىمۇ ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ چۇقۇم چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن سىلەردىن چىقىدۇ، دەپ ئويلىمىغان ئىكەنمەن، ئەگەر مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشالايدىغانلىقىمنى بىلسەم ئىدىم ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشقا تىرىشقان بولاتتىم، ئەگەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا بولغان بولسام ئەلۋەتتە ئۇنىڭ پۇتىنى يۇغان بولاتتىم.

ئاندىن كېيىن ھىرەقلە پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام دىھيە ئارقىلىق بۇسرانىڭ كاتتىسىغا ئەۋەتكەن، بۇسرانىڭ كاتتىسى ھىرەقلىگە بەرگەن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى، خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن، بۇ خەت ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەدتىن رىمنىڭ كاتتىسى ھىرەقلىگە، ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىگە سالام، سالامدىن كېيىن سۆزۈم شۈكى، مەن سىزنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىمەن، مۇسۇلمان بولسىڭىز سالامەت بولىسىز، ئاللاھ سىزگە ئىككى ھەسسە ئەجر بېرىدۇ، ئەگەر باش تارتسىڭىز ئەگەشكۈچىلىرىڭىزنىڭ گۇناھى سىزگە بولىدۇ. ئى ئەھلى كىتاب! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر - بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): (ئى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار، دەڭلار سۈرە ئال ئىمران 64- ئايەت.

ئەبۇ سۇفيان مۇنداق دېگەن: ھىرەقلە خەتنى ئوقۇپ، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، گەپ - سۆزلەر كۆپىيىپ، ئاۋازلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغاندا بىز سورۇندىن چىقىرىۋېتىلدۇق. بىز سىرىتقا چىقىرىۋېتىلگەندە ھەمراھلىرىمغا: ئەبۇ كەبەشەنىڭ ئوغلىنىڭ ئىشى شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۇنىڭدىن بەنۇ ئەسپەرنىڭ پادىشاھىمۇ قورقىۋاتىدۇ، دېگەنىدىم. مەن چۇقۇم ئۇ غەلىبە قىلىدۇ، دەپ ئىشەنچە قىلاتتىم، ئاخىرى ئاللاھ مېنى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا نائىل قىلدى.

ئۇ سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ: ھىرەقلىنىڭ ھۇزۇرىغا پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ خەۋىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن غەسسان پادىشاھى ئەۋەتكەن بىر ئادەم كىرگەنىدى، ھىرەقلە ئۇ ئادەمدىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام تورۇلۇق سوئال سوراپ: ئۇ خەتنە قىلدۇرۇلغانمۇ ؟ دېگەندە، ئۇ خەتنە قىلدۇرۇلغان، ئەرەبلەر خەتنە قىلدۇرىلىدۇ، دەپ جاۋاپ بەرگەن. ھىرەقلە: بۇ ئۇممەتنىڭ پادىشاھى ئۇتتۇرىغا چىقىپتۇ، دېگەن.

ئاندىن كېيىن ھىرەقلە ئىلىمدە تەڭتۈشى بولغان بىر دوستىغا خەت ئەۋەتىۋىتىپ، ھىمسە شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققانىدى، ئۇ تېخى ھىمىسىگە يىتىپ بارماستا ئۇنىڭغا دوستىدىن جاۋاپ خەت كەلگەن بولۇپ، ئۇ خېتىدە ھىرەقلىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

 

ھىرەقلە ھىمسىدىكى سارىيىغا رىم كاتتىلىرىنى يىغىپ، ساراينىڭ بارلىق ئىشىكلىرىنى مەھكەم تاقىتىپ: ئى رىم خەلقى توغرا يولغا، نىجاتلىققا، مال - مۈلۈك ۋە ھۇقۇقلىرىڭلارنىڭ قولۇڭلاردا قېلىشىغا قىزىقامسىلەر، ئۇنداقتا بۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىڭلار، دېگەندە ئۇلار ئىشىكلەرنىڭ تەرىپىكە ياۋا ئىشەكلەردەك يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ، ئىشىكلەرنىڭ تاقالغانلىقىنى كۆرۈپ، قايمىقىشقا باشلىغانىدى، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن ھىرەقلە ئىماندىن ئۈمىدىنى ئۆزۈپ، ئۇلارنى ئارقىسىغا قايتىشقا بۇيرۇپ: مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىكى مۇستەھكەملىكىڭلارنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن شۇنداق دېگەنىدىم، ھەقىقەتەن دىنىڭلاردا مۇستەھكەم ئىكەنلىكىڭلارنى كۆردۈم، دېگەن. ئۇلار ھىرەقلىدىن رازى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەجدە قىلىشقان.

 

شۇنىڭ بىلەن ھىرەقلە پادىشاھلىقىنىڭ قولىدىن كېتىشىدىن قورقۇپ، تونىغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان.

ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ئۆزرە يوق. چۈنكى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ھەقىقى تۇنۇپ يەتكەن لېكىن پادىشاھلىقنى دەپ ئىسلامدىن يۈز ئۆرىگەن. ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ ھىدايىتىنى ئىرادە قىلسا ئىدى ئەلۋەتتە نەجاشىنى ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلىپ، پادىشاھلىقىنىمۇ ساقلاپ قالغىنىدەك، ئۇنىمۇ ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلىپ، پادىشاھلىقىنىمۇ ساقلاپ قالاتتى، دېگەن. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىبنى ئىسھاق رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى كىچىك ۋاقتىدا مەجۇسىلارنىڭ مەبۇدى بولغان ئوتنىڭ ئۈچۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاتىسى بىلەن كىچە - كۈندۈز تىرىشىپ خىزمەت قىلغان سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئۇنىڭ ھەق دىن ئۈستىدە ئىزدىنىپ قىلغان ھىجرەت قىسسىسىنى مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن بىر كۈنى ئاتامنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى كۆرگىلى كېتىۋېتىپ، چېركاۋلارنىڭ بىرىدىن خىرستىئانلارنىڭ سالاۋات ئوقۇۋاتقان مۇڭلۇق ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئاۋاز مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلۋالغانىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ئىلگىرلەشكە باشلىدىم، ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن چېركاۋنىڭ ئىچىگە كىردىم، ئۇلار سالاۋات ئوقۇۋاتقانىكەن، مەن بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىم ۋە ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بۇ بىزنىڭ دىنىمىزدىن ياخشىكەن، دېدىم، ھاتتا قۇياش پاتقانغا قەدەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدىم، ئاندىن ئۇلاردىن: بۇ دىننىڭ ئەسلى نەدە؟ دەپ سورىدىم، ئۇلار: شامدا دەپ جاۋاپ بېرىشتى.

سەلماننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئاتىسى ئۇنى قېچىپ كەتمىسۇن، دەپ ئۇنىڭ پوتىغا ئىشكەل-كىشەنلەرى سېلىپ، ئۇنى سولاپ قويغانىدى لېكىن ئىشكەل-كىشەنلەر ئۇنى ھىجرەتتىن توسۇپ قالالمىدى. چۈنكى ئۇ، ھەقىقەت ئاشىقى ئىدى. ئۇ ئاخىرى ھەق دىن ئۈستىدە ئىزنىش سەپىرىنى باشلاش ئۈچۈن ئىشكەل-كىشەنلەرى سۇندۇرۇپ، شامغا قېچىپ كىتىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.

سەلمان مۇنداق دەيدۇ: مەن شامغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن كىمنىڭ ئىلمى يۇقىرى، دەپ سورىدىم. ئۇلار: چېركاۋدىكى باش روھانىسىنى كۆرسىتىشتى، مەن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن بۇ دىنگە قىزىقىپ قالدىم، چېركاۋدا خىزمىتىڭىزنى قىلغاچ سىزدىن دىنى تەلىم ئالغان بولسام، دېدىم. ئۇ مېنى قوبۇل قىلدى.

ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش جەريانىدا بىلدىمكى، ئۇ ئۇسال، ناچار ئادەم ئىكەن. ئۇ خەلقنى سەدىقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى، يىغىلغان سەدىقىلەرنى پېقىر-مىسكىنلەرە بەرمەستىن ئۆزىنىڭ شەخسى مۈلكى قىلىۋالاتتى، ھەتتا ئۇ ئادەم يەتتە تۇلۇم ئالتۇن يىغۋالغانىدى.

 

ئۇنى يامان كۆرگەن سەلمان ئۇ ئادەم ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلققە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېچىپ تاشلىغان. خەلق ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر كىشىنى تەيىنلىگەن. سەلمان ئۇ ئادەم ھەققىدە مۇنداق دېگەن: مەن تەقۋالىقتا، زاھىدلىقتا، ئەدەپ-ئەخلاقتا، ئىبادەت قىلىشتا ئۇنداق بىر ئادەمنى كۆرمىگەنىدىم. مەن ئۇ ئادەمنى ياقتۇرۇپ قالدىم، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا خېلى ئۇزۇن تۇرغانىدىم، ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە، مەن ئۇنىڭغا: ھۇزۇرىڭىزدا ئۇزۇن مەزگىل تۇردۇم، سىزنى شۇنداق ياخشى كۆردىمكى، ھېچكىمنى سىزنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرمىگەندىم، ھازىر سىز بۇ ھالەتتە تۇرۇپسىز، مېنىڭ كىمنىڭ يېنىدا تۇرۇشۇمغا، نېمە ئىشلارنى قىلىشىمغا تەۋسىيە قىلىسىز؟ دېگەنىدىم. ئۇ ئادەم: ئى ئوغلۇم! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇسىل شەھىرىدىكى پۇلان كىشىدىن باشقا بىرەرسىنىڭ مېنىڭ يولۇمغا ئوخشاش يول تۇتۇپ ماڭغانلىقىنى بىلمەيمەن، خەلقلەر تۇگەشتى، ئۆزگىرىپ كەتتى، ئىلگىركىلەرنىڭ يوللىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى تەرك ئەتتى، پەقەت مۇسىلدىكى كىشىلا مېنىڭ يولۇمغا ئوخشاش يول تۇتۇپ مېڭىۋاتىدۇ، دېگەنىدى.

بۇ ئادەم ۋاپات بولۇپ، دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن سەلمان مۇسىلدىكى كىشىنى تېپىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىستىقامەت قىلغان، ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا سەلماننىڭ نەسىبىن دېگەن شەھەردە تەۋھىد ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىشقا تەۋسىيە قىلغان بولۇپ، سەلمان ئۇ كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىدىمۇ ئۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىستىقامەت قىلغانىدى. بۇ ئادەم ھەم ۋاپات بولۇش ئالدىدا سەلماننىڭ رىمدىكى تەۋھىد ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان بىر كىشىنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلغان.

سەلمان رىمدىكى ھېلىقى ئادەمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىدا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئۇ ئادەم ھەم سەكراتقا چۇشۇپ قالغاندا سەلمان ئۇ ئادەمدىن: مېنىڭ كىمنىڭ يەنىدا تۇرۇشۇمغا ۋە نېمە ئىشلارنى قىلىشىمغا تەۋسىيە قىلىسىز، دەپ سورىغان. ئۇ ئادەم: ئى ئوغلۇم! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنى يېنىغا بىرىپ تۇرۇڭ، دەپ تەۋسىيە قىلغىدەك بىرەر كىشىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن لېكىن ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بىلەن ئەۋەتىلىدىغان بىر پەيغەمبەرنىڭ چىقىش زامانى ئاز قالدى، ئۇ ئەرەبلەرنىڭ زېمىندىن چىقىپ، قاقاس چۆللىكنىڭ ئارىسىدىكى بىر خورمىزارلىققا ھىجرەت قىلىدۇ، ئۇ ئادەمدە پەيغەمبەرلىكنىڭ نۇرغۇن ئالامەتلىرى نامايەن بولىدۇ، ئۇ ھەديە يەيدۇ، سەدىقە يىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيغەمبەرلىك موھورى بار، ئەگەر شۇ شەھەرگە بېرىشقا قادىر بولالىسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، دېگەن.

بىر مەزگىلدىن كېيىن كەلب قەبىلىسىنىڭ سودىگەرلىرى سەلمان ياشاۋاتقان شەھەرگە بارغان بولۇپ، ئۇلار سەلماننى ئەرەبلەرنىڭ زېمىنىغا يەتكۈزۈپ قويۇش بەدىلىگە سەلمان ئۇلارغا ئۆز ئىلكىدىكى تەئەللۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىدىغانلىقى بىلەن كېلىشىدۇ، ئۇلار سەلماننى ئەلقۇرا جىلغىسىگە ئېلىپ كەلگەندە خىيانەت قىلىپ بىر يەھۇدىغا سېتىۋىتىدۇ.

سەلمان مۇنداق دەيدۇ: مەن يەھۇدىنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا خورمىزارلىقلارنى كۆرۈپ، بۇنىڭ ھېلىقى ئادەم ماڭا تەرىپىنى قىلىپ بەرگەن شەھەر بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدىم.

مەن ھېلىقى يەھۇدىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەدىنىلىك بەنۇ قۇرەيزە يەھۇدىلىرىدىن ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى كېلىپ مېنى ئۇنىڭدىن سېتىۋېلىپ، مېنى مەدىنىگە ئېلىپ كەتكەنىدى، مەن مەدىنە شەھىرىنى كۆرۈپلا بۇ شەھەرنىڭ ھېلىقى ئادەم تەرىپىنى قىلىپ بەرگەن شەھەر ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنىدىم.

مۇھەممەد ئەلەيىسسالام پەيغەمبەرلىك كېلىپ، مەككىدە بىر مەزگىل تۇرغانىكەن، مەن بىر يەھۇدىغا قۇل بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە ھېچنەرسە ئاڭلىمىغانىكەنمەن، كېيىن ئۇ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن خۇجايىنىمنىڭ خورمىسىنىڭ ئۇستىدە ئىشلەۋاتاتتىم، خۇجايىنىم بولسا خورمىنىڭ ئاستىدا ئولتۇراتتى، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى كېلىپ: ئاللاھ بەنۇ قەيلىگە لەنەت قىلسۇن، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلار مەككىدىن كەلگەن بىر ئادەمنىڭ ئاتراپىغا توپلىشىۋاپتۇ، ئۇلار: بۇ ئادەم پەيغەمبەر دېيىشىۋاتىدۇ، دېدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ مېنى قاتتىق تىترەك بېسىپ كەتكەنلىكتىن، خۇجايىنىمنىڭ ئۇستىگە چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالدىم، مەن دەرھال خورما ئۈستىدىن چۈشۈپ، خۇجايىنىمنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلىغا: نېمە دەۋاتىسىز؟ دېدىم. غەزەپلەنگەن خۇجايىنىم يۈزۈمگە قاتتىق بىر كاچات ئۇرۇپ: ساڭا نېمە كەپتۇ، ئىشىڭنى قىل، دېدى. مەن: ھېچ ئىش بولمىدى، پەقەت ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ باقاي دېگەنىدىم، دەپ ئارقامغا بۇرۇلدۇم.

مەن كەچتە ئىشتىن بۇشىغان ۋاقتىمدا يىمەي يىغىپ قويغان بەزى يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم. ۋاھالەنكى ئۇ زات قۇبادا ئىكەن، مەن ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: مەن سىزنىڭ ياخشى كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى، سىز بىلەن نۇرغۇن ھاجەتمەن غەرىپ-مۇساپىرلانىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدىم، مەندە سەدىقە قىلىدىغان بەزى يىمەكلىكلەر بار ئىدى، سىلەرنى بۇنىڭغا ھەقلىق كۆرۈپ ئېلىپ كەلگەنىدىم، دەپ ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ ساھابىرىلىگە: قېنى سىلەر يەڭلار دېدى. مەن ئىچىمدە: بۇ بىرىنچىسى دېدىم.

ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىن قايتىپ چىقىپ، يەنە بەزى يىمەكلىكلەرنى يىغدىم، ئۇنىڭغىچە پەيغەمبەر ئەلەيىسسالاممۇ قۇبادىن مەدىنىگە يۆتكىلىپ كىردى، مەن يەنە يىغقانلىرىمنى ئېلىپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ: سىزنىڭ سەدىقە يىمەيدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ، ھۆرمىتىڭىز ئۈچۈن سىزگە ھەديە ئېلىپ كەلدىم، دەپ يىمەكلىكلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم، ئۇ بۇنىڭدىن يىدى ۋە ساھابىرىنى يېىيىشكە بۇيرىدى. مەن ئىچىمدە: بۇ ئىككىنچىسى دېدىم.

ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇ بەقېئۇلغەرقەدتىكى ۋاقتىسىدا يەنە كەلدىم، ۋاھالەنكى ئۇ ساھابىلىرىنىڭ بىرسىنىڭ جىنازىسى بىلەن بىرگە كېلىپ، ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆلتۇرغانىكەن. مەن ئۇنىڭغا سالام بەرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئادەم تەرىپلەپ بەرگەن پەيغەمبەرلىك موھورىنى كۆرەلەيمەنمۇ، دەپ ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتتۈم، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام مېنىڭ بىر نەرسىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ، ئۈستىدىكى تونىنى سالدى، مەن پەيغەمبەرلىك موھورىنى كۆرۈپ، ئۇنى سۆيۈپ، يىغلاپ كەتتىم.

پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: ئالدىمغا كېلىڭ! دېدى. مەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە ئۇنىڭغا بېشىمدىن ئۆتكەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ سۆزۇمدىن ھاياجانلاندى ۋە بۇ قىسسىنى ساھابىرلىنىڭمۇ ئاڭلىشىنى ياخشى كۆرگەنىدى.

http://sjrt.org/uyghur/maqale-5048.html