يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ۋە ئىقتىدارىنىڭ، شەرت – شارائىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
شۇنىڭدەك، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىق ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇن بولىدۇ. زاھىدلارنىڭ پېشىۋاسى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم بىر كۈنى بەسرە شەھىرىنىڭ بازىرىدا كېتىپ بارغىنىدا كىشىلەر ئۇنىڭدىن: «نېمە ئۈچۈن بىز دۇئا قىلساق دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ؟» دەپ سوئال قىلىدۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئون ئىللەت بىلەن ئۆلگەن: سىلەر ئاللاھ تائالانى تونۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
پۈتۈن شەرتلىرى تولۇقلانغان بولسىمۇ ئىجابەت قىلىنمايدىغان دۇئالارمۇ بار. ئاللاھ تائالا كائىناتتا ئەزەلدىن شۇنداق بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سوراپ قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ھېچ ئوقۇماستىن ئالىم بولۇشنى تىلىسە ياكى ھېچ سەۋەب قىلماستىن مەقسەتكە يېتىشنى تىلىسە، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. چۈنكى ئالىم بولۇشنىڭ قۇرالى ئوقۇش، مەقسەتكە يېتىشنىڭ چارىسى ئىشلەشتۇر. بۇنداق دۇئا خۇددى قۇياشنى مەغرىپتىن چىقىرىپ بېرىشنى ياكى يەرشارىنىڭ ئايلىنىشىنى توختىتىپ بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش بېمەنىلىكتۇر. شۇنداقلا، بەزى دۇئالار ئىجابەت قىلنسا، دۇنيا قانۇنىيىتى ئىگىز - پەس بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ھەممە كىشى مېنى ساغلام قىل، باي قىل، پادىشاھ قىل، ئالىم قىل، دەپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا بۇ دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ئىجابەت قىلسا، دۇنيا قالايمىقانلىشىپ
([1]) &
([2]) &