رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Dualar

يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ۋە ئىقتىدارىنىڭ، شەرت – شارائىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەر دۇئا قىلىپ، دۇئايىڭلار ئىجابەتسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭلار»([1]) دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ.

شۇنىڭدەك، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىق ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇن بولىدۇ. زاھىدلارنىڭ پېشىۋاسى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم بىر كۈنى بەسرە شەھىرىنىڭ بازىرىدا كېتىپ بارغىنىدا كىشىلەر ئۇنىڭدىن: «نېمە ئۈچۈن بىز دۇئا قىلساق دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ؟» دەپ سوئال قىلىدۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «چۈنكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئون ئىللەت بىلەن ئۆلگەن: سىلەر ئاللاھ تائالانى تونۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيىدىغانلىقىڭلارنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتتىڭلار، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلمىدىڭلار، ‹شەيتان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز› دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتىڭلار، ‹جەننەت ھەقتۇر› دەپ تۇرۇپ، سىلەرنى جەننەتكە كىرىشكە سالاھىيەتلىك قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىدىڭلار، ‹دۇزاخ ھەقتۇر› دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قاچمىدىڭلار، ‹ئۆلۈم ھەق› دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلمىدىڭلار، ئۇيقۇدىن ئۇيغىنىپلا كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولدۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئۇنۇتتۇڭلار، مېيتلىرىڭلارنى يەرلىدىڭلار، ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمىدىڭلار».

پۈتۈن شەرتلىرى تولۇقلانغان بولسىمۇ ئىجابەت قىلىنمايدىغان دۇئالارمۇ بار. ئاللاھ تائالا كائىناتتا ئەزەلدىن شۇنداق بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سوراپ قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ھېچ ئوقۇماستىن ئالىم بولۇشنى تىلىسە ياكى ھېچ سەۋەب قىلماستىن مەقسەتكە يېتىشنى تىلىسە، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. چۈنكى ئالىم بولۇشنىڭ قۇرالى ئوقۇش، مەقسەتكە يېتىشنىڭ چارىسى ئىشلەشتۇر. بۇنداق دۇئا خۇددى قۇياشنى مەغرىپتىن چىقىرىپ بېرىشنى ياكى يەرشارىنىڭ ئايلىنىشىنى توختىتىپ بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش بېمەنىلىكتۇر. شۇنداقلا، بەزى دۇئالار ئىجابەت قىلنسا، دۇنيا قانۇنىيىتى ئىگىز - پەس بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ھەممە كىشى مېنى ساغلام قىل، باي قىل، پادىشاھ قىل، ئالىم قىل، دەپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا بۇ دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ئىجابەت قىلسا، دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ، دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنداق دۇئالار ئىجابەت قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ دۇئالارنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا ساۋاب ۋە ياكى باشقا بىر نېمەت ئاتا قىلىدۇ، ياكى ئاخىرەتتە ئايرىم مۇكاپات ساقلاپ قويىدۇ. بىر ھەدىستە مۇنداق دېبىلگەن: «ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىدىن سورايدۇ، ‹ئى بەندەم ماڭا پالانى چاغدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان ئىدىڭ ئىجابەت قىلدىممۇ قىلمىدىممۇ؟› بەندە: ‹ئىجابەت قىلدىڭ ئى پەرۋەردىگارىم› دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ‹پالانى چاغدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانىدىڭ ئىجابەت قىلمىدىم شۇنداقمۇ؟› دەپ سورايدۇ، بەندە: ‹شۇنداق ئى پەرۋەردىگارىم› دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ‹ئۇنىڭ ئىجابىتىنى مانا بۈگۈنگە ساقلاپ قويدۇم› دەپ ئۇنىڭغا دۇئاسىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا بەندە دۇئاسىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرۈپ، ‹كاشكى ھەممە دۇئالىرىم دۇنيادا ئىجابەت قىلىنماي ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگەن بولسىچۇ› دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ»([2]).

([1])      ئىبنى ماجە رىۋايىتى.

([2])      ھاكىم «ئەلمۇستەدرەك»ناملىق ھەدىس كىتابىدا رىۋايەت قىلغان.