رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ھىمايە قىلغانلىقى (2)
قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھىجرەت قىلىشتىن ئىلگىرى بىر قانچە
قېتىم ئولتۇرۈشكە ئورۇنغان لېكىن ئاللاھ ئۇنى ھىمايە قىلىپ ئۇلاردىن
قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ھىجرەت قىلىسشنى
ئىرادە قىلغان ۋاقتتىمۇ ئۇلار ئۇنىڭ ئىشىكىنى مارىلاپ ياتقان لېكىن ئاللاھ
ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەچەتلىۋەتكەنلىكتىن ئۇ ئىشىكتىن چىققاندا ئۇلار ئۇنى
كۆرەلمىگەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئى مۇھەممەد!) ئۆز
ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش، ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن)
ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ
ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن
ئۈنۈملۈكتۇر». (سۈرە ئەنفال 30- ئايەت). ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىلە –
مىكىرلىرىنى بەربات قىلىپ، پەيغەمبىرىنى ئۇلاردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام مەككىدىن ۋاپادار ساھابىسى ئەبۇ بەكرى بىلەن 
يۇشۇرۇن چىقىپ، ئۇلارنى ئىزدەۋاتقان مۇشرىكلەرنىڭ كۆزلىرىدىن يۇشۇرۇنۇش
ئۈچۈن غارغا مۇكۇنگەن، مۇشرىكلەر ئۇلارنى ئىزدەپ غارنىڭ ئېغىزىغىچە يىتىپ
كەلگەن. بۇ ۋاقتتا ئەبۇ بەكرى ئەمدى تۇگەشتۇق دەپ ئويلاپ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامغ: ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى قەدىمىنىڭ ئاستىغا قارايدىغان بولسا
بىزنى كۆرۈپ قالىدۇ، دېگەندە پەرۋەردىگارىنىڭ دۈشمەنلەرگە تاپشۇرۇپ
بەرمەيدىغانلىقنى جەزملەشتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ھىمايىسىگە چىن ئىشەنگەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئى ئەبۇ بەكرى! ئاللاھ ئۈچىنچىسى بولغان ئىككى
كىشىگە گومانىڭ نېمە؟" دەيدۇ. [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

  
ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبىرى بىلەن بىللە ئىدى، ئۇنىڭغا ياردەم بېرەتتى ۋە
ئۇنى ھىمايە قىلاتتى: «ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم
قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم
قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن ) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى.
ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمرا ئىدى. ئەينى
زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللا) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن،
ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى
پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان)
قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ
سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە
تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». (سۈرە
تەۋبە 40- ئايەت).

  
ئاللاھنىڭ رەھمەت - ئىنايىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن مانا
مۇشۇنداق قۇتۇلۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە تەرىپىگە قايتا يۈزلىنىدۇ.

  
ئەمما قۇرەيشلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش پەيلىدىن يانمايدۇ
ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھىبىنى ئۆلتۈرگەنلەرگە
مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەرەب قەبىلىلىرىگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىدۇ
لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ساھىبى ئاللاھنىڭ ھىمايىسى
ئىچىدە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

     
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇدەيد دېگەن جايغا كەلگەندە سۇراقە ئىبنى مالىك
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىدۇ. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
مۇنداق دەيدۇ: بىز تۈزلەڭ، قاتتىق بىر زېمىندا كېتىۋاتقاندا سۇراقە ئىبنى
مالىك ئارقىمىزدىن يىتىپ كەلگەن بولۇپ، مەن: يا رەسۇلۇللاھ، ئارقىمىزدىن
بىرسى كېلىۋاتىدۇ، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "غەم قىلمىغىن، ئاللاھ
بىز بىلەن بىللىدۇر" دېگەن ۋە ئۇنىڭغا بەد دۇئا قىلغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ
ئېتى قورسىقىغىچىلىك پېتىپ قالغان.

  
ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سۇراقە ئىبنى مالىكنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋېتىپ پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم ۋەھالەنكى ئۇ ھېچ
بىر تەرەپكە قارىمايتتى، ئەبۇ بەكرى بولسا ئەتراپقا كۆپ قارايتتى، بۇ
ئارىدا ئېتىمنىڭ ئىككى پۇتى زېمىنغا تىزىغىچىلىك پېتىپ قالدى، مەن دەرھال
ئاتتىن چۈشۈپ، ئاتنى قۇپۇرۇشقا تىرىشتىم لېكىن ئات پۇتىنى زادىلا
چىقىرالمىدى.. كېيىن ئات ئورنىدىن تۇرغان ۋاقتىدا ئاتنىڭ پۈتى پېتىپ قالغان
ئورۇندىن ئاسمانغا تۈتۈنگە ئوخشىغان قۇيۇن كۆتۈرۈلدى.

  
سۇراقە ئىبنى مالىك: مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ماڭا بەد دۇئا قىلغىنىڭلارنى
بىلىمەن، مەن ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار، ئارقاڭلاردىن قوغلاپ
كەلگەنلەرنى ئارقىسىغا قايتۇرۇشقا مەن كېپىللىك قىلىمەن، دېگەندە پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇراقە نىجاتلىققا
ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەنلەرگە: بۇ تەرەپكە
بارمىساڭلارمۇ بولىدۇ، مەن بېرىپ كەلدىم، دەپ ئۇلارنى ئارقىسىغا قايتۇرىدۇ.

  
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: كۈننىڭ ئەۋۋىلىدە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىنكار
قىلغان سۇراقە ئىبنى مالىك كۈننىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەرگە خىزمەت قىلغان،
دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].

  
مەككە مۇشرىكلىرى بەدرى ئۇرۇشىدىن مەغلۇپ بولغان ھالدا قايتقاندىن كېيىن
ئۆمەير ئىبنى ۋەھب ھىجرىنىڭ ئىچىدە مەيۈسلەنگەن ھالدا ئولتۇرغان سەفۋان
ئىبنى ئۇمەييىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، سەفۋان: بەدرىدە ئادەملىرىمىز
ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن تۇرمۇشىمىزدا ياخشىلىق قالمىدى، دەيدۇ.

 
ئۆمەير: توغرا، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلاردىن كېيىن ھايات
ياشىغىنىمىزدا ھېچقانداق خەيرىيەت يوق، ئەگەر ئادا قىلالمىغان قەرزىمنى ۋە
بالىلىرىمنى دېمىسەم مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن
ئۆلتۈرىۋېتەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئېسىر ئېلىنغان ئوغلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن
ئۇنىڭ يېنىغا كىرىشىمگە چوڭ بىر پۇرسەت بار ئىدى، دەيدۇ.

   
ئۆمەيرنىڭ بۇ جۈرئەت ۋە پىلانىدىن خۇرسەن بولغان سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە
ئۇنى پىلانىنى تىزراق ئىجرا قىلىشقا قىزىقتۇرۇپ: قەرزىڭنى مەن تۈلىۋىتىمەن،
ئائىلەڭنىڭ پۈتۈن خىراجىتىنى مەن بېرىمەن، بۇ ھەقتە سەن خاتىرجەم بولغىن،
دەيدۇ.

  
بۇ كىلىشىملەردىن كېيىن سەفۋان ئۇنى ياخشى جابدۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن زەھەردە
سۇغۇرۇلغان مەخسۇس قىلىچ سوقتۇرۇپ مەدىنىگە يولغا سالىدۇ. ئۇ يولغا چىقىش
ئالدىدا سەفۋانغا: خەۋىرىمنى بىر قانچە كۈن يۇشۇرۇپ تۇرغىن، دەيدۇ.

  
ئۆمەير مەدىنىگە كېلىپ، مەسجىد ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئېتىدىن چۈشۈپ، ئۇنى
باغلاپ قويۇپ، قىلىچىنى ئېلىپ، رەسۇلۇللاھ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ، بىر
تۈركۈم ئەنسارلار بىلەن ئۇنى نېرىدىن كۈزۈتۈپ تۇرغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ دەرھال پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىپ: يار رەسۇلۇللاھ، ئۇ
ئىشەنچسىز ئادەمدۇر، دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام: ئۇنى يېنىمغا
كىرگۈزۋەتكىن" دەيدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ چىقىپ، ساھابىلارنى
پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كىرىپ، ئۇنى ئۆمەيردىن مۇداپىئە قىلىشقا بۇيرۇيدۇ،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئۆمەير بىلەن ئۆمەر بىرگە كىرىدۇ،
ۋاھالەنكى، ئۆمەير قىلىچىنى بىرگە ئېلىپ كىرگەنىدى، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: "سەن كېيىن تۇر" دەيدۇ.

  
ئۆمەير يېقىنلاشقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: ئى ئۆمەير،
مەدىنىگە نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭ؟ دەيدۇ. ئۆمەير: سىلەر تۇتۇپ تۇرىۋاتقان
ئەسىرنىڭ ئىشى ئۈچۈن كەلدىم، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسسالام: بوينۇڭدىكى قىلىچچۇ؟ دەيدۇ. ئۆمەير: ھېچ
نەرسىگە ئەسقاتمىغان بۇ قىلىچلەرنىڭ ھالىغا ۋاي، مەن ئاتتىن چۈشكەندە ئۇنى
بوينۇمدىن ئېلىۋېتىشنى ئونتۇم قاپتىمەن، دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئۆمەير، ماڭا راستىڭنى ئېيت، مەدىنىگە نېمە
ئىش بىلەن كەلدىڭ، دەيدۇ. ئۆمەير: پەقەت ئەسىرنىڭ ئىشى ئۈچۈنلا كەلدىم،
دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "ھىجرىنىڭ ئىچىدە سەفۋان بىلەن نېمىلەر
ھەققىدە كېلىشىم تۈزدۈڭ" دېگەن سۆزىدىن چۇچۇپ كەتكەن ئۆمەير: مەن ئۇنىڭ
بىلەن قانداق كېلىشىم تۈزۈپتىمەن؟ دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سەن مېنى ئۆلتۈرشنى ئۈستۈڭگە ئالدىڭ، سەفۋان
قەرىزلىرىنىڭنى تۆلەپ قۇيۇشنى ۋە ئائىلەڭنىڭ خىراجىتىنى ئۈستىگە ئالدى، دەپ
جاۋاپ بېرىدۇ.

  
ئۆمەير: ئاللاھدىن باش ئىلاھ يوق، سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ، گۇۋاھلىق
بېرىمەن. يا رەسۇلۇللاھ، بىز ھەقىقەتەن ساڭا ۋە ساڭا نازىل بولغان ۋەھيىگە
ئىنكار قىلغانىدۇق، سەفۋان بىلەن بۇ گەپلەرنى دېيىشكەن ۋاقتىمىزدا
ھىجرىنىڭ ئىچىدە ئىككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوقىدى، ئاللاھ بۇنى ساڭا خەۋەر
قىلىپ قويۇپتۇ، بۇ ئارقىلىق مېنى ئىسلامغا نائىل قىلغان ئاللاھقا چەڭسىز
ھەمدۇ ئېيتىمەن، دەيدۇ.

  
ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن مۇسۇلمانلار خۇرسەن بولىشىدۇ، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ساھابىلەرگە: "قېرىندىشىڭلارغ قۇرئاننى ئۈگۈتۇپ قويۇڭلار"
دەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنى قويۇپ بېرىدۇ. ئۆمەير: ئى رەسۇلۇللاھ، ماڭا ئىزنى
بەرگىن، مەن قۇرەيشلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلاي،
ئاللاھ ئۇلارنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلسا ئەچەب ئەمەس، دەيدۇ. ئاندىن ئۆمەير
قۇرەيشلەرنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدۇ ۋە يولدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر مۇسۇلمان بولىدۇ.

  
ئاللاھ پەيغەمبىرىنى ئۆمەير ۋە سەفۋانلارنىڭ ھېلە – مىكىرلىرىدىن مانا
مۇشۇنداق قۇتۇلدۇرىدۇ. ئۆمەير بۇ كاتتا مۆجىزە ئالدىدا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامنڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە، ئۇنى ھىمايە قىلغان
پەرۋەردىگارنىڭ يەككە – يىگانە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشتىن باشقا يول
تاپالمايدۇ.

  
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرىنى ھېمايە قىلغان سۈرەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن بىر
يەھۇدى ئايالنىڭ قوي گۆشىنى زەھەرلەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى قىسسەدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيبەرگە
بارغاندا خەيبەرلىك بىر يەھۇدى ئايال بىر قوينى پۇشۇرۇپ، زەھەرلەپ، ئۇنىڭ
ئالدىغا ئەۋەتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوينىڭ بىر پاچىقىنى ئېلىپ
يېيىشكە باشلايدۇ، ساھابىلەرمۇ گۆشقا تۇتۇش قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "قولۇڭلارنى يىغىڭلار. چۈنكى بۇ گۆش ماڭا زەھەرلەنگەنلىكىنى
خەۋەر قىلدى" دەيدۇ.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ئۇ ئايالنى چاقىرتىپ كېلىپ: "بۇ گۆشقا زەھەر
سالدىڭىزمۇ؟ دەيدۇ. ئۇ ئايال: سىزگە كىم خەۋەر قىلدى؟ دەيدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: "قولۇمدىكى بۇ پاچاق خەۋەر قىلدى" دېگەندە، ئۇ ئايال: ھەئە،
زەھەر سالدىم، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "نېمە ئۈچۈن" دېگەندە، ئۇ
ئايال: ئەگەر ئۇ پەيغەمبەر بولسا بۇ ئۇنىڭغا ھەرگىز زىيان قىلمايدۇ، ئەگەر
پەيغەمبەر بولمىغان بولسا ئۇنىڭدىن بىراقلا قۇتۇلىمىز، دېگەنىدىم، دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا جازا بەرمەستىن ئۇنى
كەچۈرۈم قىلىدۇ.

  
بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كېلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئۇ ئايالدىن "نېمە ئۈچۈن؟" دەپ سورىغاندا ئۇ ئايال: سېنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت
قىلغانىدىم، دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھ سېنى مېنى
ئۆلتۈرۈشۈڭگە نېسىپ قىلمايتتى"، دېگەن.

  
ئىمام نەۋەۋى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئاللاھ
سېنى مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭگە نېسىپ قىلمايتتى"، دېگەن سۆزى ئاللاھ تائالانىڭ:
«ئاللاھ سىېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ» دېگىنىدەك، ئۇ زاتنىڭ
بارلىق كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىدىغانلىقىنىڭ بايانى بولغان،
شۇنىڭدەك بۇ ھەدىستە ئاللاھ تائالانىڭ گۆشنىڭ بىر پارچىسىنى سۆزلىتىش
ئارقىلىق ئۇ زاتقا گۆشنىڭ زەھەرلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلىش بار بولۇپ،  بۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كاتتا مۆجىزىسى ھېسابلىنىدۇ، دەيدۇ.

  
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە نەجدى تەرىپىگە غازاتقا چىققانىدىم،
بىز قايتىشىمىزدا بىر ئاز ئارام ئېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىر ئورمانلىققا
چۈشكەنىدۇق، ھەر كىشى ئۆزى خالىغان دەرەخنىڭ تۈۋىگە بېرىپ ئارام ئېلىشقا
باشلىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بىر دەرەخنىڭ ئاستىدىن ئورۇن تۇتۇپ،
قىلىچىنى دەرەخنىڭ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ ئارام ئېلىشقا باشلىغان، بىز سەپەردە
چارچىغانلىقىمىز ئۈچۈن يېتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمىز، بىر ۋاقىتتا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام بىزنى چاقىردى، بىز يۈگۈرۈشۈپ كەلسەك، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسسالامىڭ يېنىدا بىر ئەرابىي ئولتۇرۇپتۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ: "مەن ئۇخلاپ قالغاندا ئۇ قىلىچىمنى ئېلىپ قىنىدىن
چىقىرىپ: سېنى مەندىن كىم قوغدىيالايدۇ؟، دېدى. مەن: "ئاللاھ، دەپ جاۋاپ
بەردىم، دېگەن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى جازالىماستىن قويۇپ
بەرگەن.

  
ئىمام ئەھمەدنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كېلىدۇ: ئۇ ئەرابىي يالىڭاچلانغان
قىلىچنى كۆتۈرگەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كېلىپ: سېنى
مەندىن كىم قوغدىيالايدۇ؟، دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھ"
دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قولىدىكى قىلىچ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام دەرھال قىلىچنى قولىغا ئېلىپ: " ئەمدى سېنى مەندىن كىم
قوغدىيالايدۇ؟" دېگەن. ئەرابىي: ياخشىلىق قىلىشىڭىزنى ئۆتىنىمەن، دېگەن.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، دەپ گۇۋاھلىق
بېرەمسىز؟" دېگەندە، ئۇ ئەرابىي: ياق، لېكىن مەن سىزگە ۋەدە بېرىمەنكى،
ھەرگىز سىزگە قارشى ئۇرۇش قىلمايمەن ۋە سىزگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلار
بىلەنمۇ بىرگە بولمايمەن، دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى
قۇيۇپ بېرىدۇ. ئۇ قەۋمىنىڭ يېنىغا بېرىپ: مەن سېلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەڭ
ياخشى كىشىنىڭ قېشىدىن كەلدىم، دەيدۇ.

 [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

  
بۇ ھەدىستە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ تۈرلۈك دەلىللىرى
بار بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى
بىلەن سۇباتلىق بولغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئەرابىينىڭ
ئۆلتۈرۈۋېتىشىدن ھېمايە قىلغانلىقى قاتارلىقلار ئۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

  
ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى پەرىشتىلەر بىلەن
كۆچلەندۈرگەنلىىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئىبنى ئىسھاقنىڭ رىۋايىتىدە
مۇنداق كەلگەن: جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ھېلىقى مۇشرىكنىڭ مەيدىسىگە ئۇرغان
سەۋەبتىن ئۇنىڭ قىلىچى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.

  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان بۇ
ئەرابىينى كەچۈرۈم قىلىشى پەقەت ئۇ زاتنىڭ پەيغەمبەرلىك ئەخلاقىدىن بولغان.
ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردە كىممۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئورۇنغان
رەقىبىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلالىسۇن؟! بۇ ئەرابىي قەۋمنىڭ يېنىغا
كەلگەندە: مەن سېلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەڭ ياخشى كىشىنىڭ قېشىدىن كەلدىم، دەپ
ھەقىقەتەن راست ئېيتقان!

  
«ئاللاھ بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قوغداشقا ۋە ئۇنىڭغا
ياردەم بېرىشكە) يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سېنى ئاللاھدىن باشقا مەبۇدلار
بىلەن قورقۇتىدۇ، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى ھېچ ھىدايەت قىلغۇچى
بولمايدۇ». (سۈرە زۇمەر 36- ئايەت).

  
مانا بۇ ۋەقەلىكلەر ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياخشى
قوغدىغانلىقىنى، قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبەر
ئىكەنلىكىنىڭ كۈچلۈك شاھىدلىرىدۇر.