رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

 پەيغەمغەر ئەلەيھىسسالام ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ (2)

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! بۇ تىمىنىڭ بىرىنجى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنغان ۋە سىز ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلىرىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن سىلەرگە ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۇنىمەن.1-ياشلارى قەدىرلەش:
قەدىرلەشنىڭ ئىنساننىڭ كۆڭلىگە بولۇپمۇ ياشلارنىڭ كۆڭلىگە چوڭ تەسىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇسۇلمان ياشلارنى كۆپ مەدھىيىلەيتتى. بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: "دۇنيانى ۋە ھاۋايى ھەۋىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن تەرك ئەتكەن، ياشلىقىنى ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش يولىدا تۈگەتكەن ياشقا ئاللاھ يەتمىش ئىككى سىددىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ."رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: "خالايىقلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا ئەڭ ياقىدىغىنى يېشى كىچىك، چىرايلىق ياش بولۇپ، ياشلىقىنى ۋە چىرايلىقلىقىنى ئاللاھ ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە ئىشلەتكەن ياشتۇر. ئاللاھ تائالا ئۇ ياش بىلەن پەرىشتىلىرى ئالدىدا پەخرىلىنىپ: "مېنىڭ ھەقىقىي بەندەم مانا مۇشۇ" دەيدۇ."رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دەيدۇ: "كىچىكلىكىدە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ياشنىڭ، يېشى چوڭۇپ قالغاندىن كېيىن ئىبادەتكە باشلىغانلاردىن ئارتۇقلىقى خۇددى پەيغەمبەرلەنىڭ باشقا ئىنسانلاردىن ئارتۇقلىقىغا ئوخشايدۇ."رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارنى مەدھىيىلىشى ۋە ئۇلارنى قەدىرلىشى ياشلارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدا توپلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. مەزكۇر ياشلار دەۋەتنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ئىسلامنىڭ ھەر قايسى رايونلارغا تىز تارقىلىشىدا پائال يول ئالغان. ياشلار تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، ئۇممەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ سىررى، ۋە جەمئىيەتنىڭ كۈچىدۇر. چۈنكى ياشلار كۈچ ـ قۇۋۋەت باسقۇچىدا بولۇپ، ئىشلەپ چىقىرىش كۈچىگە ئىگە، قۇربان بېرىش ۋە پىدا بولۇشقا تەيياردۇر.جەمئىەتنى ئىسلاھ قىلماقچى ۋە ئۆزگەرتمەكچى بولغان ھەر قانداق رەھبەر، لىدېر ۋە داھىينىڭ ئالدى بىلەن ياشلارنى قازىنىشى، ياشلارنى ئىسلامغا خىزمەت قىلىش ۋە ئۇممەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەشكە قايىل قىلىشى لازىم.

2- ياشلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىش:
ياراملىق كىشى بولۇپ يېتىشش ۋە غەلىبە قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ئاساس ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەرجىمىھالىنى ئوقۇغان كىشى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە ئىشەنچ پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا چوڭ ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان ۋە ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرگەندۇر.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا چوڭ ۋە مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر نەچچە مىسال كەلتۈرىمىز:

1- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلامغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن بىرىنچى تەبلىغچى – مەدىنىگە ئەۋەتكەن ھەزرىتى مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىدى. ئۇ چاغدا مۇسئەب ياشلىقىنىڭ باھارىدىكى بىر يىگىت ئىدى. ھەزرىتى مۇسئەب يېشىنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماي مەدىنىدە نۇرغۇنلىغان كىشىنى ئىسلامنى قوبۇل قىلىشقا قايىل قىلالىغان. شۇنىڭ بىلەن مەدىنە ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىسلام شەھىرى بولغاندۇر.

2-مەككە فەتھى قىلىنىپ ئازغىنە مۇددەتتىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۈشمەن بىلەن يۈزمۇيۈز ئېلىشىش ئۈچۈن ئەسكەر تارتىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگىچە مەككىنىڭ ئىدارىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بىرىنى تەيىنلەش لازىم ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىن يېشى تېخى 21 دىن ئاشمىغان بىر ياشنى مەككە مۇكەررەمەگە باشلىق قىلدى. ئۇ ياش بولسا ئىتاب ئىبنى ئۇسەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يوقلىقىدا مەككە خەلقىنى ئىدارە قىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىتاب ئىبنى ئۇسەيدنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەككىدە كىشىلەرگە ئىمام بولغان بىرىنچى ئەمىر بولدى.

3- رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە رىملىقلارغا قارشى بىر قوشۇن تەييارلىغان. ئۇ قوشۇندا مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن كاتتا ساھابىلار، ھەربى قۇماندانلار ئەينى ۋاقتىدىكى يۇرت چوڭلىرى بار ئىدى. بۇنداق چوڭ قوشۇننىڭ قۇماندانىمۇ شانلىق، ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك كىشى بولۇشى كېرەك ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ چوڭ ۋەزىپە ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ ئىچىدىن بىرىنى باش قۇماندان تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا قوشۇننىڭ بايرىقىنى تاپشۇردى. ئەجەبا ئۇ بايراقنى كىمگە تاپشۇردى دەيسىلەر؟!

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى چاقىردى، ئۇنى قوشۇننىڭ باش قۇماندانى قىلىپ، بايراقنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. ئۇ چاغدا ئۇسامە تېخى 18 ياش ئىدى. تارىختا ئەڭ چوڭ دۆلەت بولغان رىم ئىمپىراتورلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان، بۈتۈن كاتتا ساھابىلار ئىچىدە بولغان چوڭ قوشۇن 18 ياشلىق بالىغا بويسۇنۇپ جەڭ قىلىشقا بەيئەت قىلدى. چۈنكى ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەيىنلىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارنى تاللىشىدىكى ئاساسلىق شەرتنىڭ ئۇ ياشلارنىڭ يېتەرلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىدە ئىشنى لاياقەتلىك كىشىگە بېرىشنىڭ لازىملىقى ئوچۇق ئىپادىلەنگەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تاللىغان ياشلار لاياقەتلىك، مەزكۇر ئىشلار ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەرگە، ئەقىل، پىكىر، ئىمان، ئىلىم، ئەخلاق، ھۇشيار ۋە تەدبىر قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە ئىدى.

بۇ تارىخى نەمۇنىلەردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قانداق يېتىشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا قانداق چوڭ ۋە خەتەرلىك ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغانلىقىنى ۋە ئۇ ياشلارنىڭمۇ تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى ئەڭ ئالى دەرىجىدە ئادا قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغانلىقىنى، ئىسلامنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارىلىشىدا ياشلارنىڭ رولىنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى كۆرىمىز.

كۈنىمىزدىكى ياشلىرىمىزنىڭمۇ سائادەت ئەسرىدىكى ياشلارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ، دىنىمىزگە خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئادا قىلىشقا تىرىشىشىنى ۋە ئۆلىمالىرىمىزنىڭمۇ ياشلىرىمىزنىڭ تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھ تائالادىن مۇۋەپپەقىيەتلىك تىلەپ نۇرىلەم ياسىن.