قوشنىلارنىڭ ھەققى ۋە ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش توغرىسىدا 4/306 - ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشناڭلارغا قوينىڭ پاچىغىچىلىك نەرسىنى سۇنۇش بىلەن بولسىمۇ قوشنىدارچىلىق قىلىشىنى كىچىك سانىماڭلار«. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]