سىز ئىھرام باغلىغاندا،بىر قانچە ئىشلاردىن يىراقلىشىشىڭىز كىرەك.چەكلەنگەن ئىشلار سىزگە تىجارىتىڭىزنى ياكى ۋەزىپىڭىزنى ياكى ئىجتىمائىي ئورنىڭىزنى ياكى مەنسىپىڭىزنى ياكى ئابرويىڭىزنى...ئ
ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىچە:
* ئۆتمۈشتىكى خۇرسەنلىك ۋاقىت ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن خۇشپۇراق ئىشلەتمەڭ ۋە ئەتىر پۇرىماڭ. چۈنكى سىز روھ پۇراق چىچىۋاتقان يىڭى مۇھىتتا،شۇڭا سىز دوستلۇق ۋە مۇھەببەت پۇرىقىدىن باشقا نەرسىنى پۇرىماڭ.
* ھايۋان ياكى ھاشارەت چاغلىق نەرسىگە زىيانكەشلىك قىلماڭ،بارلىق ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ئاللاھغا يۈزلەنگەن ھالدا تىنچ ياشاڭ.
* ئۆسۈملۈك ياكى بىرەر تال گۈل ياكى دەرەخ شىخىنى ئۈزمەڭ، ھەر قانداق بىر نەرسىگە رەھىمدىل بولۇڭ، قەلبىڭىزدىن تاجاۋۇز قىلىش ۋە دۈشمەنلىك قىلىش تۇيغۇسىنى چىقىرىپ تاشلاڭ، كۆڭلىڭىزدىن يامانلىق ۋە زىيانكەشلىك قىلىش ئامىللىرىنى يۇلۇپ تاشلاڭ.
* باشقىلارغا رەھىمدىل ۋە كۆيۈمچان بولۇشىڭىز ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ھىچ قانداق بىر ھايۋاننى ئوۋلاپ سالماڭ، ئوۋلانغان ھايۋاننىڭ گۆشى سىزگە تەقدىم قىلىنسا يىمەڭ.
* جىنسى مۇناسىۋەت ياكى كۆڭۈل شەھۋىتىگە ئالاقىدار ھەر قانداق ئىشتىن ساقلىنىڭ..ھەقىقى
* ئىھرام باغلىغان ھالىتىڭىزدە توي قىلماڭ ياكى باشقىلارنىڭمۇ تويىنى قىلىپ قويماڭ، توي مۇراسىمىغىمۇ قاتناشماڭ.
* ئاغزىڭىدىن ھەرگىز بۇزۇق سۆز، رەزىل گەپ، تىللاش، ھاقارەتلەش، لەنەت قىلىش،قاغاش، يامان كۆرۈشكە ئالاقىدار سۆزلەر ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنى قەتئىي قىلىپ سالماڭ.
* يىپ بىلەن تىكىلگەن كىيىملەرنى كەيمەڭ، كىيىمىڭىزنىڭ ھەممىسى تىكىلمىگەن كىيىم بولسۇن. لىكىن پۇل قاپچۇقى بولسا رۇخسەت.
* بىىشىڭىزنى-ئەرل
* يۈزىڭىزنى-ئايال
* ئاياغ ياكى پايپاق كەيمەڭ.
* زىننەتلىنىشنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئىستىمال قىلماڭ.
* بىشىڭىزنى چۈشۈرمەڭ.
* تىماقلىرىڭىزنى ئالماڭ.
ھەج پائالىيىتى ئەمەلىي باشلاندى!.. ئاللاھ تەرەپكە ئالدىراڭ... لەببەي دەڭ. ئاللاھ سىزنى ھەج قىلىش ئۈچۈن چاقىردى، سىز مانا بۇ يەردە ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ كەلدىڭىز،شۇڭا سىز ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىش ھالىتىدە تۇرۇشىڭىز كىرەك.
"لبيك اﷲم لبيك، لبيك لاشريك لك لبيك،ۈن الچمد والنىمە لك، والملك لك،لاشريك لك"
"يەنى مەن تەييار ئى ئاللاھ!مەن تەييار، مەن تەييار،سىنىڭ ھىچ شىرىكىڭ يوق،بارلىق ھەمدۇ سانا،نىمەت ۋە پادىشاھلىق پەقەت ساڭا خاستۇر،سىنىڭ ھىچ شىرىكىڭ يوقتۇر"
كىشلەرنىڭ:"لەببە
ھەر بىر ھاجىم ئۆز ئورنىدىن ھەممىدىن بۈيۈك ئاللاھغا خىتاب قىلىدۇ...
ئى ئىنسان! سەن ئۆزۈڭ تۇرۇۋاتقان ئورنۇڭنى ئويلاپ باق، خۇددى سەن ماگىنىتلىق مەيداندىكى تۆمۈرگە ئوخشاش ماگنىتقا تارتىلىپ تۇرۇپسەن.
سەن ھازىر كەئبىگە يىقىنلىشىۋاتىسە
سەن كەئبىگە يىقىنلاشقانسىرى
ئاللاھنىڭ روھى ھەممە ئورۇننى توشتۇرۇپ تۇرىدۇ، سەن ياشلىرىڭنى توسۇپ قالالماي قالىسەن.
مانا بۇ ئاللاھنىڭ بەيتى، مانا ھەرەم مەسجىدى،سەن بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ساڭا بويۇن تومۇرىڭدىنمۇ يىقىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايسەن..ئالل
ئاللاھنىڭ ئۆزىلا ھەق،ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق ساختا ئىلاھلار ۋە ئازدۇرغۇچى ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر.
(2)
سىز ھەج پائالىيەتلىرى ئارقىلىق سەپىرىڭىزنى باشلىغان چاغدا، ئۆزىڭىزدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىشقا باشلايسىز..سىز بىر يۆلۈنۈشتە-يەنى ئاللاھ يولىدا-مىڭىشقا مەجبۇر، بۇ يولدىن بۇرۇلۇپ كىتەلمەيسىز.
سىز پەقەت ئالدىغا قاراپ ماڭالايسىز، كائىناتنىڭ ھەممىسى سىزگە سوقۇۋاتقان يۈرەكتەك كۆرۈنىدۇ، ئاللاھ تائالا كائىناتنىڭ بارلىق تەرەپلىرىدە كۆرۈنىدۇ.
ھازىر ھەرەم زىمىنىدىكى كەئبىنىڭ يىنىغا كىرىۋاتىسىز،خات
تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بۇ قائىدە ۋە بەلگىلىمىلەر مەككە فەتھى بولغان ۋە بۇتلاردىن تازىلانغان يىلى بەلگىلەنگەن.شۇن
كەئبىنىڭ يىنىغا كىلىشىڭىز بىلەن تەڭ لەببەيك نىداسى توختايدۇ ۋە جىمجىتلىق باسىدۇ..مانا بۇ سىنىڭ كەئبىگە يىتىپ كەلگەنلىكىڭنىڭ بەلگىسى،سەن بۇ يەردە بەيتۇللاھنىڭ ئىگىسى،رەھىمدىل
ھەممەيلەن جىمجىتلىق ۋە سۇكۇتلۇق ئىچىدە،لىكىن ھەممەيلەننىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئوتلىرى يالقۇنلاپ تۇرىدۇ.
مەككە شەھىرى ھەر تەرىپىدىن تاغلار قورشاپ تۇرغان كەڭرى ئىدىرلىققا ئوخشاش كىتىدۇ،ھەممە كوچىلار بەيتۇللاھغا تۇتىشىدۇ.تاغ باغرىدىن چۈشۈۋاتقان رەتلىك كارۋاننىڭ ئاق ئۆستەڭ سۈيلىرىگە ئوخشاش ھەرەم مەسجىدىگە قۇيۇلىۋاتقانلىق
بۇ كۆرۈنۈش سىزگە ئىنساننىڭ ئاقىۋىتىنى ئەسلىتىدۇ،بۇ كۆرۈنۈش ئىنساننىڭ زىمىن تەرەپكە چۈشىدىغانلىقى (يەنى دەپنە قىلىنىدىغانلىقى
كەئبە ئۇ قىبلە. كەمتەرلىك، ئىتائەت ۋە قورقۇش سىزنى شەرەپ ۋە ھۆرمەتكە ئىگە قىلىدىغان بىردىن بىر يول. يەنى سىز ھۆرمەت ۋە شەرەپ يولىنى پەلسەپە ۋە مىتافىزىكىدىن ئىزدەپ يۈرمەڭ دىگەنلىكتۇر.
شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى،سىز ئاللاھ بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئۈچۈن چوقۇم توغرا ھىدايەت يولىنى مىڭىشىڭىز لازىم،ئۆزىڭىزنى
(3)
سىز كەئبىگە يىقىنلاشقانسىرى
كەئبىنى كۆرۈپ تىنىقىڭىزنى ئالالمىغىلى تاسلا قالىسىز...يۈرىكى
ئاق ئۆستەڭ ئارىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ بىر تامچە ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ،ئۆزىڭىزنى
ئۇشتۇمتۇت كەئبە كۆز ئالدىڭىزدا كۆرۈنىدۇ.
كەئبە دىگەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىدا يۈزلىنىدىغان قىبلىسى.كەئبە ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇدلىقى، ئىمانى، مۇھەببىتى ۋە ھاياتىنىڭ مەركىزى.كەئبە ئۆلۈمدىن ئىلگىرى سەكرات لەھزىلىرىدىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى. ئۆلگەندىن كىيىنمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى، چۈنكى مۇسۇلمانلار بەدەنلىرىنى قىبلە تەرەپكە قارىتىپ دەپنە قىلىنىدۇ..
ظعسلام ظاؤازع تور بئتع
2007- 10- 30 معلادعية
1428-شةؤؤال- 19 هعجرعية