بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا يارىدەم بېرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ھازىرلىق قىلىشۋېلىشى ۋە قىيامەت ئۈچۈن ئوزۇق تەييارلىۋېلىشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى كۆپلەپ ساۋابقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئاكتىپچانلىقىنى
- بۇ تائەت مەۋسۇمىدىن پايدىلىنىپ، ئاجىزلىقلىرىمىز
- مۇسۇلمان ھامان ئۆمرىنىڭ قەدرىنى، ھاياتىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى، پەرۋەردىگارىغا كۆپلەپ ئىبادەت قىلىشى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سەن ئۆزەڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا
بۇ بۈيۈك تائەت مەۋسۇملىرىنىڭ بىرى زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ كۈنلەرنى يىلنىڭ باشقا بارلىق كۈنلىرىدىن پەزىلەتلىك قىلدى. ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
يۇقىرىدىكى ۋە باشقا دەلىللەرنىڭ ھەممىسى بۇ ئون كۈننىڭ يىلنىڭ باشقا بارلىق كۈنلىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئەمما رامىزاننىڭ ئاخرىدىكى ئون كۈنمۇ قەدىر كېچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئەۋزەلدۇر.
بۇ ئاينىڭ پەزىلىتى نۇرغۇن ئىشلاردا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالا بۇ كۈنلەر بىلەن قەسەم قىلغان: بىر نەرسنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى بىلەن قەسەمكى..."
ئىككىنچى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ
ئۈچىنچى: ئومۇمىي دۇنيا ئەھلى ئۈچۈن ۋاقتىنىڭ شەرىپى، ئاللاھنىڭ بەيتىنى ھەج قىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ماكاننىڭ شەرىپى ئېتىبارى بىلەن ئۇ كۈنلەردە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.
تۆتىنچى: بۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇسانا ۋە تەكبىرلەرنى كۆپلەپ ئېيتىشقا بۇيرۇلغان: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
بەشىنچى: بۇ ئون كۈن ئىچىدە ئاللاھ تائالا دىنىنى تاماملىغان ئولۇغ ئەرەفات كۈنى بار. بۇنىڭدا يەنە يىلنىڭ مۇتلەق ھالدىكى ئولۇغ كۈنى بولغان قۇربانلىق كۈنىمۇ بار؛ بۇ كۈن ـ باشقا چاغدا بىر ئارىغا كەلمەيدىغان ئىبادەت ۋە تائەتلەر بىر ئارىغا كىلىدىغان چوڭ ھەج كۈنىدۇر.
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ئىنايىتى بىلەن ھەر بىرىمىزگە سوۋغا قىلىنغان زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنى چىڭ تۇتايلى! بۇ كۈننىڭ قەدرىنى ھەققىي تەقۋا ۋە سالىھ كىشىلەر كەبى قەدىرلەشكە تىرىشايلى! بۇ كۈننى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بۇيرىغان تۆۋەندىكى ئىشلارنى قەتئىي چىڭ تۇتۇشقا بارلىقىمىز بىلەن كۈچ چىقىرايلى!
بىرىنچى: رۇزا تۇتۇش
مۇسۇلمان كىشىنىڭ زۇلھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى رۇزا تۇتۇشى سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئون كۈن ئىچىدە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا بۇيرىغان. رۇزا بولسا ئەمەللەرنىڭ ياخشىلىرى قاتارىدىن سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەدىسى قۇددىسىدا روزىنىڭ ئەجرىنى ئۆزى بېرىدىغانلىقىنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ تۇققۇزىنچى كۈنى رۇزا تۇتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىمام مۇسلىمدىن رىۋايەت قىلىنغان زۇلھەججىنىڭ 9 ـ كۈنى (ئەرەفات كۈنى) روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدىكى يەنە بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالادىن ئەجىر كۈتۈپ ئەرەفات كۈنى تۇتقان روزا ئۆتكەنكى بىر يىلنىڭ ۋە كېلىدىغان يەنە بىر يىلنىڭ گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ (يەنى گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ)".
ئىككىنچى: تەكبىر ئېيتىش:
بۇ ئون كۈن ئىچىدە تەكبىر، ھەمدۇسانا، زىكىر، تەسبىھ ئېيتىش سۈننەتتۇر. ئاللاھنىڭ ئولۇغلىقىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا بولىدىغان بارلىق جايلاردا ئىمكان بار ئونلۈك ئوقۇش لازىم. يەنى بۇنى ئەرلەر ئاۋازلىق، ئاياللار ئىچىدە ئېلىپ بارىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ـ ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ نىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن" ھەج سۈرىسى، 28 ـ ئايەت.
زامانىمىزغا كەلگەندە تەكبىر ئېيتىش بىر يېتىم قالغان سۈننەتكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۇنى ئۈنلۈك ئېيتىش ئارقىلىق سۈننەتنى ئىھيا قىلىشى ۋە غاپىللارنى ئاگاھلاندۇرىشى لازىم. ئىبنى ئۆمەر ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ زۇلھەججىنىڭ ئون كۈنى ئىچىدە بازارغا چىقىپ تەكبىر ئېيتىدىغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇ ئىككسىگە ئەگىشىدىغانلىقى
سۈننەتنى ئىھيا قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەر بىر مۇسۇلمان ياخشى بىلىدۇ.
ئۈچىنچى: ھەج ۋە ئۆمرىنى ئادا قىلىش:
بۇ ئون كۈندە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بىرى ئاللاھنىڭ بەيتىنى ھەج قىلىش. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بەيتىنى ھەج قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ، تەلەپ قىلىنغان پائالىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلالىغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
تۆتىنچى: ئومۇمەن سالىھ ئەمەللەرنى كۆپ قىلىشقا تىرىشىش:
سالىھ ئەمەللەرنى ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنداق ئەمەللەرگە ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى كاتتا ئەجىر بېرىلىدۇ. ھەج قىلىشقا قادىر بولالمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ كۈنلەردە باشقا كۈنلەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشى، نەپلى ناماز، قۇرئان ئوقۇش، زىكىر، دۇئا، سەدىقە، ئاتا- ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە- رەھىم، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىش لازىم.
بەشىنچى: قۇربانلىق قىلىش:
قۇربانلىق قىلىشمۇ بۇ خۇسۇستىكى ياخشى ئىشلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە سەھىھ ھەدىسلەر بار.
ئالتىنچى: سەمىمىي تەۋبە قىلىش:
بۇ ئون كۈن ئىچىدە ئاللاھ تائالاغا سەمىمىي تەۋبە قىلىپ، بارلىق گۇناھ ۋە مەسىيەتلەرنى تاشلاش تولىمۇ مۇھىم. تەۋبە دېمەك، ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن يېنىپ، ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بىر گۇناھنى سادىر قىلىپ، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلغاندىن كېيىن يەنە تەكرار ئۇنى سادىر قىلىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى ئېغىر گۇناھتۇر.
بىر مۇسۇلمان كىشى گۇناھ ئۆتكۈزگەن ئىكەن دەرھال، كىچىكتۈرمەستىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ۋە ئۇنى تەكرارلىماسلىقى
ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ دىنىمىزنىڭ بەلگۈلىمىلىرىگە