ھەر نەرسىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. قۇياشنىڭمۇ چۈش ۋاقتىدا ئاسماننىڭ دەل ئوتتۇرىغا كەلگەن ۋاقتى ئۇنىڭ كامالىغا يەتكەن ۋاقتى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كۈن پېتىش تەرەپكە ئېگىلىشكە باشلايدۇ. ئادەمنىڭمۇ ئوتتۇرا ياش ۋاقتى قىرانىغا يەتكەن ـ كامالىغا يەتكەن ۋاقتى بولىدۇ.
ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىقنى
ئوتتۇراھاللىق سۆزى ئەرپچىدە «الوسطية (ئەلۋەسەتىيە)» بولۇپ، «ۋەسەت» سۆزىدىن تۆرىلىپ چىققان.
«ۋەسەت» لۇغەتتە مۇنداق ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بىرى: ئىككى زىت نەرسىنىڭ ئوتتۇرۇسى دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: "سېخىلىق ـ بۇزۇپ چېچىش بىلەن پىخسىقلىق ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىسلەت" دېگەنگە ئوخشاش. يەنە بىرى: ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئەۋزەل دېگەن مەنىدە. بۇ سۆز بىر يەرگە ئىشلىتىلسە، ئۇ يەرنىڭ مەركىزى دېگەن بولىدۇ.
"ۋەسەتىيە" ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئىستىلاھىدا، دىنىي ئىشلاردا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن
ئىسلام دىنى ھەر جەھەتتىن ئوتتۇراھاللىق كامالىيىتىگە ئىگە بىر دىن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەقىدە، ئىبادەت، ئەخلاق، مۇئامىلە قاتارلىق ھەممە تەرەپلىرىدە نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئىسلامدىكى ئوتتۇراھاللىق بولسا، رادىكاللىق بىلەن پاسسىپلىقتىن يىراق بولغان بىر كامالىيەتنىڭ ئۇنۋانىدۇر. ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۇممىتىنى ئوتتۇراھال ئۇممەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۇممەت قىلدۇق.»[4] ئوتتۇراھال ئۇممەت بولغانلىق ئەڭ ياخشى ئۇممەت بولغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇ ئۇممەتنى ئەڭ ياخشى ئۇممەت دەپ ئاتاپ مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۇممەت بولدۇڭلار.»[5]
ئىسلامنىڭ ساماۋى دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوتتۇراھاللىقى
ئەقىدىدە:
ئىسلام دىنى ئەدەبسىزلىكتىن ئاللاھ تائالانى ئىنسانغا ئوخشاش سۈپەتلەيدىغان؛ ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسلام بىلەن چېلىشىپ يېڭىلىپ قالغان ەديدىغان؛ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى
ئەخلاقتا:
ئىسلام ئىنسانغا پۈتۈنلەي ياخشىلىق ياكى پۈتۈنلەي يامانلىق ئۇنسۇرى دەپ قارىمايدۇ. بەلكى ئىنسان ياخشىلىق قىلىش ۋە يامانلىق قىلىش قابىلىيىتىگە ئېگە، گۈزەل ئەخلاقىمۇ يامان ـ ناچار قىلىقلىرىمۇ بار كىشى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئىسلام ئىنساننىڭ تەبىئىتىدىكى گۈزەللىكلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، يامانلىققا ئېلىپ بارىدىغان نەپسى شەيتان، ھاۋايى ھەۋەسلىرىنى تىزگىنلەشكە تىرىشىدۇ. مانا مۇشۇ مەنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىندىم»[6] دېگەن.
ئىسلام مۇنداق ئىككىخىل كىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بىرى: كۆرۈنۈشتە ئىبادەتلەرنى ناھايىتى كۆپ قىلىدىغان، ئىشتىنى كالتا، ساقىلى ئۇزۇن، ئەمما ئەخلاقى ناچار، كىشىلەرگە يامان مۇئامىلە قىلىدىغان، ئاللاھتىن قورقمايدىغان، پۇلنى كۆرگەندە ھالال ـ ھارامنى ئىلغىمايدىغان، يالغان سۆزلەشتىن تەپ تارتمايدىغان كىشى. يەنە بىرى: مېنىڭ نىيىتىم ياخشى، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيمەن دەيدىغان، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىسى ياخشى، ئەمما ئىبادەتلەرگە سەل قارايدىغان، ئىبادەتلەرنى تەرك ئېتىشتىن قورقمايدىغان كىشى. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئىسلام نەزىرىدە چوڭ گۇناھكار كىشىلەردۇر. توغرىسى: ئىبادەتلەرنىمۇ ئۆز لايىقىدا قىلىش كېرەك، ئەخلاقىنىمۇ ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن تۈزۈتىشى كېرەك.
ئىسلامنىڭ ئەقىلغا ئەھمىيەت بېرىىشتىكى ئوتتۇراھاللىقى
ئىنسان ئەقلى بىلەن باشقا مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئەقىلنى ھۆرمەتلەيدۇ ـ قەدىرلەيدۇ. ئەقلى يوق ئادەمنى شەرىئەتكە تەكلىپ قىلمايدۇ. ئەقىلنى ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى دەپ تونۇيدۇ. قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتلەردە «ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟
ئىسلامنىڭ ئىبادەتلەرگە بۇيرۇشتىكى ئوتتۇراھاللىقى
ئىسلام دىنى كىشىلەرنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىبادەتلەرگە تەكلىپ قىلمايدۇ. شۇڭا ئىسلام تەكلىپلىرى ئىنساننىڭ تاقىتى ۋە قۇدرىتىگە قاراپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، قايسىبىر سەۋەبلەر بىلەن بۇ تەكلىپلەرنى ئورۇنداشتىن ئاجىز قالغانلارغا رۇخسەت، يېنىكلىتىش ۋە كېچىكتۈرۈش دېگەنگە ئوخشىغان كەڭچىلىكلەرمۇ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن: سەپەردە نامازلارنى قەسر قىلىش، سۇ تېپىلمىغاندا تاھارەتنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىش، قىينىلىپ قالىدىغانلار ئۈچۈن رامىزان روزىسىنى كېچىكتۈرۈش دېگەنگە ئوخشىغان كەڭچىلىك تۈرلىرى بۇنىڭ مىسالى. ئاللاھ تائالانىڭ ]كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار[دېگەن سۆزى بۇ ماۋزۇدا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاساسلىق پىرىنسىپتۇر.
ئىسلامدا يەنە تەركىيدۇنيالىق رەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا بۇيرۇغان ئەمەس. سۇپىزمنىڭ تەننى قىيناشنى ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ ۋەسىلىسى قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت خۇراپاتلىرى، خىرىستىيانلارنى
يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجات قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ. ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ.»[8]
ناماز ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «نامىزىڭدا قىرائەتنى بەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، بەك پەس ئاۋاز بىلەنمۇ ئوقۇمىغىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتقىن.»[9]
دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ھەر ئىككىسىنى قولدىن بەرمەسلىك ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ساڭا بەرگەن مال ـ مۈلك بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تەلەپ قىلغىن، دۇنيادىكى نەسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن.»[10]
يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىمان ئېيتقان زاتلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلسا، ئاللاھنى ياد ئېتىشكە (يەنى جۈمە نامىزىغا) ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم ـسېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارىلىپ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار (يەنى رىزقىڭلارنى تېپىش ئۈچۈن ئىشىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلا
قانۇن ـ تۈزۈم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئىمان ئېيتقان زاتلار! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزەڭلارغا) ھارام قىلىۋالماڭلار. ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن چەكتىن ئاشماڭلار (يەنى ھارامنى ھالا قىلماڭلار)، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ.»[12]
بىزگە ھەم دۇنيالىقىمىزنى ھەم ئاخىرىتىمىزنى تىلەپ دۇئا قىلىشىمىزنى ئۆگىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەي رەببىمىز! بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.»[13]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن بىرەرسىنىڭ ئىسلامنىڭ بىرەر تەرىپىگىلا بېرىلىپ كەتكەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەتتى. بىر كۈنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېچىلىرى ئوخلىماي ناماز ئوقۇپ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇشقا ئادەتلىنىۋالغان
بىر كۈنى ساھابىلەردىن ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىسلامنىڭ ۋەزىپىلەرنى بەلگىلەشتىكى ئوتتۇراھاللىقى
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئىبادەتلەرگە تەكلىپ قىلىشتا، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى ئۆزگىچىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندەك، ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ۋە خۇسۇسىيەتلىرىگە
دىننى قىيىنلاشتۇرماقچ
دىن ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمەت بولۇپ كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن كىشىلەرنىڭ نېسىۋە ئېلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. ھەتتا ئىبادەتلەردىمۇ بۇ رەھمەتنىڭ نامايان قىلىشى كۈتۈلىدۇ. بۇ ماۋزۇنىڭ دەلىلى « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا توغرا كەلسە، گۇناھلا بولمايدىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ ئوڭاي بولغىنىنى تاللايتتى»[16] دېگەن ھەدىستۇر. ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن: "بۇ دىن ئاسانلىق دىنىدۇر. كىمكى بۇ دىننى چىڭىتىۋالىدىكەن
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار. سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنى دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ھالاك قىلغان."[19]
بىز دىنغا قانچىلىك ئىخلاسمەن بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدى
دىننى قىيىنلاشتۇرماقچ
ئىسلامدا ئوتتۇراھاللىقنى
1- &nbs
2- &nbs
3- &nbs
تەييارلىغۇچىلار
------------------------------
[1] سۈرە ھۇد: 112- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[2] سۈرە فاتىھە: 6- ئايەت.
[3] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] سۈرە بەقەرە: 143- ئايەت.
[5] سۈرە ئالى ئىمران: 110- ئايەت.
[6] ئىمام بۇخارى "ئەدەبۇل مۇفرەد" دە رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.
[7] سۈرەم ئىسرا: 29- ئايەت.
[8] سۈرە فۇرقان: 67- ئايەت.
[9] سۈرە ئىسرا: 110- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[10] سۈرە قەسەس: 77- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[11] سۈرە جۈمئە: 9-10- ئايەتلەر.
[12] سۈرە مائىدە: 87- ئايەت.
[13] سۈرە: بەقەرە: 201- ئايەت.
([14]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([15]) بۇخارى رىۋايىتى.
[16] بۇخارى رىۋايىتى.
[17] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[18] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
[19] ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائى رىۋايەت قىلغان، ئەلبانى سەھىھ دەپ باھا بەرگەن.