پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئىمان ئېيتمغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر- بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر، سىلەرنى بىر - بىرىڭلارنى ياخشى كۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان ئىشقا يېتەكلەپ قويمايمۇ؟ ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىڭلار". [مۇسلىم، بۇخارى رىۋايىتى].
بۇ ھەدىس خەلقنىڭ دىللىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشتە، ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە دوستلۇق ئورنىتىشتا، خەلققە ئامان - ئېسەنلىك، خاتىرجەملىك تۇيغۇسىنى بېرىشتە ئالاھىدە رولى بولغان ئەڭ يۈكسەك ئىسلام ئىجتىمائىي ئەدەب – ئەخلاقىغا كېپىللىك قىلىدۇ. كۆپ سالاملىشىش ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشۈش ۋە دوستلۇقنىڭ كۈچلۈك ۋاسىتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىس پۈتۈن مۇسۇلمان جامائىتى ئارىسىدا كۆپ سالاملىشىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇسۇلمانلارغا بۇ يۈكسەك ئىسلام ئىجتىمائىي ئەدەب - ئەخلاقىغا ئاڭلىق ھالدا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنى ھەقىقى تۈردە ئىجرا قىلىشنى يۈكلىدى، بۇنى سالامغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە باغلاپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ جەننەتكە، ئۇنىڭ نازۇ - نېمەتلىرىگە ئېرىشەلىشىڭلار ئىمانىڭلارغا باغلىق، ئىمانىڭلارنىڭ ھالاۋىتىنى تېتالىشىڭلار بىر - بىرىڭلارنى خالىس ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشۈشىڭلارغا باغلىق، خەلق ئىچىدە ئۆز ئارا مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈشۈشنىڭ ئومۇملىشىشى پەقەت ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىشىڭلار
سالام ھەققىدە كەلگەن بەزى ئايەت ۋە ھەدىسلەر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{ئى مۆمىنلەر! باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە (كىرىشكە) ئىجازەت سورىمىغۇچە ۋە ئۆي ئىگىسىگە سالام بەرمىگىچە كىرمەڭلار...}. سۈرە نۇر 27- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
{سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار)...}. سۈرە نۇر 61- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
{(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى يەتتىمۇ؟. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام دېدى، ئىبراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى}. سۈرە زارىيات 24-25 - ئايەتلەر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس (ئاللاھ رازى بولسۇن) مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدى
ئەبۇ ھۇرەيرە (ئاللاھ رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
بەرا ئىبنى ئازب (ئاللاھ رازى بولسۇن) مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كېسەل يوقلاش، جىنازىغا ئەگىشىش، چۈشكۈرگىچىگە تەشمىت ئېيتىش، (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن دېيىش) ئاجىزغا ياردەم بېرىش، زۇلۇم قىلىنغۇچىغا ياردەم بېرىش، ئۆز ئارا كۆپ سالاملىشىش ۋە قەسەمگە ۋاپا قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە خىسلەتلىك ئىشلارغا بۇيرىدى. [بۇخارى، مۇسلىم رىۋايىتى].
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام (ئاللاھ رازى بولسۇن) رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنى
سالامنىڭ ھۆكۈم ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىرىنى تەپسىلى بىلىش ئۈچۈن ھەدىس ۋە پىقھى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلىش لازىم.
ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.