دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا:
20- ۋەسىيەت، سىز قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەن، بېشىڭىزغا كۈن چۈشۈپ ئامەت سىزدىن قېچىپ، ئىشلىرىڭىز ئوڭدىن كەلمەي پېلىشىپ يۈرگەن ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرمۇ سىزدىن يۈز ئۆرۈپ يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بولدۇمغۇ دەپ ئولتۇرماي تەكرار- تەكرار رەھمەت ئېيتىڭ ۋە قولىڭىزدىن كېلىشچە سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئاشۇرۇپ قايتۇرۇشقا تىرىشىڭ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتمايدىغان كىشى ئاللاھ تائالاغىمۇ رەھمەت ئېيتمايدۇ،دېگەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىراۋ سىلەرگە ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قايتۇرۇڭلار. ئەگەر ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرغۇدەك ياخشىلىق تاپالمىساڭلار، ئۆز كۆڭلۈڭلاردا لايىق بولغۇدەك يەنى قانائەتلەنگۈدەك
21- سىز، مەقسەتسىز ھالدا يامانلىق قىلىپ سالغان ياكى ئەزىيەت بىرىپ قويغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەسلەپ تۇرۇپ سىزنىڭ بۇ خاتالىقىڭىزنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىنى تىلەڭ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سىزگە مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھغا دۇئا قىلىڭ. باشقىلار سىزگە ئەزىيەت بەرسە ھېساب ئېلىشقا ئېلىشقا تىرىشماڭ، ئۇلاردىن ھېساب ئالغانلىق ۋاقىتنى زايە قىلغانلىقتۇر.
22- ئاجىز كۈچلەنگەنگە قەدەر ئۇنىڭ قولىنى قۇيۇپ بەرمەڭ. ئۈمىدسىز، ئۈمىت ئۇپۇقلىرىنى كۆرگەنگە قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇڭ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان كىشى غەلىبە يوللىرىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇنى يالغۇز قويماڭ. كىشىلەرنىڭ جراھەتلىرىنى تېڭىشقا تىرىشىڭ. ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغان ئۆيلەرنى يېڭىلاشقا تىرىشىڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
23- تۈن قاراڭغۇسىدا شام كۆتۈرگۈچىلەردىن
24- سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىكى باشقىلارنىڭ قەرزلىرىنى ئۆتەشكە تىرىشىڭ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى سىزگە ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق تەجرىبە ساۋاقلىرىنى تەقدىم قىلسا، بەزىسى سىزگە ئىشەنچ قىلدى. سىز ھاياتنىڭ كۈرەشلىرىدە يالغۇز بولمىدىڭىز، بەزىلەر قاراڭغۇ كېچىلەردە سىزگە شام ياندۇرۇپ يولىڭىزنى يورۇتۇپ بەردى. ھەممىدىن مۇھىمى ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.
25- ئەگەر سىز تاغنىڭ ئەڭ چوققىسىغا يەتكەن بولسىڭىزمۇ مەغرۇرلۇق ئەقلىڭىزنى قاپلىۋالمىسۇن. تاغ باغىرىدىكىلەر كۆزىڭىزگە كىچىك كۆرۈنمىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. سۈرە لوقمان 18 ئايەت.
ھەسەن ئەلبەسرى رەھىمەھۇللاھدىن
مەنمەنچىلىك يەنى شەخسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىڭ. تاغ ئەتىراپىدىكىلەر
26- باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى پاش قىلماڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ھاكاۋۇرلۇق قېلىپ كىشىلەر ھالاك بولۇپ كەتتى دېسە، ئۇ شۇ كىشىلەرنى ھالاك قىلغان بولىدۇ. مۇسلىم رىۋايىتى.
خاتتابى مۇنداق دېدى: ئۇ داۋاملىق باشقىلارنى ئېيىپلاپ ئۇلارنى كەمچىلىكلىرىنى زىكرى قىلىدۇ. كىشىلەر بۇزۇلۇپ كەتتى ھالاك بولۇپ كەتتى دەيدۇ. بۇنىڭ بۇ قىلىقى باشقىلارنىڭ قىلىقىدىن يامانراقتۇر. چۈنكى ئۇ بۇ ئارقىلىق گۇناھكار بولىدۇ .
27- ئۈمىستسىزلىكنىڭ
28- شۇنىڭغا چىن قەلبىڭىزدىن ئىشىنىڭكى ئەگەر سىز ئىشىڭىز مۇكەممەل ئادا قىلسىڭىز ۋە ياخشى كۆرۈپ سادىق بولسىڭىز چوقۇمكى باشقىلار قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
29- مۆمىن كىشىنىڭ ئاچ يالىڭاچ ۋە پېقىر ياشاشقا رازى بولىشىنى، لېكىن خار ياشاشقا ھەرگىز رازى بولمايدىغانلىقى
30- قىيامەت كۈنى ھېسابقا تارتىلىشتىن بۇرۇن ئۆيىڭىزدىن ھېساب ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقى
ئابدىلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.