ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ئەتىگەن _ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار»([1]). قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالاغا زىكىر ئېيتىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»([2]).
ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابەلىرىگە: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلا
ھەقىقەتەنمۇ، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى ياد قىلىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان چاغلىرىدىكى ھالىتىدۇر. ئاللاھ تائالا بىلەن مەنىۋىي مۇلاقاتتا بولغان ۋە ئۇنىڭغا مۇناجات قىلغان ۋاقىتتىكى ھۇزۇر – ھالاۋەتنىڭ لەززىتىنى پەقەت تېتىغانلار بىلىدۇ.
زىكىرنىڭ ئەدەبلىرى
زىكىرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەدەبلىرى ــ ھەرقانداق بىر ئىبادەت ئۈچۈن زۆرۈر بولغان، ھەتتا ئۇنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن شەرت قىلىنغان نىيەت، ئىخلاس، مۇھەببەت، كەمتەرلىك ۋە باشقىلاردۇر. زىكىرنىڭ باشقىمۇ ئەدەبلىرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. زىكىرنى ئاۋاز چىقارماستىن ئىچىدە ئېيتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سەپەر ئۈستىدە ئاۋازلىرىنى كۆتىرىپ زىكىر ئېيتىۋاتقان كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ، «ئەي ئىنسانلار! ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىڭلار، ئەلۋەتتە سىلەر قۇلىقى ئېغىر ياكى سىلەردىن يېراقتىكى بىرىنى چاقىرىۋاتمايسىل
2. ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغاندا ئوقۇلغان تەسبىھ، تەھلىل ۋە تەكبىرلەرنى ئىمكان قەدەر ساناپ ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: «ئاللاھ تائالانى بارچە نۇقسانلاردىن ئەلۋەتتە پاك دەپ مەدھىيىلەڭلار، ئۇنى كۆپ ياد قىلىڭلار ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار. سىلەر زىكىردىن غاپىل بولماڭلار. زىكىردىن غاپىل قالساڭلار مېھىر- شەپقەت قىلىشنى ئۇنتۇپ كېتىسىلەر. ئوقۇغانلىرىڭلار
([1]) &
([2]) &
([3]) &
([4]) &
([5]) &