دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى ۋە شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا
2 . دۇئانى ئەڭ كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «زەكەرىيانىڭ (قىسسىسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: ‹ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن › دەپ نىدا قىلدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئايالىنى (تۇغىدىغان قىلىپ) بەردۇق. ئۇلار(پەيغەمبەر
3. ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم- سۈپەتلىرىنى، كىشى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش. «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئۇنى شۇلار بىلەن چاقىرىڭلار»([3]). ئاللاھ تائالا يۈسۈف ئەلەيھىسسالامنى
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ساھابىنىڭ: «ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى تىلەيمەن. ھەقىقەتەن سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ھەممە ساڭا مۇھتاج بولغان، پەرزەنتكە ۋە ئانىغا مۇھتاج بولمىغان، ھېچكىم ساڭا تەڭداش بولمايدىغان يەككە - يېگانە ئىلاھسەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتقانلىقىن
4. كىشى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىش. ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدى
5. دۇئا قىلغاندا قىبلىگە قاراپ، قولىنى كۆتۈرۈش ۋە دۇئادىن كېيىن قولى بىلەن يۈزىنى سىپاش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يامغۇر تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلغاندا قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ دۇئا قىلغان» دەپ قەيت قىلىنغان.
يەنە ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ ئىككى قولىنى كۆتۈردى، مەن ئۇنىڭ ئىككى قولتۇقىنىڭ ئېقىنى كۆردۈم»([8]). يەنە ھەزرىتى سەلمان ئەلفارىسى رەزىيەتللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىڭل
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام&nbs
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كېچىسىى غەرقەد قەبرىستانلىقىغا
6. دۇئادا ئاۋازىنى قاتتىق كۆتۈرمەسلىك، بەلكى ئاشكارىلىق بىلەن مەخپىلىك ئوتتۇرىسىدا كۆتۈرۈش. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: «پەرۋەردىگارىڭل
ئىمام قۇرتۇبىي بۇئايەتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بىرىنچىسى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇسۇلمانلارنى دۇئا قىلىشقا بۇيرىغانلىقى، ئىككىنچىسى، دۇئانى ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرغان ۋە يېلىنغان ھالدا قىلىشنىڭ لازىملىقى، ئۇچىنچىسى، دۇئانى رىيادىن يېراق بولۇش ئۈچۈن مەخپى قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنى
بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ئاۋازلىق ئېيتقاندىن كۆرە، مەخپى ئېيتىشنى تولىمۇ ئەۋزەل كۆرەتتى. ھەنەپىي مەزھىبىنىڭ پېشىۋاسى ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىپىنىڭ «ئامىين (دۇئايىمنى ئىجابەت قىلغىن)»نى ئىچىدە دېيىشنى ئۈنلۈك دېيىشتىن ئەۋزەل كۆرگەنلىكىمۇ، بۇ ئايەتكە ئاساسلانغان. چۈنكى «ئامىين» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىمۇ دۇئادۇر([15]).
7. دۇئادا قاپىداش سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. چۈنكى دۇئا دېگەن چىن قەلب قاتلىرىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ئېتىلىپ چىقىدىغان سەمىمىي ھېسسىيات بولۇپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ بەدىئىيلىكى ۋە ئېسىللىكى بىلەن قەتئىي ھېسابلاشمايدۇ. تىل پەقەت قەلبتىكىنى تەرجىمە قىلىش رولىنى ئوينايدۇ. دۇئانى قاپىلاشتۇرغاندا
8. دۇئا قىلغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىگە، ئاندىن باشقىلارغا دۇئا قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا دۇئا تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن بولغان بولىدۇ، ھەزرىتى ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كىشىگە دۇئا قىلىپ قالسا ئالدى بىلەن ئۆزىگە دۇئا قىلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇ كىشىگە دۇئا قىلاتتى»([16]). قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان ئۈلگىلىك مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن دىنىي قېرىنداسلىرىغا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. «ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: ‹پەرۋەردىگارىم
9. دۇئا قىلغاندا ئىسلام كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نەرسىنى تىلەپ دۇئا قىلىش، يامانلىق ياكى گۇناھ ئىشنى تىلىمەسلىك لازىم. بەزى كىشىلەر ئاچچىغىم كەلدى دەپ ئۆزى ياكى باشقىلارنى قارغاپ بەد دۇئا قىلىپ سالىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا - چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەد دۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر»([
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆزۈڭلارنىڭ، بالىلىرىڭلارنىڭ
10. دۇئا قىلغاندا قاشاڭلىق بىلەن ئارقا ـ ئارقىدىن قايتا - قايتا تىلەش، دۇئانىڭ ئاخىرىدا «ئامىين» دەپ ئاياغلاشتۇرۇش. ئەبۇ مۇسبەھىل مەقرائىي ئەبۇ زۇھەير ئەلنەمرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سىرتقا چىققان ئىدۇق، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىۋېتىپ ئۇنى قايتىلاۋاتقان بىر ئادەمنىڭ يېنىغا كېلىپ قالدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ دۇئاسىنى تىڭشاش ئۈچۈن توختىدى، ئاندىن ‹ئەگەر ئۇ كىشى دۇئاسىنى تاماملىسا، دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ› دېدى. ھەمراھلىرىمىزدى
11. دۇئادا سورىغانلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ ئېيتىش. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغىنىدا ئاللاھ تائالادىن سورىغانلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن قايتىلاپ سورايتتى»([21]) دەپ كەلگەن.
([1]) &
([2]) &
([3]) &
([4]) &
([5]) &
([6]) &
([7]) &
([8]) &
([9]) &
([10]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([11]) ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([12]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
([13]) ئەئراف سۈرىسى 55ـ ئايەت.
([14]) مەريەم سۇرىسى3 ـ ئايەت.
([15]) «تەپسىرى قۇرتۇبىي»دىن ئېلىندى.
([16]) تىرمىزى رىۋايىتى.
([17]) ھەشىر سۈرىسى 10 - ئايەت
([18]) ئىسرا سۈرىسى 11- ئايەت.
([19]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
([20]) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
([21]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.