رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىسلام تەلىماتلىرىنى توغرا چۈشىنىپ، ئەمەل قىلىدىغان ھەقىقىي مۆمىن بىر جامائەت يېتىشتۈرگەن ئىدى. بۇ جامائەتنىڭ كۆپ سانلىقىنى ياشلار تەشكىل قىلاتتى. ئادەتتە ياشلار چوڭلارنىڭ ئەكسىچە يېڭىلىقلارغا ئىنتىلىدۇ، يېڭىلىقلاردىن تەسىرلىنىدۇ، يېڭىلىقلارنى تىز قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنى قاتتىق مۇداپىئە قىلىدۇ. چوڭلار بولسا كۆپۈنچە كونىغا چىڭ ئېسىلىۋالىدۇ، يېڭىلىقلارغا قارشى تۇرىدۇ، ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھاتلارغا توسالغۇ بولىدۇ.رەسۇلۇلل
1-تەڭپۇڭلۇق تەربىيە.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارنى ھېسسىيات بىلەن ئەقىل، روھ بىلەن بەدەن، بىلىم بىلەن ئەمەلگە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىدىغان، تەڭپۇڭلۇق تەربىيە ئاساسىدا يىتىشتۈرگەندۇر. تەربىيىدىكى ساغلام ئۇسۇل مانا مۇشۇ نازۇك تەڭپۇڭلۇقتۇر. چۈنكى بىر تەرەپكىلا ئەھمىيەت بېرىپ يەنە بىر تەرەپنى تەرك ئېتىش ئىنسان پسىخىكىدا خەلەل پەيدا قىلىدۇ ۋە ئىسلام سىستېمىسىدىن چەتنىتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرا بولمىغان يۆنىلىش، خاتا پىكىر ۋە سەلبىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇراتتى.
ئىنسان روھ بىلەن بەدەننىڭ بىرىكمىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ھەر ئىككىسىنىڭ ئىھتىياجى بار. ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئىھتىياجىنى قامداش لازىم. چۈنكى ئىسلام روھ بىلەن بەدەننىڭ ئوتتۇرىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشق
2- ياشلارغا شەپقتلىك بولۇش.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياشلارغا مېھرىبانلىق ۋە شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. بۇ، ئۇلارنىڭ رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى ئاشۇراتتى ۋە ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايتتى. ئاللاھ تائالا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىنسانلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىشىنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئىشتا ئۇلار بىلەن كېڭەشكىن؛ (كېڭەشكەندىن كېيىن) بىر ئىشقا بەل باغلىساڭ، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ." [سۈرە ئالى ئىمران:159]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەپقەتلىك بولۇشقا تەرغىپ قىلاتتى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: "شەپقەت قايسى نەرسىگە كىرسە ئۇنى زىننەتلەيدۇ، قايسى نەرسىدىن چىقىرىلسا ئۇ قەبىھ بولىدۇ." يەنە مۇنداق دەيدۇ: "دىننى تەسلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئاسان قىلدى، كۈچۈڭلار يەتكىنىنى قىلىڭلار، ئاللاھ ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ياخشى ئەمەللەرنى سۆيىدۇ."
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىغا قارىغان چېغىمىزدا، ئۇنىڭ ياشلارغا قانچىلىك مېھرىبان بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇنلىغان مىساللارنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن:
1- ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىدىن بىرىنى ئۈچ كۈن كۆرمىسە ئۇنى ئىزدەيتتى، ئەگەر بىر يەرگە كەتكەن بولسا دۇئا قىلاتتى، ئەگەر ئۆيىدە بولسا زىيارەت قىلاتتى، ئەگەر كېسەل بولسا يوقلايتتى."
2- ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مۇھىم بىر نەرسە سۆزلىسە بىر ئىشقا جاۋاپ بەرسە، سۆزىنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن سۆزىنى ئۈچ قېتىم ئېيتاتتى."
3- ھەزرىتى زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىدا ئولتۇرغىنىمىزدا
4- ھەزرىتى ئەبۇ ھۇمەيسا مۇنداق دەيدۇ: "مەن رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى بىر يەردە كۆرۈشۈش ئۈچۈن ۋەدىلەشتىم. مەن ۋەدەمنى ئۇنتۇدۇم. ئۇ كۈن ئۆتتى، ئەتىسى ئۆتتى، ئۈچۈنچى كۈنى ئېسىمگە كېلىپ ۋەدىلەشكەن يەرگە بارسام رەسۇلۇللاھ ساقلاپ تۇرۇپتۇ، ماڭا: "ئەي يىگىت! ماڭا بەك ئېغىرلىق سالدىڭ، ئۈچ كۈندىن بىرى بۇ يەردە ساقلاۋاتىمەن" دېدى.
5- ھەزرىتى جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆيلىرىدىن بىرىگە كىردى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەنلەر ئۆينى تولدۇردى، مەن سىرتتا يەردە ئولتۇردۇم. رەسۇلۇللاھ مېنى كۆرۈپ دەرھال ئۈستىدىكى رىداسىنى چىقىرىپ، قاتلاپ، "بۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغىن" دەپ، ماڭا تاشلاپ بەردى. مەن ئۇنى ئېلىپ يۈزۈمگە سۈردۈم ۋە ئۇنى سۆيدۈم."
6- ھەزرىتى سەلمان فارىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كىردىم، ئۇ ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. ماڭا ياستۇقنى قويۇپ بېرىپ: "ئى سەلمان! قايسى بىر مۇسۇلمان يېنىغا كىرگەن مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياستۇق قويۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ" دېدى.
7- ھەزرىتى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئون يىل رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم.رەسۇلۇلل
مانا بۇ مىساللاردىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياشلارغا قانداق شەپقەت كۆرسىتىدىغانلىق
مانا بۇ، دەۋەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك
قەدىرلىك ياشلار! يۇقىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى