1- ئاچچىقلانماسلىق
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلمىغان ئادەم رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ»([1]
ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت ئېتىبارىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:
1. ئاتا - ئانىلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش
4. ئاياللارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللارغا ئەڭ مېھىر - شەپقەتلىك زات ئىدى. ئاياللىرىغا بەكمۇ كۆيۈنەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى، دەردلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشايتتى. پىكىرلىرىنى ئاڭلايتتى، ھەتتا ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلاردىمۇ ئاياللىرى بىلەن كېڭىشەتتى، پىكىرلىرىنى ئالاتتى([1]).
6. ھايۋانلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم يولدا كېتىۋېتىپ قاتتىق ئۇسساپ كەتتى، يولدا بىر قۇدۇق ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچتى. سىرتقا چىققىنىدا، ئۇسسۇزلىقتىن تىلى ساڭگىلاپ، تۇپراقنى يەۋاتقان بىر ئىتنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئادەم ئۆز - ئۆزىگە ‹بۇ ئىت ماڭا ئوخشاش قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ› دېدى - دە، قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆتىكىگە سۇ تولدۇرۇپ، چىشى بىلەن ئۆتىكىنى چىشلەپ، قولى بىلەن قۇدۇقنىڭ گىرۋىكىنى تۇتۇپ قۇدۇقتىن چىقىپ، ھېلىقى ئىتنى سۇغاردى.
8. ئېزىلگەنلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلىش - دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئېزىلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش ھەركىمنىڭ قۇدرىتى يېتىشىچە پەرزدۇر. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ھەققانىي دەۋالىرىنى يۈرگۈزۈش، پۇل - مال ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەب قىلىش، بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمىغاندا، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بۇ دىنىي قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش مۇمكىن.