5- ئەبۇ بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر بىرىگە قېلىچ تەڭلىسە ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ>> دېدى ، مەن ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ! ئۆلتۈرگىچىغۇ شۇنداق ئۆلگۈچى نىمىشقا دوزاخقا كىرىدۇ ؟ دېدىم ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : چۈنكى ئۆلگۈچىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمرايىنى ئۆلتۈرۈشكە قىزىققان ئىدى >> دېدى . بۇخاري ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان