ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تۆۋەندە سىلەرگە قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئوقۇپ بەھرىمەن بولغايسىلەر.
ئىسلام دىنىدا ئائىلە بىناسى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاساسلار ئائىلىنى بەختلىك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان مەنىۋىي ئامىللاردۇر. بۇلار جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز رەھمەتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر.
بۇ ئاساسلار تېپىلمايدىغان ئائىلىلەردە ھوزۇرمۇ، خاتىرجەملىكمۇ بولمايدۇ. ھالبۇكى ئائىلە بىناسىنىڭ بۇ ئاساسلار ئۈستىگە قۇرۇلۇشى ۋە بۇ ئاساسلارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىسلامنىڭ ئەمرىدۇر.
ئىسلامدا ئائىلە بىناسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۈچ چوڭ ئاساس مۇنۇلار:
1- مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت. يەنى ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ ئۆتتۇرىسىدا بىر ـ بىرىگە قارىتا مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت بولۇش.
2- ئادالەت. يەنى ئەر ـ خوتۇنلار بىر ـ بىرىگە قارىتا ئادىل ۋە ھەققانىيەتچى بولۇش.
3- ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش. يەنى ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ ئەمەلىي شەكىلدە داۋام قىلىشى.
قۇرئان كەرىمدە بۇ ئاساسلار مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى – ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر – خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىند
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بىر ئىھسانى بولغان ۋە ئەر ـ خوتۇنلار ئارىسىدا نىكاھ رىشتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ مېھىر ـ مۇھەببەت مەۋجۇد بولغان مۇددەتچە ئائىلە ھوزۇرلۇق ۋە بەختلىك بولىدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغ
كىيىم (پەردە) ئىنساننى يۆگەپ، مۇھاپىزەت قىلغاندەك، ئەر ـ خوتۇنلارمۇ بىر ـ بىرلىرىنى ماددىي ـ مەنىۋىي زىيانلاردىن قوغدايدۇ ۋە كەمچىلىكلەردىن ساقلايدۇ. ئۇرۇق ـ تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىمۇ ئەر ـ خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋە مەرھەمەتنىڭ نەتىجىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامدا سىلە ـ رەھىم قىلىشنى (يەنى ئۇرۇق ـ تۇغقانلىق رىشتىسىنى داۋامللاشتۇرۇشن
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ: "سىلەردىن كىمكى ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ۋە رىزقىنىڭ كەڭ بولۇشىنى خالىسا، سىلە ـ رەھىم قىلسۇن."[3]
ئىسلامدا ئائىلە ئۇقۇمى ناھايىتى كەڭ ۋە ئومۇمىيدۇر. بۇ جەھەتتە ئاتا ـ ئانا، بالا ـ چاقا، چوڭ ئانا، چوڭ دادا، ئەر ـ ئايال قېرىنداشلار، تاغا ئاكا ـ تاغا ئاچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھەممىسى ئائىلە ئۇقىمىنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. سىلە ـ رەھىم سۆزى بۇلارنىڭ يىغىنچاقلانغان ئىپادىسىدۇر. بۇلار دەرىجىسىگە كۆرە مىراسخورمۇ بولىدۇ.
ئائىلە تايىنىدىغا ئىككىنچى ئاساس ئادالەتتۇر.
ئادالەت – ئەر بىلەن خوتۇننىڭ بىر ـ بىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. ئايالنىڭ ئېرى ئۈستىدە يەنە بىر ئالاھىدە ھەققى بار.
ئەگەر ئەر كىشى خوتۇنى ھەققىدە ئادىل بولالمايدىغانلى
ئائىلە تايىنىدىغان ئۈچۈنچى ئاساس ئائىلە ئىچىدىكى ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىقتۇر. ئەر ـ خوتۇنلار نىكاھلىنىش بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى
ئائىلىدە ئەر ـ خوتۇنلار ئىنسان تەبىئىتى تەقەززا قىلىدىغان ئاساسلارغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە بىر ـ بىرىگە ياردەمچى بولۇشقا بۇيرۇلغاندۇر. كۈچلۈك بولغانلار ئاجىز ۋە زەئىپ بولغانلارغا ياردەم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
ئەر كىشى ئائىلىسىنى تەمىنلەش ئۈچۈن سىرتتا ئىشلەيدۇ؛ ئائىلىسىنى ھەر تۈرلۈك خەتەرلەردىن قوغدايدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئائىلىسىگە ياخشىلىق قىلىدىغىنىڭلارد
ئىسلامدا ئەر كىشى ئائىلىنىڭ رەئىسى، ئۇ ئائىلىنىڭ ئىنتىزامىنى ساقلاش ۋە ئائىلىنى بەختلىك قىلىشقا بۇيرۇلغاندۇر. ئايال بولسا ئىچكىرىدە ئۆينىڭ خوجايىنى، ئەرنىڭ ئەڭ سادىق ۋە سەمىمىي ياردەمچىسىدۇر. ئۇ ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى خالىغىنى بويىچە رەتكە سالىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى ئىدارە قىلىدۇ، بالىلىرىنى قوغداپ، تەربىيىلەيدۇ. بۇلار ئايال كىشىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى بەختلىك قىلىدىغان ئىشلاردۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەر ئائىلىسىدە بىر پادىچىدۇر ۋە قولى ئاستىدىكىلەردىن
ئەسلىدە ئۆينىڭ پۈتكۈل ئىھتىياجىنى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا كۆرە قامداش ئەرنىڭ ۋەزىپىسى. ئەر كىشى نامرات، ئايالى باي بولغان تەقدىردىمۇ، خوتۇننىڭ چىقىمى يەنە ئەرنىڭ ئۈستىگە ۋاجىب. خوتۇننىڭ مېلى ئۆزىگە ئائىت، ئۇنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلالايدۇ، بۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ.
ئىسلام ئايالنىڭ كىشىلىكىنى ھۆرمەتلىك قىلغان ۋە ئۇنىڭ ھەق ـ ھوقۇقىنى ھەر جەھەتتىن مۇھاپىزەت قىلغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام ئەر ـ خوتۇننى چىن كۆڭلىدىن، مۇھەببەت، مەرھەمەت ۋە ئادالەت بىلەن ياشاشقا بۇيرۇيدۇ؛ كۈچى يېتىشىچە بىر ـ بىرىگە ھەمدەم بولۇپ ياردەملىشىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ بىر ـ بىرىگە قارىتا ئادىل ۋە ئىشەنچ ئىچىدە بولۇشى ئائىلە تۈزۈمىنىڭ روھى ۋە تۈۋرىكى؛ مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت بولسا كۆڭۈلنىڭ ھوزۇرى ۋە ئائىلە بەختىنىڭ ئاساسىدۇر. ياردەملىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۇلارغا ئەڭ چوڭ ياخشىلىق ۋە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىسلامدا ئائىلە بىناسىنىڭ ئاساسى بولغان بۇ ئۈچ ئامىلغا ھۆرمەت قىلىش بىر ۋەزىپە ۋە ئەينى ۋاقتىدا بىر ئىبادەت. بۇلارغا رىئايە قىلىش ئەر ـ خوتۇنلارنىڭ ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ،
بۇنداق ئائىلىدە ئەر توغرا يول كۆرسىتىدىغان، ئىشەنچلىك رەھبەر، ئەڭ ياخشى نەسىھەت قىلىدىغان مۇئەللىم، ئائىلىنى ماددى ـ مەنىۋى خەتەرلەردىن سەمىمىيەت بىلەن قوغدايدىغان بىر ھامىيدۇر. ئايال بولسا ئۆينىڭ ئىچىدە ئۆينىڭ ئىشلىرىنى ياخشى ئىدارە قىلىدىغان، تەدبىرلىك، ئۆلچەملىك، ئىسراپتىن قاچىدىغان، ئۆينىڭ پاكىزلىقىنى، ئىنتىزامىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئېلىپ بارىدىغان، ياخشى ۋە ماقۇل ئىشلاردا ئېرىنىڭ ياردەمچىسى ۋە مەسلىھەتچىسىدۇر
[1] سۈرە رۇم: 21- ئايەت.
[2] سۈرە بەقەرە: 187- ئايەت.
[3] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
[4] سۈرە ئىبراھىم: 38- ئايەت.
[5] جامىئۇسسەغىر شەرھى فەيزۇلقەدىر، 3- توم، 467- بەت، 3991- ھەدىس.
[6] ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى
[7] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.