قارىيلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەڭ شەرەپلىك كىشىلىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن يېقىن كىشىلىرى بار، قارىيلار ئاللاھنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئالاھىدە بەندىلىرىدۇر»([1]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قارىي جەننەتكە كىرسە، ئۇنىڭغا قۇرئاننى دۇنيادىكى چېغىڭدا ئوقۇغىنىڭدەك
بۇ ھەدىس، قۇرئان يادىلىغان كىشىنىڭ يادىلىغان ھەر بىر ئايىتىگە ئاخىرەتتە بىر دەرىجە قازىنىپ، ئۇنىڭ دەرىجىسى يادىلىغان ئايەتلىرىنىڭ سانىغا قاراپ بەلگىلىنىدىغانل
قارىيلار ئاللاھ تائالانىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە ھۆرمەتلىك كىشىلەردۇر. ئىسلام ئۈممىتى قارىيلارنى تارىختىن بويان شۇنداق ھۆرمەتلەپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «نامازدا قۇرئاننى ئەڭ ياخشى ئوقۇيدىغان كىشى ئىمام بولسۇن»([4]).
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «قارىيلار قېرى – ياش ھەممىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۆھبەتداشلىرى ۋە كېڭەش ئەزالىرى ئىدى»([5]).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئىچىدە قۇرئاندىن ھېچنەرسە بولمىغان ئادەم خۇددى خاراب بولغان ئۆيگە ئوخشايدۇ»([6]) دەپ كۆرسەتكەن.
([1]) &
([2]) &
([3]) &
([4]) &
([5]) &
([6]) &