پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىشىلەرگە رەھىم - شەپقەت قىلمىغان ئادەم رەھىم - شەپقەتكە ئېرىشەلمەيدۇ»([1]
ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت ئېتىبارىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ:
1. ئاتا - ئانىلارغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش
ئاتا - ئانىغا رەھىم - شەپقەتلىك بولۇش ئۇلارنى قانداقلا بىر رەۋىشتە بولمىسۇن، رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، ئۇلارنى ئاسراش، ئۇلارغا جان - دىل بىلەن خىزمەت قىلىپ، كۆڭۈللىرىنى ئېلىش، ماددىي ۋە مەنىۋى يۈكىنى يەڭگىللىتىش، كۆڭۈلسىزلىكلىرى
ئاتا - ئانىسىنى قاخشىتىپ، ئۇلارنى زار - زار يىغلاتقانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟
ئاتا - ئانىسىنى ئالداپ قويۇپ يىگىتلەر بىلەن خۇپيانە مۇناسىۋەت قۇرغان قىزلار ئاتا - ئانىسىغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟
ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالسا، ئاتا - ئانىسىنىڭ قاتتىق بىئارام بولىدىغانلىقىنى
ئاتا - ئانىسىغا سۆز قىلغاندا ئاۋازىنى ئۇلارنىڭكىدىن يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟
ئاتا - ئانىسىنى ھەر دائىم زىيارەت قىلىپ يوقلاپ، ھال - ئەھۋال سوراپ تۇرماستىن، تېلېفون ئارقىلىقلا ھال سوراپ قويىدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟
ھالبۇكى، ئاتا - ئانا بالىلىرىنىڭ تېلېفوندىكى ئاۋازىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە ۋە پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئاتا - ئانىسىغا ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى ئەۋەتىپ قويۇپ، ئۇلارنى ھەپتىلەپ، ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ كۆرمەيدىغانلار ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغان بولامدۇ؟
ھالبۇكى، ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ مال - دۇنياسىغا، سوۋغا - سالاملىرىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دىدارىغا موھتاج. ئاتا - ئانىلارنى بۇ نېمەتتىن نېمە ئۈچۈن مەھرۇم قىلىمىز؟
شەكسىزكى، مۇنداق قىلىدىغانلار ئاتا - ئانىسىنى قاخشاتقۇچى بەختسىزلەردۇر!
2. ئۇرۇق - تۇغقانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش
ئۇرۇق - تۇغقانلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش ئۇلارنى باي - كەمبەغەل دەپ ئايرىماستىن، قىلدى - قىلمىدى دەپ ھېساپلاشماستىن،
3. بالىلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىش
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن رەھىم - شەپقەت تۈرلىرىدە ئىنسانىيەتكە ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولغىنىدەك، بالىلارغا رەھىم - شەپقەت قىلىشتىمۇ ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ئەقرە ئىبنى ھابىس دېگەن كىشى بىلەن ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى نەۋرىلىرىنى سۆيۈپ باغرىغا بېسىۋاتقاندا، سەھرالىق ئەرەبلەردىن بىرى، ساھابىلەردىن: «سىلەردە بالىلارنى سۆيۈش ئادىتى بارمۇ؟» دەپ سوراپ قالىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمگە ئېچىنىپ: «ئاللاھ سېنىڭ قەلبىڭدىن رەھىم - شەپقەتنى تارتىۋالغان تۇرسا، مەن ئەمدى نېمە قىلالايمەن»([6]) دەيدۇ.
بالىلارنى چىرايلىق كىيىندۈرۈپ، قورسىقىنى ياخشى تويغۇزۇپ باققانلىقنىڭ ئۆزىلا ئۇلارغا رەھىم - شەپقەت قىلغانلىققا ياتمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى كېلەچەكتە ئەلگە پايدىلىق ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش يولىدا كۆيۈمچانلىق كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ ئەقلىغا چۈشۈپ تۇرۇپ مۈشكىللىرىنى بىرگە ھەل قىلىش، ئۇلارنى ئۇرماستىن، خورلىماستىن ياخشى ۋە ئۈلگىلىك مۇئامىلە قىلىش رەھىم - شەپقەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
بالىلىرىغا قاتتىق قوللۇق قىلىش، ئۇلارنىڭ دەردىگە قولاق سالماسلىق، پىكىرلىرىنى ئاڭلىماسلىق، كۆڭلىنى چۈشەنمەسلىك، باغرىغا بېسىپ، پىشانىسىگە سۆيۈپ كۆڭلىنى ئالماسلىق قاتارلىق بىر يۈرۈش سەلبىي مۇئامىلىلەر رەھىم - شەپقەتنى بىلمەيدىغانلارن
بالىلار ھاياتلىقنىڭ زىننىتى، كۆڭۈلنىڭ شادلىقىدۇر. بالىسى يوق كىشىلەر يېتىملەرنى بېقىپ، بېشىنى سىلاپ، قاتارغا قۇشۇش ئارقىلىق جەننەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولۇش شەرىپىگە نائىل بولالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن يېتىمنى باققان ئادەم بىلەن جەننەتتە خۇددى مۇشۇنداقمىز»([7])
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلمانلارنىڭ
تەييارلىغان: زەيتۇنە ئابدۇلئەھەد
([1]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([2]) ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([3]) ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.
([4]) ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.
([5]) بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
([6]) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
([7]) بۇخارى، ئەبۇداۋۇد، تىرمىزى رىۋايىتى.
([8]) ئىبنى ماجە رىۋايىتى.