ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېتۈك ئالىمى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمانى ئابدۇللاھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا بېرىلگەن ئىلىم ۋە ھېكمەت ئاللاھنىڭ
پەزلى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئىجابەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاقىتدا پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن
ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ: "ئى ئاللاھ، ئۇنى دىندا فەقىھ
قىلغىن" دەپ دۇئا قىلغانىدى. [مۇسلىم رىۋايىتى]. يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك قولىنى ئابدۇللاھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ تۇرۇپ: "ئى ئاللاھ، ئۇنى
دىندا فەقىھ قىلغىن، ئۇنىڭغا تەۋىلنى بىلدۈرگىن" دەپ دۇئا قىلغان. [بۇخارى
ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچۈن قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. ئاللاھ ئۇنى
دىندا فەقىھ قىلغانلىقىدىن ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل تەۋىللەرنى
بىلدۈرگەنلىكىد
زامانداشلىرىدى
پىشقەدەم ساھابىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرغۇزاتتى، ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ،
پىكرىنى ئالاتتى. پىقھىشۇناس ئالىم ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئىبنى
ئابباس قۇرئان كەرىمنىڭ نېمىدېگەن ياخشى تەرجىمانىدۇر، دېگەن.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلىرىنى
ئىجابەت قىلغىنىدەك، ئۇلارنىڭ كاپىرلار ياكى ئاسىيلارغا ھالاكەت تىلەپ
قىلغان دۇئالىرىنىمۇ ئىجابەت قىلغان.
ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى
دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلغان:
«نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن.
ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ
تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ». (سۈرە نۇھ 26-، 27-
ئايەتلەر).
«ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ
دۇئا قىلدى. ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن
ئېچىۋەتتۇق. زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر
قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن
بۇلاق سۈيى (بىر- بىرىگە قوشۇلدى. نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان
كېمىگە سالدۇق. كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى
(يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)». (قەمەر
سۈرىسى 10- 14 ئايەتلەر).
ئاللاھ تائالا ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى
يۈز ئۆرىگەن پىرئەۋنغا ھالاكەت تىلەپ قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى
سۇغا غەرق قىلىپ ھالاك قىلغان:
«مۇسا ئېيتتى: ئى پەرۋەردىگارىمىز
ئى پەرۋەردىگارىمىز
دۇنيادا زىننەت بۇيۇملىرىنى، تۈرلۈك مال - مۈلۈكلەرنى بەردىڭ.
پەرۋەردىگارىمى
دىللىرىنى قاتتىق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىمان ئېيتماي قاتتىق ئازابنى
كۆرسۇن». (سۈرە يۇنۇس 88- ئايەت).
«پىرئەۋن غەرق بولىدىغان ۋاقىتتا: ئىمان ئېيتتىمكى، ئىسرائىل ئەۋلادى
ئىمان ئېيتقان ئىلاھتىن غەيرىي ئىلاھ يوقتۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىنم
دېدى». (سۈرە يۇنۇس 90- ئايەت).
پەيغەمبەرلەرنىڭ
ئەھۋالىمۇ شۇنداق بولغانىدى. بىر كۈنى ئۇ سەجدىگە باش قويغاندا مۇشرىكلەر
تۆگىنىڭ قېرىن ۋە ئىچ باغرىنى ئۇنىڭ گەجگىسىگە تاشلاپ قويۇپ، مەسخىرە
قىلىشىپ كۈلۈشكەندە ئۇ: "ئى ئاللاھ، قۇرەيشنى ھالاك قىلغىن" دەپ ئۈچ قېتىم
تەكرارلايدۇ.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئى ئاللاھ، ئەبۇ جەھلى ئىبنى
ھىشامنى، ئۇتبە ئىبنى رەبىئەنى، شەيبە ئىبنى رەبىئەنى، ۋەلىد ئىبنى
ئۇتبەنى، ئۇمەييە ئىبنى خەلەفنى، ئۇقبە ئىبنى ئەبۇ مۇئىيتنى ھالاك قىلغىن".
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەتتىنىچى
كىشىنىڭ ئىسمىنىمۇ زىكرى قىلغانىدى لېكىن مەن ئۇنتۇپ قالدىم، مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالامن
ئەلەيھىسسالام ئىسىملىرىنى زىكرى قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدرى كۈنى يەر
چىشلىگەنلىكىنى ئاندىن ئۇلارنىڭ بەدرى قۇدۇقىغا سۆرەلگەنلىكىنى كۆرگەنىدىم،
دېگەن.
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ دۇئا ئىلگىركى دۇئانىڭ ئاخىرى
بولغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىدىن كاتتا
ئالامەتلەر بار، دەيدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنە - مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلغان ۋە
قۇرەيشلەرنىڭ ئىسلام دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، خەلقنى ئۇنىڭدىن توسقانلىقىنى
كۆرگەن ۋاقىتتا: "ئى ئاللاھ، ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يەتتە يىلىدەك يەتتە يىل
ئاچلىق بەرگىن" دېگەن.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئۇلارغا قاتتىق قەھەتچىلىك يۈزلەنگەنكى،
ھەتتا ئۇلار ئاچلىقتىن تىرە ۋە تاپلارنى يېگەن، ئاسمان ئۇلارغا تۈتۈندەك
كۆرۈلگەن، دەيدۇ.
بۇ ۋاقىتتا ئەبۇ سۇفيان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
مۇھەممەد! سەن ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا، سىلە رەھىم قىلىشقا
بۇيرۇيسەن، قەۋمىڭ ھەقىقەتەن ھالاك بولدى، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا
قىلغىن، دېگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: ئەبۇ سۇفيان پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالامن
بولدى، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلغىن، دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
دۇئا قىلىپ، ئاندىن: "ئى ئاللاھ، ئەگەر ئۇلار قايتىۋالسا سەنمۇ قايتقىن"
دېگەن.
ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتلەرنى ئۇقۇغان: «(ئى
مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى
كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن. (ئۇ تۈتۈن)
كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر. (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمى
بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمى
(دەيدۇ). (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن،
ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان
ئېيتمىدى). ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى
قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن) دۇر، مەجنۇندۇر» دېدى. بىز ھەقىقەتەن
ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن
(ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر. ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان
كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز». (سۈرە دۇخان 10- 16 ئايەتلەر).
قۇرەيش كاپىرلىرى ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت
قىلىنىدىغانلىق
(ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)،
(ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ». (سۈرە ئەنئام
33- ئايەت).
ئەبۇ لەھەبنىڭ ئوغلى ئۇتەيبە قۇرئان كەرىمنى مەسخىرە قىلىپ، ھالاك
بولغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىگە ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە تىزىملىۋېتىلگەن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ مەگەن چىشلىرىنىڭ
ئارىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگە دۇئا قىلىپ: "ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىتلىرىڭدىن بىر
ئىتنى مۇسەللەت قىلغىن" دېگەنىدى. ئاللاھ ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ دۇئاسىنى
ئىجابەت قىلدى. ئۇتەيبە كۈنلەرنىڭ بىرىدە كارۋانلار بىلەن شامغا قاراپ
يولغا چىقىدۇ، يولدا بىر ئۆتەڭگە چۈشكەندە ئەتراپىدىكىلەرگ
مۇھەممەدنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشىدىن قورقۇۋاتىمەن، دەيدۇ، ئۇلار
ئۇتەيبىنىڭ ئەتراپىنى يۈك - تاقلىرى بىلەن قورشاپ، ئۇنى قاتتىق قوغداپ
ئولتۇرىدۇ. دەل بۇ ۋاقىتتا بىر شىر ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن
ئۇتەيبىنى چىشلىگەن ھالدا ئېلىپ كېتىدۇ. (ھاكىم رىۋايىتى).
ئىبنى ئەساكىرنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كېلىدۇ: ئۇتەيبىنىڭ ئاتىسى بۇ خەۋەرنى
ئاڭلىغىنىدىن كېيىن: مەن ھەقىقەتەن ئۇتەيبىنىڭ مۇھەممەدنىڭ دۇئاسىدىن
قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان
بۇسرىن ئەلئەشجەئىي ئىسىملىك بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ئولتۇرۇپ، سول قۇلى بىلەن يېيىشكە باشلايدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئۇنىڭغا ئوڭ قۇلى بىلەن يېيىش لازىملىقىنى ئەسكەرتكەندە ئۇ ھەقنى قوبۇل
قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ: قادىر بولالمايمەن، دەيدۇ. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام: قادىر بولالمىغايسەن، كىبرى ئۇنى ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن
توسۇپ قويدى، دەيدۇ. شۇنىڭ ئۇ قۇلىنى كۆتۈرۈپ ئاغزىغا ئېلىپ بارالمايدىغان
بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن
تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىغا جازا بېرىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
ناھايىتى تىز ئىجابەت قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ ئوڭ قۇلى پالەج بولۇپ قالغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى
تۇتقان, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ كېسىلىنى يوقلاپ كىرىپ: "ھېچقىسى
يوق، ئاللاھ خالىسا بۇ كېسەل سىزنى گۇناھلىرىڭىزدىن
ئەرابىي ئۈمىدسىزلىك ۋە ئاللاھقا يامان گومان ئىچىدە: بۇ كېسەل مېنى
پاكلامدۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى ئۇ مەندەك بىر قېرىنى قىيناپ
گورغا تىقىدىغان كېسەلدۇر، دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ئۇنداقتا
ماقۇل" دەيدۇ. (بۇخارى رىۋايىتى).
ئىبنى ھەجەر رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: بۇ ھەدىسنىڭ بەزى يوللىرىدا بۇنى
پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرىنىڭ بايانىدا كەلتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدىغان ئارتۇق
تەرىپى بار بولۇپ، ئۇنى تەبەرانى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان، ئۇنىڭ
ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "سىز بۇنىڭغا
ئۇنىمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، ئاللاھنىڭ قازاسى
ئىجرا بولغۇچىدۇر" دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئەتىسى ئۆلۈپ كەتكەن، دەيدۇ.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىجابەت قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالانىڭ
پەيغەمبىرىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنى قوللاپ، قۇۋۋەتلىگەنلىكى
دەلىلىدۇر. ئەگەر ئۇ رەببىنىڭ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، پەيغەمبەرلىكنى داۋا
قىلغان بولسا ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنى رەسۋا قىلغان ۋە ھالاك قىلغان بولاتتى:
«ئەگەر ئۇ بىزنىڭ نامىمىزدىن يالغاننى توقۇيدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنى
قۇدرىتىمىز بىلەن جازالايتتۇق. ئاندىن ئۇنىڭ ئاساسي قىزىل تومۇرىنى كېسىپ
تاشلايتتۇق. سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئۇنى قوغداپ قالالمايتتى». (سۈرە ھاققە
44-، 45-، 46-، 47- ئايەتلەر).