رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

ھاجىلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بەزى تەۋسىيەلەر

يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش ھازىرقى زامانىمىزدا ئەڭ كۆپ تارقالغان بىر ئاپەت بولۇپ، زەھەرلىنىش ھەر خىل سەۋەبلەردىن بولىدۇ. يېمەك-ئىچمەكتىن زەھەرلىنىش تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

 

بىرىنچى، يېمەكلىكلەر ئۇزۇن تۇرۇپ قالغانلىقتىن، گەرچە پۇراپ قالمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكىلەر  تىزلا زەھەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى ياز كۈنلىرىدىكى ئىسسىقتا توڭلاتقۇغا سالماستىن، رەستىدە ئۇزۇن ساقلىغان يېمەكلىك بۇزۇلىدۇ. بۇ بۇزۇلۇش زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

 

ئىھرام باغلىغاندا چەكلىنىدىغان ئىشلار

سىز ئىھرام باغلىغاندا،بىر قانچە ئىشلاردىن يىراقلىشىشىڭىز كىرەك.چەكلەنگەن ئىشلار سىزگە تىجارىتىڭىزنى ياكى ۋەزىپىڭىزنى ياكى ئىجتىمائىي ئورنىڭىزنى ياكى مەنسىپىڭىزنى ياكى ئابرويىڭىزنى...ئسلىتىپ قويىدۇ. مانا بۇ ئىشلار سىز ئىھرام باغلاشتىن ئىلگىرى سىزنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىڭىزنى بەلگىلەپ بىرىدىغان ماھىيەتلىك نەرسىلەردۇر.

ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

* ئۆتمۈشتىكى خۇرسەنلىك ۋاقىت ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن خۇشپۇراق ئىشلەتمەڭ ۋە ئەتىر پۇرىماڭ. چۈنكى سىز روھ پۇراق چىچىۋاتقان يىڭى مۇھىتتا،شۇڭا سىز دوستلۇق ۋە مۇھەببەت پۇرىقىدىن باشقا نەرسىنى پۇرىماڭ.

ھاجىلار ھەج پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتلاردا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ھاجىلار ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاش ۋە ھەج پەرزىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

1.ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىشتىن بۇرۇن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۇكۇللىرىنى سالدۇرۇش.

2.قىزىتمىنى چۈشۈرىدىغان ۋە ئاغرىق پەسەيتىدىغان مەخسۇس دورىلارنى يېنىدا ئېلىۋېلىش.

3.زۇكام، باش ئاغرىق، قورساق ئاغرىق دارىلىرىدىن سەپەر بويىچە يېنىدا ئېلىۋېلىش.

4.ئىسسىقنىڭ كۆيدۈرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەلھەملەرنى يېنىدا ئېلىۋېلىش.

5.ئاشقازاننى بوشىتىدىغان ۋە ئاشقازان ئاغرىقى ئۈچۈن كېرەك بولغان دورىلارنى يېنىدا ئېلىۋېلىش.

ﻫﻪﺝ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ
ﻫﻪﺝ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻧﺎﻣﺎﺯ، ﺭﻭﺯﺍ، ﺯﺍﻛﺎﺗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺳﺎﻣﺎﯞﯨﻲ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯘﺭﻫﻪﺝ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺕ ﯞﻩ ﺑﯘﺗﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﺷﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘﺩﺩﯨﺴﺖ ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭ ﻫﻪﺝ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪ
زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى

بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىدىن ئۇلارنى ئىبادەتكە قىزىقتۇرۇش، سالىھ ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىشىغا يارىدەم بېرىش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ھازىرلىق قىلىشۋېلىشى ۋە قىيامەت ئۈچۈن ئوزۇق تەييارلىۋېلىشى ئۈچۈن ۋە ئۇلارنى كۆپلەپ ساۋابقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئاكتىپچانلىقىنى قۇزغاتقىلى ۋاقىتنى يارىتىپ، ئۇنى بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق پەزىلەتكە ئىگە قىلغان، بىر قىسىم ئاي، كۈن ۋە كېچىلەرنى بۈيۈك ئەجىر بېرىشتەك ئەۋزەللىكلەر بىلەن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان جانابىي ئاللاھقا كۆپلەپ ھەمدۇ ئېيتىمىز.

 

كۈندە بىر ھەدىس (1)

ئاللاھتائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەرنى مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ [18] سۈرە لوقمان] ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە: كىبىرلىك ۋە ئۇلۇغلۇق مېنىڭ خاس سۈپەتلىرىم بولۇپ، كىمكى ئۇنىڭدىن بىرىنى مەندىن تالىشىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا تاشلايمەن،-دېدى. [ئەبۇ داۋۇد: 4090] ئەلبانى (3446): سەھىھ،-دېگەن.