رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىماتلىرى

4-ئەبۇ ھۈرەيرە  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسى بولمىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى ،ئۇ كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر .   تېرمىزىي رىۋايەت قىلغان

5-ئەبۇ زەر ۋە مۇئاز ئىبنى جەبەل  رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: قەيەردىلا بولساڭ ئاللاھتىن قوققىن ۋە بىرەر يامان ئىش قىلىپ سالساڭ ئۇنىڭغا ياخشىلىقنى ئەگەشتۈرگىن ،ئۇ ياخشىلىق يامانلىقنى ئۆچۈرىدۇ.كىشىلەگە چىرايلىق مۇئامىلە قىلغىن.  تېرمىزىي رىۋايەت قىلغان  !!!

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئى مۆئمىنلەر ! ئاللاھ تائالادىن قورقۇڭلار ! راسچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار .  سۈرە تەۋبە 119-ئايەت

ئاللاھ يەنە تائالا مۇنداق دەيدۇ : راسچىل ئەرلەر ۋە راسچىل ئاياللارغا ... ئاللاھ تائالا مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاپ تەييارلىدى .  سۈرە ئەھزاب 35- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ :ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا ،ئۇلار ئاللاھ تائالاغا سادىق بولۇشسا، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى . سۈرە مۇھەممەد   21- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

2- ئەبۇ سوفيان سەخىر ئىبنى ھەرب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ ھىرەقلى قىسسدىكى ئۇزۇن ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ : ھىرەقلى مەندىن سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىڭلار سىلەرنى نىمىگە بۇيرۇيدۇ ؟ دەپ سورىدى . ئۇ : بىزنى بىرلا ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار ،ئۇنىڭغا ھىچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەڭلا، ئاتا -بوۋاڭلار دەپ كىلۋاتقان نەرسىلەرنى تاشلاڭلار دەيدۇ ، بىزنى ناماز ئوقۇشقا ،راسچىللىققا ،ئىپپەتلىك بولۇشقا ۋە ئۆز ئارا سىلە- رەھىم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.   بۇخاري ۋە مۇسلىم

3- سەھلى ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:كىمكى ئاللاھ تائالادىن راسچىللىق بىلەن شېھىتلىكنى سورىسا ناۋادا ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ كۆرپىسىدە ئۆلۈپ كەتسىمۇ ،ئاللاھ ئۇ كىشىنى شىھىتلەرنىڭ دەرىجىسىگە يەتكۈزىدۇ.  بۇخاري ۋە مۇسلىم

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆئمىنلەر ! تائەت-ئىبادەتنى مۇشاقەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەبىر قىلىڭلار . سۈرە ئال ئىمران 200-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز سىلەرنى بىز ئاز قورقۇنچ بىلەن ، بىر ئاز قەھەتچلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا ،جانلىرىڭلارغا ،باللىرىڭلارغا ، زىرائەتلىرىڭلارغا يىتىدىغان زىيان بىلەن چۇقۇم سىنايمىز.سەبىر قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بەرگىن.   بەقەرە 155-ئايەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: پەقەت سەبىر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ.  زۇمەر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

2-ئەبۇ يەھيا سۇھەيب ئىبنى سىنان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:مەن مۆئمىنلەرنىڭ ئىشىغا قاراپ ئەجەپلىنىمەن ، ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشى ياخشىدۇر ، لېكىن مۆئمىنلەردىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس ،پەقەت مۆئمىنلەرلا شۇندق ، ئەگەر ئۇنىڭغا خوشاللىق يەتسە شۈكرى قىلىدۇ ، بۇ ئۇنىڭغا ياخشىدۇ، ئەگەر ئۇنڭغا قاتتىقچىلىق يەتسە سەۋىر قىلىدۇ ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر .    مۇسلىم 

3-ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇددىسىدا مۇنداق دىگەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ئەگەر مەن مۆئمىن بەندەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ياخشى كۆرگەن بىر ئادىمىنى ئېلىپ كەتسەم ئاندىن بۇنىڭدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا ،مەن ئۇنى پەقەت جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمەن .    بۇخاري

4-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ۋابا كىسىلى توغۇرلۇق سورىدى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ۋابا كىسىلى بۇرۇن ئاللا تائالانىڭ خالىغان بەندىلىرىگە ئەۋەتىدىغان ئازابى ئىدى ، كېيىن ئۇنى ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەرگە رەھمەت قىلدى ، ۋابا كىسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم ،ماڭا پەقەت ئاللاھ پۈتىۋەتكەن نەرسىدىن باشقا نەسە يەتمەيدۇ دەپ ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ،سەۋىر قىلىپ ،شۇ شەھەردە تۇرسا ، جەزمەن ئۇنىڭغا شەھىدنىڭ ئەجرى بېرىلىدۇ . دەپ خەۋەر بەردى .    بۇخاري

5-ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن مۇنداق دەيدۇ : مەن مۇبادا بەندەمنى ئىككى كۆزىدىن ئايرىۋېتىپ سىنىسام ،ئاندىن ئۇ بۇنىڭغا سەۋىر قىلسا ،ئۇ ئىككى كۆزىنىڭ ئورنىغا جەننەتنى بېرىمەن .     بۇخاري