ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەۋھادا([1]) ئاتلىق ئادەملەرگە ئۇچرىشىپ: «سىلەر كىم بولىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: بىز مۇسۇلمانلار، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار: سەن كىم؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «اللھ نىڭ ئەلچىسى» دېدى. بىر ئايال بىر كىچىك بالىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ھەج قىلسا بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «شۇنداق، ۋە سىزگىمۇ ئۇنىڭ ئەجرى بولىدۇ» دېدى. [مۇسلىمدىن]
ئەبۇمۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: »بۇيرۇقنى جايىدا ئورۇنلايدىغان، بېرىشكە تېگىشلىكنى كۆڭۈل ئازادىلىك بىلەن (قىلچىلىكمۇ ھەسەت قىلماستىن) تولۇق بېرىدىغان، كىمگە بېرىشكە بۇيرۇلسا شۇنىڭغا بېرىدىغان ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان ئامبارچى (بەرگەن نەرسە ئۆزىنىڭ بولمىسىمۇ) سەدىقە بەرگۈچىلەرنىڭ بىرىدۇر«- دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ:« ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر،سىل
تۈگەيدۇ.» -قۇرئان كەرىم سۈرە ئال ئىمران 185-سۈرە
اللە تائاللا يەنە مۇنداق دېگەن:« ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى
ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قالدۇرغۇدەك بىر نەرسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرماي ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزۋېتىشى توغرا بولمايدۇ» -بۇخارى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ئىبن ئۇمەر مۇنداق دەيتتى:« كەچقۇرۇنلىقى ئەتىگەنلىكىڭنى كۈتمىگىن،ئەتىگە
ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تۆت چاسا كاتەكچە سىزىپ ئۇ كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقلارنى سىزدى.شۇنىڭ بىلەن يەنە كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقچىلارنى سىزدى ۋە:« بۇ ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئىنسان، ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى بۇ كاتەكچە بولسا ئۇنىڭ ئەجىلى، كاتەكچىدىن چىقىپ تۇرغىنى بولسا، ئۇنىڭ ئارزۇسى. بۇ كىچىك سىزىقلار بولسا دۇنيادىكى دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئەگەر كىشى بىر كىچىك سىزىقتىن قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ
ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ:« ئى ئىنسانلار! اللە نى كۆپ ياد ئېتىڭلار! بىرىنچى سۈر چېلىنىدىغان ۋاقت يېتىپ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىككىنچى سۈر ئەگىشىدۇ،ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ.» دەيتتى. مەن :«ئى اللە نىڭ ئەلچىسى! مەن ساڭا كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى ساڭا دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟ » دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى. مەن:« تۆتتىن بىرى بولارمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى .
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ :ئاللاھ سېنى نامازغا قوپقىنىڭدا كۆرۈپ تۇرىدۇ،ناماز ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى (سەجدىگە بارغانلىق،رۇكۇغ
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : سىلەر قەيەردە بولماڭلار،ئاللا
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ : شۈبھىسىزكى ئاسمان ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھ تائالاغا مەخپى ئەمەس . ئال ئىمران 5- ئايەت
2- ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈندەشلىك قىلىدۇ ، ئاللاھنىڭ كۈندەشلىكى ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىنى قىلغان كىشىگە بولىدۇ . بۇخاري ۋە مۇسلىم
3- ئەبۇ يەئلا شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئەقىللىق كىشى ئۆزىدىن ھېساپ ئېلىپ تۇرىدۇ ۋە ئاخرەتلىكى ئۈچۈن ياخشى ئەمەل قىلىدۇ. نادان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدۇ ۋە ئاللاھتىن ئەپۇ ئۈمىد قىلىدۇ > تېرمىزىي رىۋايەت قىلغان