ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئاسُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَلاَئِكَةِ وَالرُّوحِ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىم
Loading...
ۋىتىر نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان دۇئاسُبُّوحٌ قُدُّوسٌ رَبُّ الْمَلاَئِكَةِ وَالرُّوحِ. (ئۈچ قېتىم ئوقۇلىدۇ).تەرجىم
1. اَللَّهُمَّ اِنّاَ نَسْتَعِيْنُكَ&n
َارَكَ اللَّهُ لَكَ وَبَارَكَ عَلَيْكَ وَجَمَعَ بَيْنَكُمَا فِى خَيْرٍ.تەرجىمىس
1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام&nbs
1. الْحَمْدُ لِلَّهِ وَحْدَهُ وَالصَّلاَةُ والسَّلاَمُ عَلىَ مَنْ لاَ نَبِيَّ بَعْدَهُ.تەرجىم
اللَّهُمَّ لَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ قَيِّمُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ وَلَكَ الْحَمْدُ، لَكَ مُلْكُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ وَمَنْ فِيهِنَّ، وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ نُورُ السَّمَوَاتِ وَالأَرْضِ، وَلَكَ الْحَمْدُ أَنْتَ الْحَقُّ، وَوَعْدُكَ الْحَقُّ ، وَلِقَاؤُكَ حَقٌّ، وَقَوْلُكَ حَقٌّ، وَالْجَنَّةُ حَقٌّ، وَالنَّارُ حَقٌّ، وَالنَّبِيُّونَ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھقا ياكى ئىنسانلاردىن بىرەرسىگە ھاجىتى بولغان ئادەم، ياخشى تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسۇن، ئاندىن ئاللاھقا ھەمدۇ سانا، پەيغەمبەرگە دۇرۇد ئېيتسۇن ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇسۇن:
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار! تۆۋەندە سىلەرگە قانداق قىلغاندا ئائىلىدە بەختلىك بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمەن. ئوقۇپ بەھرىمەن بولغايسىلەر.
ئىسلام دىنىدا ئائىلە بىناسى ئۈچ چوڭ ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بۇ ئاساسلار ئائىلىنى بەختلىك، ھوزۇرلۇق ۋە خاتىرجەم قىلىدىغان مەنىۋىي ئامىللاردۇر. بۇلار جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان سانسىز رەھمەتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر.
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
ئىنساننىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ پايدىلىق مەكتىپى ئائىلىسى. ئىنسان ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ پرىنسىپلىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال ئائىلىسىدە ئۆگىنىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۇن ئائىلە قەدرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرىگە ياخشىلىقلارنى ۋە ھاياتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بىرىنچى بولۇپ ئۆگىتىدىغان ناھايىتى پەزىلەتلىك ۋە پايدىلىق مەكتەپتۇر. ئائىلىنىڭ بۇ ئالىي قىممىتىنىڭ بىلىنىپ قەدىرلىنىشى ۋە مۇھاپىزەت قىلىنىشى لازىم.
ئائىلە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بولغاندەك ياشلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ پايدىلىق بىر مەكتەپ. ئائىلە ھەقىقەتلەر ئەمەلىي شەكىلدە ئۆگىتىلىدىغان بىر ھايات مەكتىپى.
ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلار ئىسلام جامائىتىنىڭ ئەزالىرىدۇر. ئىسلام ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ كىشىلىكىنى ھۆرمەتلەپ، ھەق ـ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.
قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە ئەر ـ ئايال بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ ۋە جانابى ئاللاھنىڭ خىتابى ھەر ئىككىسىگە تەڭ قارىتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز.»[1]