رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Loading...
m017.jpg

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەخلاقى قۇرئان كەرىم ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتا، ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاشتا، ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتا، بارچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئىنسانلارنىڭ ئالدىنقىسى ئىدى. ئۇ گۈزەل ئەخلاق جەھەتتىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىدىكى بارلىق ئىش - ئىزلىرىدا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندىكى ماۋزۇلاردا تېخىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ:

(1) ئاللاھقا قارىتا ئەخلاقى

(2) ئىنسانىيەتكە قارىتا ئەخلاقى

m016.jpg

مەككە ئازات بولغان كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى مەشغۇل ئىدى، ئۇنىڭغا سالام بەرگىلى كەلگەنلەنلەر، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يامانلىقلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغىلى كەلگەنلەر، يېڭىدىن ئىمان ئېيتىپ كەلگەنلەر، ئۇنى ئۇزۇن زامان كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەھۋاللاشقىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇزۇرىغا قوبۇل قىلىپ ئولتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بەكمۇ ياشىنىپ قالغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قېلىپ، كەلگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ شۇ ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، جاپىنىنى يەرگە سېلىپ ئۇنى چاپاننىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ.

m015.jpg

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ "سەھاب" دەپ ئاتىلىدىغان سەللىسى بولۇپ، ئۇنى ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا كەيگۈزۈپ قويغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللىنى بەزىدە بۆكنىڭ ئۈستىگە ئورايتتى، بەزىدە سەللىسىز بۆك كىيەتتى، بەزىدە بۆك كەيمەي سەللە يۆگەيتتى. سەللە يۆگىسە ئۇچچىنى (ھىلاقىسىنى) ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ساڭگىلىتىپ قوياتتى.

m014.jpg

- قىزىل رەڭلىك چاقنىغان يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن يۇلتۇزلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىقى ئاشقانسېرى قىزىل رەڭدىن ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

- رەڭگى قاپقارا يۇلتۇزلارنىڭ قىزىقلىقى يۇقىرى يۇلتۇزلار ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

- جەھەننەم ئوتىنىڭ رەڭگىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئاللاھ ھەممەيلەننى دوزاخ ئوتىدىن ساقلىسۇن، ئامىن.

ھاۋا بوشلۇقى ئالىمى دوكتۇر فارۇق بازنىڭ باياناتى

m013.jpg

ئەبۇ نەزرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "بىز جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا ئىدۇق، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىراق ئەھلىگە ئاشلىق ۋە دىرھەم ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرەپتىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: ئۇنى ئەجەملەر چەكلەيدۇ، دېدى. ئاندىن ئۇ مۇنداق دېدى: شام ئەھلىگە دىنار ۋە ئاشلىق ئېلىپ كېلىنمەسلىكى يېقىندۇر. بىز: كىملەر تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ؟، دېدۇق. جابىر: رىملىقلار تەرىپىدىن، دېدى.

m016.jpg

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبىرىمز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ يەنە قايتا ئىسپاتلىنىشغا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىمىز يوق. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكى قۇرئان – ھەدىس ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىلمىي پاكىت، ئىلمىي ھەقىقەت ۋە مۆجىزىلەر بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقتىن بىز ئۇ زاتنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە تۇلۇق قانائەت قىلىپ مۇسۇلمان بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تەرجىمىھالى

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللانىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن! ئادەم ئەلەيھىسالامدىن تارتىپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىغا دائىر قىسسەلەر «قۇرئان كەرىم» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساماۋى كىتابلارنىڭ گاھلىرىدا تەپسىلى، گاھلىرىدا قىسقىچە بايان قىلىنىپ كەلگەن.

قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلەتلىرى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقا كۈنلەرگە نىسبەتەن، رامىزان ئايلىرىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلەتتى ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشەببۇس قىلاتتى. خۇسۇسەن رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئىبادەتكە قاتتىق بېرىلىشكە ۋە قەدىر كېچىسىنى تېپىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزىمۇ بۇ كۈنلەردە ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنۇتاتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا باشقا كۈنلەردىكىدىن بەك ئىبادەتكە بېرىلەتتى »(مۇسلىم رىۋايىتى).

روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى ۋە روزىدار كىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئەخلاق

ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ھەرقانداق ئەمەل- ئىبادەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان  بىرە ھېكمەتتىن خالى ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ تائالا بارىلىق مەخلۇقاتلارنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا نېمىنىڭ پايدىلىق ۋە نېمىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلگۈچى زاتتۇر، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىك بەخت- سائادىتى ئۈچۈن چۈشۈرگەن مۇقەددەس كىتابدۇر، ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتۇشقا بۇيرىشىدا قانداق پايدا ھېكمەتلەر بار؟ ئۇنىڭ ھېكمىتى تۆۋەندىكىچە: