يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ۋە ئىقتىدارىنىڭ، شەرت – شارائىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.
Loading...