رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

Loading...
Dualar

1. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ»([1]) دەيدۇ.

2. قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىيىم دەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن»([2]).

3. قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭلار»([3]).

Dualar

1. قۇرئاننى تاھارەت بىلەن ئوقۇش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغاندۇر. ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ»([1]) دەيدۇ.

2. قۇرئان ئوقۇشتىن بۇرۇن ئەئۇزۇبىللاھى مىنەششەيتانىررەجىيىم دەپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسە قىلىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەش. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «سەن قۇرئان ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، قوغلاندى شەيتاننىڭ (ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن»([2]).

3. قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇڭلار»([3]).

Dualar

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى __ قۇرئان كەرىم ــ ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك سۆزى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شانلىق مۆجىزىسى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى، ئۇنىڭ تەلىماتلىرى بويىچە ئەمەل قىلىش بىلەن ئىككى ئالەملىك سائادەتلەرگە،  ئۇنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىبادەتنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان ئۇلۇغ كىتابتۇر. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارنى كۇپرى ۋە زالالەتنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىمان ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈلگەن ھىدايەت مەشئىلى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇھەممەد!

Dualar

دۇئا ھېچكىمنىڭ ۋەسىلىسىگە (ۋاسىتىسىگە) مۇھتاج ئەمەس. تىلەكلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىدىن بېۋاسىتە سورىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن»([1]). مازار ـ ماشايىخلاردىن، ئاتالمىش ئەۋلىيا ۋە پىرىلەردىن  ھاجەت سوراش ۋە مەدەت تىلەش ياكى ئۇلاردىن بېرەرسىنى ئاللاھ تائالاغا ۋاسىتە قىلىش جائىز ئەمەس. بۇنداق قىلىش ئاللاھ تائالاغا باشقىلارنى شېرىك قىلغانلىق قاتارىغا كىرىپ قالىدۇ.

Dualar

تىلەكلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۇئا بىلەن سەۋەب ئىككىسى ھەل قىلغۇچ رولنى ئوينايدۇ. بۇ ئىككىسى بىر ـ بىرىدىن قەتئى ئايرىلالمايدۇ. شۇڭىمۇ ئىنسان ئاللاھقا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، قولىدىن كەلگەنچە سەۋەبلەرنى قىلىشقا بۇيرۇلغان.

Dualar

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىجابەت بولغانلىقى ساماۋىي كىتابلار ۋە تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان دۇئالار ئىنتايىن كۆپ. تۆۋەندە بىر قانچە مىسال بېرىمىز: 1. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان. «ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇۋېتىپ ‹پەرۋەردىگارىمز! بىزنىڭ (خىزمىتىمىزنى) قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن (دۇئايىمىزنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، (نىيىتىمىزنى) بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز!

Dualar

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئاللاھنىڭدۇر، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلەرمۇ، ئۇ ئاللاھنىڭ تەرىپىدۇر»([1]). ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن مەخسۇس جاي ۋە ماكان  شەرت قىلىنمىغاندەك، دۇئا ئۈچۈنمۇ مەخسۇس  جاي ۋە ماكان شەرت ئەمەس. بەلكى قانداقلا جايدا بولمىسۇن ئاللاھ تائالاغا قىلىنغان ئىبادەتلەر ۋە دۇئالار ئۇنىڭغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالاغا يېقىن بولۇش جاي ۋە ماكان بىلەن ئەمەس، بەلكى قەلب بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

Dualar

ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالاغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. دۇئا قىلىش مەنئى قىلىنغان بېرەرمۇ ۋاقىت يوقتۇر. بىراق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلار دېيىلگەن بەزى ئەۋزەل ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. سەجدىگە بارغان ۋاقىت. ئاللاھ تائالا سەجدىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلەرنى ئاللاھتىن سوراپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا سەجدە قىلغىن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن»([1]).

Dualar

دىنىمىزدا بەلگىلەنگەن ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى ۋە شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئەدەبلىرى باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1. دۇئانى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ سانا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىش بىلەن باشلاش. ئاندىن ھاجەتلىرىنى سوراش.

Dualar

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى تەرك قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، دۇئانى تەرك ئېتىشمۇ گۇناھتۇر. چۈنكى دۇئا- ئىبادەتتۇر. مۇپەسسىرلەر ئاللاھ تائالانىڭ «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. مېنىڭ ئىبادىتىمدىن باش تارتقۇچىلار خورلانغان ھالدا دۇزاخقا كىرىدۇ»([1])  دېگەن سۆزىنى، ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئۆزلىرىنى بىھاجەت سانىغانلار بولۇپ، ئۇلار خورلانغان ھالدا دوزاخقا ھەيدىلىدۇ، دەپ تەپسىر قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتىكى ئىبادەت سۆزىدىن دۇئا مەقسەت قىلىنىدۇ.