رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

m034.jpg

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ:

ئاجىز مۇئمىندىن كۈچلۈك مۇئمىن ياخشى ۋە ئاللاھقا سۆيۈملۈكتۇر، (ئاجىز - كۈچلۈك) ھەممىسىدە ياخشىلىق بار، ساڭا پايدىلىق ئىشلانى قىلىشقا ھېرىس بولغىن، ئاللاھدىن ياردەم تىلىگىن، ئاجىز بولمىغىن، ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت يەتسە: ئەگەر مەن مۇنداق قىلغان بولسامكەن، ئۇنداق قىلغان بولسامكەن دېمىگىن، لېكىن: ئاللاھ (شۇنداق بولىشىنى) تەقدىر قىپتۇ، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدۇ، دېگىن. چۈنكى ئەگەر دېگەن سۆز شەيتاننىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىشىكىنى ئاچىدۇ [ئىمام مۇسلىم، ئىبنى ماجە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىقلار رىۋايىتى]

ھەدىسنىڭ شەرھىسى:

مۇئمىن-مۇسۇلمان ئىمانلىق، بىلىملىك، ئەقىل - پاراسەتلىك، كۈچ - قۇۋۋەتلىك، شىجائەتلىك، سەۋرلىك، ئىشەنچىلىك، سېخىلىك، ئىپپەتلىك، تىرىشچانلىق، كۆيۈمچانلىق قاتارلىقلارغا ئوخشىغان خىسلەتلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ، پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ھېرىس بولۇپ، پايدىسىز، بىھۇدە ئىشلاردىن يىراق تۇرىدۇ، ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھ تائالادىن ياردەم تىلەيدۇ، ئۇنىڭدا كۈچلۈك ئىرادە، ئالى ھىممەت بولغان بولۇپ، ياخشى ۋە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشتىن ھەرگىز ئاجىز كەلمەيدۇ، بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىسا: ئەگەر ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاركەن، دەپ قولدىن كەتكەن ئىشقا ئۆزىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىپ ھەسرەت چەكمەيدۇ، ھەر ئىشتا ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈم ۋە تەقدىرىگە رازى بولۇپ، شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئورۇن بەرمدۇ. چۈنكى ئۇ بۇنداق سۆزلەرنىڭ شەيتاننىڭ ھەرىكەت دەرۋازىسىنى ئاچقاندىن باشقا، ئىنسانغا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئەكسىچە ئىنساننى پەيدا بەرمەيدىغان پۇشايمان ۋە ھەسرەت ھالاكىتىگە يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. مانا بۇ خىسلەتلەر بىلەن مۇئمىن-مۇسۇلمان باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

ئاجىز مۇئمىنگە قارىغاندا، ئەقلىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن كۈچلۈك مۇئمىننىڭ قولىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپلىگەن ياخشىلىقلار كېلىدىغان بولۇپ، بۇنداق مۇئمىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر، ئاللاھقا سۆيۈملۈكتۇر، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن شەرەپتۇر.

بۇ ھەدىس مۇئمىن - مۇسۇلمانلارنىڭ ياخشى خىسلەتلەرنى بولۇپمۇ ئەقلىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە كۈچلۈك بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئوچۇق چاقرىقتۇر.

بۇ ھەدىستىكى كۈچ - قۇۋۋەتتىن ئەقلىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىكى كۈچ - قۇۋۋەت مەقسەت قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەقلىي، روھىي تەرەپتىنمۇ كۈچلەنمەستىن پەقەت جىسمانىي جەھەتتىنلا كۈچلۈك بولۇش ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ماختاشقا ئەرزىمەيدۇ. پەقەت جىسمانىي جەھەتتىنلا كۈچلۈك بولغان ئەمما ئەقلىي ۋە روھىي جەھەتتىن تۈگەشكەن زالىملارنى ئاللاھ تائالانىڭ ئەيىبلىگەنلىكى ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازابلار بىلەن ھالاك قىلغانلىقى قۇرئان كەرىمدە بىر قانچە ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد ـ كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟. بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى. شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى ئاللاھ قانداق جازالىدى. شۇنىڭدەك قۇزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى. ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى. ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى سۈرە فەجر 6-13.

كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئسلامدىكى ئورنى:

ئىسلامدا بۇ خىلدىكى كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ ئورنى يۈكسەكتۇر. چۈنكى ئۇ ئىسلامغا خىزمەت قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولىدۇر. بۇ خىلدىكى كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە مۇئمىن - مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنىغا تولۇق ئەمەل پۇرسىتىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت - شەرىپىنى قوغدىيالايدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە كۈچ - قۇۋۋەتنى بىر قانچە ئورۇندا مەدھەيلىشىنىڭ ۋە ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە بۇيرىشىنىڭ سىرىمۇ شۇ بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئاد قەۋمىگە كۈچ - قۇۋۋەت بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى قەۋمىم! پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇ كۆپ يېغىن ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، سىلەرگە تېخىمۇ كۈچ ـ قۇۋۋەت بېرىدۇ سۈرە ھۇد 52- ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ئاللاھ تائالا يەنە مۇئمىن - مۇسۇلمانلارنى كۈچ - قۇۋۋەت تەييارلاشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ: دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ - قۇۋۋەت تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر، ئۇلارنى سىلەر تونۇمايسىلەر، ئاللاھ تونۇيدۇ سۈرە ئەنفال 60- ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كۆپ ۋاقىتلاردا: ئى ئاللاھ، ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھۇرۇنلۇقتىن پاناھلىق تىلەيمەن دەپ دۇئا قىلاتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاجىز مۇئمىندىن كۈچلۈك مۆمىن ياخشى ۋە ئاللاھ تائالاغا سۆيۈملۈكتۇر دېگەن سۆزى ئەقلىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىكى كۈچ - قۇۋۋەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە ئىشارەتتۇر.

كۈچ - قۇۋۋەتنىڭ پىتنىخورلارنىڭ پىتنىسىدىن، مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامىتىدىن قورقماي ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلاردىن توسالايدىغان جۈرئەتلىك بولۇش، ھەقىقەت يولىدا تەۋرەنمەي كۆرەش قىلىش، ھەقىقەت يولىدا يەتكەن مۇشەققەت ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلىش، ئىبادەتلەرنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز نۇرغۇن پايدىلىرى بار.

كۈچ - قۇۋۋەتكە قانداق ئېرىشكىلى بولىدۇ؟

كۈچ - قۇۋۋەتكە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشىش مۇمكىن:

1- ھەرقانداق سۆز ۋە ئىش - ھەرىكەتنى پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ قىلىش، ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا بېغىشلاش ۋە جۈرئەتلىك بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر ئەنئام سۈرىسى 162- ئايەت.

ئاللاھ تائالا ئەسھابۇل كەھفىنىڭ ئەھۋالىنى ھېكايە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: {ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (يەنى ئىرادىسىنى) مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئىمانسىز زالىم پادىشاھ ئالدىدا) دەس تۇرۇپ ئېيتتى: بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز (ئاللاھنىڭ شېرىكى بار) دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز}. كەھف سۈرىسى 14- ئايەت.

2- ھەرقانداق ئىشتا ئاللاھقىلا تايىنىش. نەپسى بىلەن كۆرەش قىلىپ، بۇ مەرتىۋىگە يەتكەن كىشى چوقۇمكى بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: (لا ھەۋلە ۋە لا قوۋۋەتە ئىللا بىللاھ) نى كۆپ ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەت خەزىنىلىرىدىن بىر خەزىنىدۇر دېگەن سۆزى بۇنىڭغا ئىشارەت بولسا كېرەك.

3- ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلماسلىق. چۈنكى ئۆزىنى ئاجىز دەپ قارىغان كىشى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ - دە، جۈرئىتى ئاجىزلاپ، مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىدۇ.

4- پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا ھېرىس بولۇش. چۈنكى ئىنسانىيەتكە ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىنمۇ مەنپەئەتلىك نەرسە يوق!

5- ئىسلامدا پەرز قىلىنغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا، نەپلە ناماز، نەپلە روزا، نەپلە سەدىقە، زىكرى - تەسبىھ، دۇئا - ئىستىغپار ۋە قۇرئان ئوقۇش قاتارلىق نەپلە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش. ھەدىس قۇدۇسىيدا مۇنداق كەلگەن: بەندەم مەن پەرز قىلغان ئىبادەتتىنمۇ سۆيۈملۈكراق بىر ئىبادەت بىلەن ماڭا يېقىنلىق ئىزدىمىدى، بەندەم نەپلە ئىبادەتلەر بىلەن داۋاملىق ماڭا يېقىنلىق ئىزدىسە مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى، ماڭىدىغان پۇتى بولىمەن، ئۇ مەندىن نېمىنى سورىسا شۇنى بېرىمەن، نېمىدىن پاناھلىق تىلىسە شۇنىڭدىن پاناھلىق بېرىمەن. [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

6- تۇرمۇشتا راھەت - پاراغەتكە بېرىلمەسلىك. چۈنكى راھەت - پاراغەتكە بېرىلگەن ئادەمدە كۈچلۈك ئىرادە، ئالى ھىممەت دېگەنلەردىن ئەسەر بولمايدۇ، ئۇنداق ئادەم ھېچ ئىشقا يارىمايدىغان، كېرەكسىز بولۇپ قالىدۇ. باينىڭ بالىسى، كەمبىغەلنىڭ كالىسى كېرەك كەلمەيدۇ دېگەن سۆز تەجرىبىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تارقالغان سۆز بولىشى مۇمكىن.

7- ئىلگىرى ئۆتكەن ياخشى كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىش. چۈنكى ياخشى كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ تۇرۇش ئىنسانغا ئەقلىي، روھىي ۋە جىسمانىي تەرەپلەردىن كۈچ - قۇۋۋەت بېغىشلايدۇ.

8- ئۆزى ۋە تەبىئەت ھەققىدە داۋاملىق پىكىر قىلىش. چۈنكى بۇ ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇتۇپ ئىنساننى كىبرى، مەغرۇرلىقتىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئىنساننى كامالەت يولىغا باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {زېمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا ئاللاھقا چىن ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، (بۇنى) كۆرمەمسىلەر}. زارىيات سۈرىسى 20-، 21- ئايەتلەر.

9- ئىلىم - مەرىپەت، ۋەز - نەسىھەت سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ تۇرۇش. چۈنكى بۇ ئىنساننىڭ تىنچلىق، راھەت ۋە رەھمەت ئىچىدە بولىشىغا بەلكى پەرىشتىلەر ئارىسىدا نامى تىلغا ئېلىنىشىغا سەۋەپ بولغىنىدىن سىرىت، ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرىنى ۋە بۇ ئەيىب نۇقسانلاردىن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: بىر جامائەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆيلىرىدىن بىر ئۆيدە ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىسا ۋە ئۇ كىتابنى ئۆز ئارا دەرس قىلىشسا، چوقۇمكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تىنچلىق چۈشىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ياپىدۇ، پەرىشتىلەر قورشاپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ياخشى نامىنى تىلغا ئالىدۇ [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى]

10- ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش. چۈنكى ياخشى كىشىلەر ئىشلىرىڭىزدا سىزگە ياردەم بېرىدۇ، ئۇنتۇپ قالغان ئىشلىرىڭىزنى ئېسىڭىزگە سېلىپ قويىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا ياخشىلىق قىلىشنى خالىغان كىشىگە ياخشى دوستنى ئۇچرىتىدۇ، ئۇ كىشى ئۇنتۇپ قالسا ياخشى دوست ئېسىگە سېلىپ قويىدۇ، ئېسىدە بولسا ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

11- يامان ئىشلاردىن يىراق بولۇش. چۈنكى يامان ئىشلار ئەقىل، رۇھ ۋە جىسىمغا زىيان يەتكۈزگەندىن سىرىت، دىن ۋە ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

12- ئوق ئېتىش، سۇ ئۈزۈش، چېلىشىش قاتارلىق مۇسكۇللارنى كۈچەيتىدىغان بەزى جىسمانىي تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش. چۈنكى ساغلام ئەقىل ۋە ساغلام روھ پەقەت ساغلام جىسىمدا بولىدۇ.

بۇ ھەدىستىن دەۋەت ۋە تەربىيە جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك پايدىلار ئېلىنىدۇ:

1- ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەببىتىگە، مەغپىرىتىگە ۋە رىزاسىگە ئېرىشكەندىن سىرت، مۇھىم مەجبۇرىيەتلەرنى ئىجرا قىلىشقا قادىر بولالىغۇدەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەقىل، روھ ۋە جىسىمنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

2- ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراش ئارقىلىق ئاجىزلىق، ھۇرۇنلۇقتىن ئازات بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

3- پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىش، پۇرسەت قولدىن كەتكەندىن كېيىن ئۇنداق قىلسام بوپتىكەن، مۇنداق قىلسام بوپتىكەن، دەپ ھەسرەتلىنىپ ئۆزىنى ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىپ، شەيتاننى خۇرسەن قىلماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى.

4- ئاغزىدا ئىسلامنى دەۋا قىلىپ قويۇپ، ئىچىدە كۇفرىنى، ئازغۇنلۇقنى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىكنى ساقلايدىغانلارنىڭ يەر يۈزىنى تولدۇرۋەتكىنىدىن دەۋەت ۋە ھەقىقەت يولىدا كۆرەش قىلىشتىن ئاجىز كەلسىمۇ ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك قۇلچىلىقىنى ئادا قىلغان مۇئمىن - مۇسۇلماننىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى.

ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى.