پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى
ھەزرىتى ھەبقوق ئەلەيھىسسالام فاران تېغىدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرنىڭ چىقىدىغانلىقى بىلەن بېشارەت بېرىپ: فاران تېغىدىن ئۇلۇغ، پاك پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى پۈتۈن ئاسمانلارنى قاپلايدۇ، ئۇنىڭ ۋە ئەگەشكۇچىلىرىنى
فاران تېغىدىن چىقىدىغان، ئۇنىڭ ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى
فاران سۆزىدىن نېمىنىڭ ۋە قەيەرنىڭ مەقسەت قىلىنىدىغانلىقى
مانا شۇنىڭدەك پەيغەمبەرلىك ئەڭ گۈزەل بىر شەكىلدە نامايان بولدى، ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى
بۇنىڭغا ئوخشىغان ئوچۇق ۋە كۈچلۈك بېشارەتلەر ئەھلى كىتابتىن بولغان ئىنساپ ئىگىلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا
ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئابدۇللاھ ئىبنى سالام: مەن پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئىمام سىندىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
سەھىھۇلبۇخارىدا
پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: بۇلار ھەققىدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ماڭا ھازىر خەۋەر بەردى. قىيامەت ئالامەتلىرىنىڭ ئەۋۋىلى شۇكى، ئوت خالايىقلارنى مەشرىقتىن مەغرىبكە قوغلايدۇ، جەننەت ئەھلى يەيدىغان تائامنىڭ ئەۋۋىلى بولسا، بېلىق جىگىرىنىڭ پارچىسىدۇر، بالىدىكى ئوخشاشلىق بولسا، ئەر ئايال بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، ئەرنىڭ سۈيى بۇرۇن كەلسە بالا دادىسىغا ئوخشاش توغۇلىدۇ، ئايالنىڭ سۈيى بۇرۇن كەلسە بالا ئانىسىغا ئوخشاش توغۇلىدۇ دېگەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام: ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىڭىزگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، دېگەن.
ئاندىن ئابدۇللاھ ئىبنى سالام: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، يەھۇدىلار بوھتانچى قەۋمدۇر، ئەگەر ئۇلار مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى سىز ئۇلاردىن مەن توغرىلىق سوراشتىن ئىلگىرى بىلسە، ئۇلار ماڭا ھۇزۇرىڭىزدىلا بوھتان قىلغىلى تۇرىدۇ، دېگەنىدى. يەھۇدىلار كەلگەندە ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام بىلەن ئۇلار ئارىسىدا مۇنداق دىئالوگلار بولغانىدى.
- پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: ئابدۇللاھ ئىبنى سالام قانداق ئادەم؟
- يەھۇدىلار: ئالىمىمىز ۋە ئالمىمىزنىڭ ئوغلى، ئارىمىزدىكى ئەڭ ياخشى كىشى ۋە ئەڭ ياخشى كىشىنىڭ ئوغلى.
- پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام: ئەگەر ئابدۇللاھ ئىبنى سالام مۇسۇلمان بولسىچۇ؟
- يەھۇدىلار: ئۇنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسون.
دەل بۇ ۋاقىتتا ئابدۇللاھ ئىبنى سالام ئۆيدىن چىقىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، دېگەن.
يەھۇدىلار: ئابدۇللاھ ئارىمىزدىكى ئەڭ يامان كىشى ۋە ئەڭ يامان كىشىنىڭ ئوغلىدۇر، دەپ ئۇنىڭغا تىل ئۇزۇتۇشقا باشلىغان. [بۇخارى رىۋايىتى].
ئىلگىركى كىتابلارنىڭ ئالىمى ئابدۇللاھ ئىبنى سالامنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنىڭ
جامائەت ئۇنىڭغا: سىز ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن جەننەت، دوزاخ بار بىر دۇنياغا قايتا تىرىلىپ، ئىش - ھەرىكەتلىرى بويىچە، جازا - مۇكاپات بېرىلىدۇ، دەپ قارامسىز؟ دېدى.
ئۇ: قەسەم قىلىنىدىغان زات بىلەن قەسەمكى، شۇنداق بولىدۇ، دېدى.
ئۇلار: ئۇنىڭ دەلىلى نېمە؟ دېگەندە ئۇ: مۇشۇ شەھەر تەرەپتىن بىر پەيغەمبەر ئەۋەتىلىدۇ، دەپ مەككە ۋە يەمەن تەرەپكە ئىشارەت قىلدى.
جامائەت: ئۇ پەيغەمبەر قاچان چىقىدۇ؟ دېدى.
ئۇ: بۇ يىگىت قېرىغانغا قەدەر ياشىغان تەقدىردە ئۇ پەيغەمبەرنى تاپىدۇ، دەپ، مېنى كۆرسەتتى. ۋاھالەنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكى ئىدىم.
ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ يەھۇدى ئارىمىزدا ھايات ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ئەۋەتتى، بىز ئىمان ئېتتۇق، بۇ يەھۇدى ھەسەت قىلىپ ئۇنى ئىنكار قىلدى.
بىز: ئى پۇلانى! ئۇ پەيغەمبەر ھەققىدە بىزگە نۇرغۇن سۆزلەرنى ئېيتمىغانمىدىڭى
ئۇ ھەقىقەتەن ئۆزى تونۇغان، بىلگەن ۋە بېشارەت بەرگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى), ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى
ئۇلار كۆتكەن پەيغەمبەرنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇغىنىدىن كېيىن ئىنكار قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ) ئىمان ئېيتمايدۇ. سۈرە ئەنئام 20- ئايەت.
ئەھلى كىتاب بىشارەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا
بۇنىڭدا ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامدى
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىشارەت بەرگەن بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ پەيغەمبەرگە ئاللاھنىڭ بارلىق ۋەسىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھيى ئاتا قىلىدىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىشارەت بەرگەن بۇ پەيغەمبەر كىم؟
شەكسىزكى ئۇ ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى
مانا شۇنىڭغا ئوخشىغان تەۋرات خەۋەرلىرى بىلەن مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىدىن بولغان قوشنىلىرىغا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇ پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ، مەدىنە ئەھلى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالاتتى.
ئىبنى ئىسھاق رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بەزى ئەنسارلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: بىزنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىمىزغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئاللاھنىڭ بىزنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشى بىلەن بىرگە، بۇتپەرەس، مۇشرىك ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرى بىلەن كىتاب ئەھلى بولغان يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بەرگەندە يەھۇدىيلاردىن: يېقىندا بىر پەيغەمبەر ئۆتتۇرىغا چىقىدۇ، بىز ئۇ پەيغەمبەر بىلەن سىلەرنى ئاد ۋە ئىرم قەۋمىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىمىز دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىغانلىقىمىز
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ئەۋەتكەندە، بىز ئۇ پەيغەمبەرنىڭ يەھۇدىيلار بىزگە تەھدىت قىلغان پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلار كاپىر بولدى، ئاللاھ بىز ۋە ئۇلار ھەققىدە بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى), ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى
قاتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: يەھۇدىيلار ئىلگىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى
مەدىنىدىكى يەھۇدى ئۆلىمالىرىدىن ئىبنى ھەيبان پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئىبنى ئىسھاق بەنى قۇرەيزىلىك بىر شەيخنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: ئىبنى ھەيبان دېيىلىغان بىر يەھۇدى ئالىم شامدىن كېلىپ مەدىنىدە يەرلەشكەن، بىز ئۇنىڭدەك ياخشى ئىبادەت قىلىدىغان ئادەمنى كۆرمىگەنىدۇق، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام ئەۋەتىلىشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى كەلگەنىدى، بىز يامغۇر ياغماي قەھەتچىلىكتە قالغان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭدىن يامغۇر تەلەپ قىلىپ، دۇئا قىلىشنى سورايتتۇق، ئۇ بىرەر سا خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى، بىز ئۇنىڭ دېگىنىنى بەرگەندىن كېيىن، ئۇ يامغۇر تەلەپ قىلىپ، دۇئا قىلاتتى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇئا قىلاتتۇق، ئۇ دۇئادىن قولىنى يىغماستا ئاسماندىن يامغۇر قويۇلۇشقا باشلايتتى.
ئۇ ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتقاندا بىز ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلغانىدۇق، ئۇ: ئى يەھۇدىيلار جامائىتى! ھاراق - شاراب يۇرتى بولغان شامدىن ئاچارچىلىق زېمىنى بولغان يەسرەبكە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسىلەر؟ دېدى. بىز: ئۇنى ئۆزىڭىز ياخشى بىلىسىز، دېدۇق. ئۇ: مەن بۇ يۇرتقا پەقەت يېقىندا چىقىدىغان بىر پەيغەمبەرنى دەپلا كەلگەنىدىم، بۇ شەھەر ئۇ پەيغەمبەر ھىجرەت قىلىدىغان شەھەردۇر. ئى يەھۇدىيلار جامائىتى! ئۇ ئوتتۇرىغا چىققاندا ئۇنىڭغا دەرھال ئەگىشىڭلار، باشقىلار ئالدىڭلارغا ئۆتۈپ كەتمىسۇن!. ئۇ قارشىلاشقانلارن
قۇرەيزە پەتھى قىلىنغان كېچىسى ئۇچ نەپەر يەھۇدى قورغان ئىچىدىن چىقىپ: ئى يەھۇدىيلار جامائىتى! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى ئۇ، ئىبنى ھەيبان سىلەرگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن كىشىدۇر، دېگەن. يەھۇدىيلا: ئۇ ئەمەس، دېگەن. ئۇلار: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، ئۇ سۈپەتلەپ بەرگەن كىشىنىڭ دەل ئۆزىدۇر، دەپ قۇرغاندىن چۈشۈپ، مۇسۇلمان بولغان. [ئىبنى ئىسھاق، ئىبنى ھىشام ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلغان].
ھەقىقەت مانا مۇشۇنداق قۇياش نۇرىدەك ئوچۇق پارلىماقتا، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى پەيغەمبەر ئەلەيىسسالامنىڭ
ئاللاھ تائالا ئىلگىركىلەرنىڭ كىتابلىرىدا بىشارەتلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلاردىن مۇئمىن - مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ زور بەخىتكە ئېرىشىدىغانلىقى