رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

1713. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : << ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەندەم مېنى ئۆزىگە قارىتا قانداق ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن . ئۇ مېنى مەخپى ئەسلىسە ، مەن ئۇنى مەخپى ئەسلەيمەن ، ئۇ مېنى جامائەت بار يەردە تىلغا ئالسا ، مەن ئۇنى ئۇ جامائەتتىنمۇ ياخشى جامائەت بار يەردە تىلغا ئالىمەن . ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن . ئۇ ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر غولاچ يېقىنلىشىمەن . ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە ، مەن ئۇنىڭغا يۈگۈرۈپ بارىمەن >>①__ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان.

------------------------------------------------

①ئۇشبۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان سۆزلەر ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە ئاللاھ تائالاغا قانداق ئىمان ئېيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ . مۇئەللىپ بۇ يەردە بىر نەچچە ھەدىسشۇناسنىڭ ئىزاھاتىنى نەقىل كەلتۇرىدۇ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە :<< مېنىڭ بەندەم مېنى ئۆزىگە قارىتا قانداق ئويلىسا ، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن>> دىكى << ئىشىنىش >>، سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىنى تېپىش ، پەرەز قىلىش دەپ قاراشتىن ئىبارەت . <<قۇرئان كەرىم>> دە ئويلاش ئىشىنىش مەنىسىدە قوللىنىلغان . خۇددى : << ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ، ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى>>(9:118) غا ئوخشاش. بۇ يەردە <<ئىشىنىش>> مەنىسىدە قوللىنىلغان قۇتۇبى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ: :<< مېنىڭ بەندەم مېنى ئۆزىگە قارىتا قانداق ئويلىسا >> دېگەننىڭ مەنىسى بەندىلەرنىڭ دۇئا قىلسا ، ئاللاھنىڭ ئىجابەت قىلىدىغانلىقى ، تەۋبە قىلسا مەقبۇل قىلىدىغانلىقى ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ، بەندىلەر شارائىتقا يارىشا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئاللاھ تېگىشلىك ئەجىر بېرىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت . سەۋەبى شۇكى ، بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا ئىشىنىدىغانلىقى راستتۇر . << ئاللاھقا دۇئا قىلساڭلار ، دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار >>، دىگەن ھەدىسمۇ مۇشۇ ئىزاھاتنى قۇۋۋەتلەيدۇ . شۇڭا بەندىلەر ئامالىنىڭ بارىچە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى مەقبۇل قىلىدىغانلىقىغا ، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىغا قەتئىي ئىشىنىشى لازىم . << مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىمەن >>. بۇ دىگەنلىك ئاللاھ ئۆزىنىڭ سەزگۈسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بىللە ، جىسمى بىلەن بىللە دىگەنلىك ئەمەس . <<قۇرئان كەرىم>> دە ئاللاھ تائالا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دىگەن : << سىلەر قورقماڭلار ، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى ئ\ڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغانلىرىنى ) كۆرۈپ تۇرىمەن>> . (قۇرئان كەرىم120:46) ئۇشبۇ ئايەتتە <<كۆرۈپ تۇرىمەن، ئاڭلاپ تۇرىمەن>> ئارقىلىق <<سىلەر بىلەن بىللە>> دىگەن مەنا ئىزاھلانغان. 13-ئەسىردىكى ھىندۇنىزىيە فىقھىشۇناس ئالىمى ئىبىنى ئەبى جەمۇر مۇنداق دەيدۇ : << ئاللاھ زىكرى قىلغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى ۋە نىيىتىگە قاراپ ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ>>. بۇ خىل زىكىر بەلكىم ئېغىزدىلا بولىشى مۇمكىن ۋە بەلكىم قەلبىدە بولىشىمۇ مۇمكىن ۋە ياكى ئىككى تەرەپ ئوخشاش قىلىشى ياكى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغان ۋە ئاللاھنىڭ چەكلىگىنىدىن يېنىش ئارقىلىق بولىشىمۇ مۇمكىن . <<ئەگەر ئۇ ماڭا مەخپىي زىكىر ئېيتسا ، ،مەن ئۇنىڭغا مەخپىي ساۋاپ بىرىمەن>>. بۇ دىگەنلىك بەندىلەر يوشۇرۇن ھالدا ئاللاھنىڭ پاكلىغى ۋە مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلسا ، ئاللاھ تائالامۇ يوشۇرۇن رەۋىشتە بەندىلىرىگە ئىنئام ۋە مېھىر - شەپقەت ھەدىيە قىلىدۇ . ئىبىنى ئەبى جەمۇر مۇنداق دەيدۇ : << بۇ ھەدىس <قۇرئان كەرىم> دىكى < مېنى (تائەت - ئىبادەت ) بىلەن ياد ئەتسەڭلار ، مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاپ بېرىش ، مەغپىرەت قىلىش ) بىلەن ياد ئېتىمەن> دىگەن ئايەت بىلەن يېقىن بولىشى مۇمكىن . يەنى سىلەر ئىززەت - ئېھتىرام بىلەن مېنى ياد ئەتسەڭلار مەن شاپائەت ، ئىنئام بىلەن ياد ئېتىمەن >>، ئاللاھنى زىكىز قىلىش ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ بىر مۇھىم شەكلىدىن ئىبارەت . كىمنى قورقۇنۇش ، تەشۋىش چىرمىۋالسا ئاللاھنى ياد ئەتسۇن ، ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ. كىمكى يالغۇزلۇق ھېس قلسا، ئاللاھنى ياد ئەتسە ، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن قىلىدۇ . <<قۇرئان كەرىم>> مۇنداق دېيىلىدۇ : <<(تەۋبە قىلغانلار) ئىمان ئېيتقانلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ . بىلىڭلاركى ، دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ >> (قۇرئان كەرىم13:28). ئەگەر ئۇ ماڭا جامائەت بار يەردە زىكىر ئېيتسا ، مەن ئۇنىڭغا ئۇ جامائەدىنمۇ ياخشى جامائە بار جايدا ساۋاپ بىرىمەن>>. بەزى ئۆلىمالار شۇنداق دەپ قارايدۇكى ، بۇ ھەدىس پەس ئاۋازدا ئاللاھنى زىكىز قىلىشنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن كۆپ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ جۈملە بىلەن ئالدىنقى جۈملە بىرلەشتۇرۇلگەندە ، مۇنداق ئىزاھات بېرىشكە بولىدۇ: << ئۇ يوشۇرۇن رەۋىشتە مېنى زىكرى قىلسا، مەن ھېچقانداق كىشى ئويلاپ باقمىغان ساۋاپ بىلەن ئۇنى ياد ئېتىمەن، ئەگەر ئۇ ئاشكارا رەۋىشتە مېنى زىكرى قىلسا، مەن پەقەت ئەرشتىكى پەرىشتىلەر بىلىدىغان ساۋاپ بىلەن ئۇنى ياد ئېتىمەن . << ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا ، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن...ئگەر ئۇ ماڭا مېڭىپ كەلسە، مەن ئۇنىڭغا يۈگرەپ بارىمەن>>، قەيت قىلىنغان. <<يېقىن>> ، <<مېڭىش>> ، <<ئاستا مېڭىش>> ، <<تېز قەدەم>> قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ھەرىكەت-ھالەتلىىنى بىلدۇرىدۇ. بۇلارنىڭ خەت مەنىسى بولسا بەدەننىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئالغا سىلجىشىدىكى ئارىلىقتىن دىرەك بېرىدۇ. بىراق پاك ، ئۇلۇغ ، ھېچقانداق نەرسە ئوخشاش ، تەڭداش بولالمايدىغان زات ئاللاھنى بۇنداق سۈپەتلەشكە بولمايدۇ . شۇڭا بۇنداق ئاتاش بىر خىل ئىستىئارە (كىنايە) بولغانلىقتىن ، يۇقۇرىقى باياننى خەت مەنىسى بىلەن چۈشىنىشكە بولمايدۇ . كىنايە ئىشلتىش بولسا ئەرەبلەرنىڭ تىلىدىكى بىر خىل دائىملىق ئۇسۇل. شۇڭلاشقا <<بەندىلەرنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشى>> ئاللاھقا مېڭىپ بېرىشى ئەمىلىيەتتە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەرىز قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلىىنى ئورۇنلاش ، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق روھېي جەھەتتىن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە يېقىنلىشىشى ، بەندىلىرىگە يۈگۈرۈپ كېلىشى بولسا، ئەمىلىيەتتە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە ئەجىر بەرگەنلىكى، مىھىر - شەپقەت ، ئىنئاملىرى بىلەن بەندىلىرىگە ھەرۋاقىت كۆيۈمچان ، مېھرىبان بولىشىدۇر.