رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( ساڭا ئەگەشكەن مۆمىنلەرگە مۇلايىم بولغىن). ( ئى مۆمىنلەر سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بۇلىدىكەن اللھ (ئۇنىڭ ئورنىغا) اللھ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ ئاللاھ نى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگە كۆيۈنىدىغان، كافىرلارغا شەپقەتسىز، ئاللاھ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ). ( ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن،(ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ـ ئارا تونۇشۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اللھ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېساپلىنىسىلەر). 


( سىلەر ئۆزەڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ). ( ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بۇلۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دۇزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تۇنۇيدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: «توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟» دەپ توۋلايدۇ. (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر اللھ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ)).


1/602 ـ ئىياز ئىبنى ھىمار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ماڭا: بىرسى ـ بىرسىگە چوڭچىلىق قىلمايدىغان، بىرسى ـ بىرسىگە زۇلۇم قىلمايدىغان ھالەتتە كەمتەر بولۇڭلار دەپ ۋەھىي قىلدى». [مۇسلىمدىن]