رەھمەت پەيغەمبىرى تور بېكىتى

ئىسلام دۇنيا ئىتتىپاقى - رەھمەت پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ۋە تۇنۇشتۇرۇش خەلقئارالىق ھەيئىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆئمىنلەر ! تائەت-ئىبادەتنى مۇشاقەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەبىر قىلىڭلار . سۈرە ئال ئىمران 200-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: بىز سىلەرنى بىز ئاز قورقۇنچ بىلەن ، بىر ئاز قەھەتچلىك بىلەن ۋە ماللىرىڭلارغا ،جانلىرىڭلارغا ،باللىرىڭلارغا ، زىرائەتلىرىڭلارغا يىتىدىغان زىيان بىلەن چۇقۇم سىنايمىز.سەبىر قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇش بىشارەت بەرگىن.   بەقەرە 155-ئايەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: پەقەت سەبىر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ.  زۇمەر 10- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئەزىيەتكە سەبىر قىلسا،ئىنتىقام ئالمىسا بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇب ئىشلادىندۇر ..   شۇرا  43- ئايەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆئمىنلەر ! سەۋىر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللدۇر .    بەقەرە  153-ئايەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە سىنايمىز ، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە،سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر .   مۇھاممەد 31- ئايەت

1- ئەبۇ مالىك ھارىس ئىبنى ئاسىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر،ئاللاغا ھەمدە ئېيتىش تارازا-مىزاننى توشقۇزىدۇ،ئاللاھنى پاك دەپ بىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەمدە ئېيتىش(سۇبھانەلاھى ۋەلھەمدۇلىللاھى) دىيىش ئاسمان زىمىننىڭ ئارىسىنى توشقۇزىدۇ،ناماز ئىنسانغا نۇر بېغىشلايدۇ ،سەدىقە بېرىش ئىنساننىڭ ئىمانىغا پاكىتتۇر ، سەۋىر قىلىش چىداملىقنىڭ ئىپادىسىدۇر .قۇرئان سېنىڭ پايدا -ياكى زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر ، ھەر قانداق ئىنسان سەھەردىن باشلاپ ئۆز ئىشىغا ماڭىدۇ ، ئۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ ، ئۇ ياخشى ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزىدۇ ، ياكى يامان ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ .  مۇسلىم